باش بەت > جۇغراپىيە > باياۋان
7سېنتەبىر

باياۋان

«باياۋان» دىگەن نىمە؟

什么是叫“草原”?

ئاپتورى: ئا. رەھمەتۇللا بوستاني 

بايان ئاۋۋال

ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «باياۋان» دىگەن بىر سۆز بار. بۇنىڭ مەنىسىنى، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە مۇنداق ئىزاھلىغان: «باياۋان (باياۋانى) ئى [پ]،مەھەللە يۇرتتىن يىراق بولغان ۋە ئادەم ياشىمايدىغان سۇسىز چۆل؛ سەھرا،دەشىت». دىمەك، بۇ ئىزاھاتتا، «باياۋان» دىگەن سۆز، پارىسچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشكەن ئىسىم سۆز بولۇپ، «چۆل»، «سەھرا»، «دەشىت» نى كۆرسۈتىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.

«باياۋان» دىگەن سۆزنى بۇ خىل ئىزاھلاش، مىنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، بۇ نىمىنىڭ ئىسمى؟ بۇنىڭغا ئىزاھ بېرىلمىگەن. يەنە كىلىپ، باياۋان بىلەن چۆل، سەھرا، دەشىتنى تەڭداش مەنىدىكى ئورۇنغا قويۇپ، باياۋان، چۆل، سەھرا، دەشىت دىگەن تۆرت ئىسىم سۆزنىڭ ئۇقۇمىنى مۇجىمەللەشتۈرگەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، باياۋان دىگەن نىمە؟، بۇنىڭ، چۆل، دەشىت، سەھرا دىگەن سۆزلەر بىلەن پەرقى بارمۇ؟، باياۋان قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟، باياۋان تۈرلەرگە ئايرىلامدۇ؟ ناملىرى قانداق ئاتىلىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلىندى.

1.باياۋان دىگەن نىمە؟

مىنىڭ تۇنۇشىمچە، «باياۋان» دىگەن سۆز كېلىش مەنبەسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىۋىدە مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. مەن، سالقىن نەمچۆل ۋە ئاقنەم ئىقلىم شارائىتىدا، كۆپ يىللىق،چۆلكەش، ئوتغول گىياھلارنى ئاساس قىلىپ، تەبىئى شەكىللەنگەن گىياھلىق «باياۋان» نامىدا ئاتىلىدۇ دەپ قارايمەن. دىمەك، «باياۋان»، گىياھلىق نامىنى بىلدۈرىدىغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. باياۋان سۆزى، خەنزۇچىدا «草原»، ئېنگلىشچىدا «Steppe» دەپ ئاتىلىدۇ. «باياۋان»، گىئوبوتانىكا، جۇغراپىيە ۋە ئېكولوگىيە پەنلىرىدە كۆپ قوللۇنىدۇ، بۇ پەنلەردە ئاتالغان «باياۋان» سۆزى، تەبىئەت بۆكىنىڭ (لەندىسكەپ، لاندىشافىتنىڭ)، تەبىئى ماكاننىڭ ( تەبىئى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ) ھەم تەبىئى گىياھلىقنىڭ ئۇيغۇرچە خاس نامى بولىدۇ.

2. باياۋان بىلەن چۆل، سەھرا، دەشىتنىڭ پەرقى بارمۇ؟

مىنىڭچە، باياۋان، چۆل، سەھرا، دەشىت دىگەن سۆزلەرنىڭ قانداق مەنبەدىن كىلىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇيغۇرچە لۇغەت مەنىسى ئېنىق بولغان، جۇغراپىيەگە خاس ئىسىم سۆزلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ كۆرسۈتىدىغان ئوبىكتى ۋە بېرىدىغان ئۇقۇمى جەھەتتىن ئۆز ئارا روشەن پەرقلىنىدۇ. «باياۋان» سۆزى، ئۇيغۇرچىدا گىياھلىق نامىنى كۆرسۈتىدۇ. «چۆل» سۆزى، مۇھىت (ئىقلىم ياكى كلىمات) نامىنى كۆرسۈتىدۇ. «سەھرا» سۆزى، شەھەر-بازاردىن چەت دالىنى كۆرسۈتىدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەرگە قارىغاندا، دەشىت سۆزى، پارىسچىدا،  جەزىرە، چۆل  ياكى قۇملۇقيەر دىگەندەك ئۇقۇمنى بېرىدۇ دىگەندەك قىلىدۇ.  مىنىڭچە بولغاندا، دەشىت دىگەن بۇ سۆز، ئۇيغۇرچىدىكى چۆل دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. دەشىت سۆزى، ئۇيغۇرچىدا كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ،  «دەشتى چۆل» دىگەندەك سۆزلەرنى، ئۇيغۇرچىدا قوللۇنىلغان دەپ قارىساقمۇ،  بۇ ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى مۇجىمەل. بۇنى ئۇيغۇرچىدا «چۆلجەزىرە» دەپ ئاتايمىز.  ئەندى «دەشتى باياۋان» دىگەن ئىسىمغا كەلسەك، بۇنى ئۇيغۇرچىدا، «چۆلباياۋان» دەپ ئاتايمىز.  دىمەك، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بولغاندىكىن، يەنە دەشىت دىگەن قالپاق  بىلەن  ئىسىم سۆزلەرنى ياساپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك دەپ قارايمەن.

3. «باياۋان» نىڭ ئالاھىدىلىكى

باياۋان، چۆلكەش، ئوتغول گىياھلارنىڭ بىر تىپى بولۇپ، كۆپ يىللىق،چۆلكەش، ئوتغول گىياھلارنى ئاساس قىلىپ، تەبىئى شەكىللەنگەن گىياھلىقنى كۆرسۈتىدۇ. دۆلىتىمىز، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى باياۋانلار ئىقلىم ئەھۋالىدىن قارىغاندا، باياۋاننىڭ، ھاۋاسى سالقىن بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتورىسى-4 دىن،9 ℃غىچە بولىدۇ، ≥10 بولغان جۇغلانما تېمپراتورىسى، 3200-1600 ℃غىچە، يىللىق ھۆليېغىنى 150-600 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ. ئەمما، شامال دائىم دىگۈدەك چىقىپ تۇرغانلىقتىن، سۇنىڭ پارلىنىشىمۇ ھۆليېغىندىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. قىشلىقى سوغۇق، ئەتىيازدا شامال كۆپ بولىدۇ. باياۋان، پايانسىز كۆرۈنىدىغان كەڭ ۋە تەكشى دالا بولۇپ، يەر يۈزى تەكشىلەپ سېلىنغان يىشىل گىلەمدەك، كۆك ئاسمان، ئاپپاق بۇلۇت قوشۇلۇپ، ئۆزگىچە ئازادە مەنزىرە يارىتىلغان. باياۋان ئوت-چۆپلىرى قۇۋۋەتلىك بولۇپ، قوي، ئات ۋە قوتاز بېقىشقا تېپىلغۇسىز يايلاق ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، باياۋان، دۇنيادا، داڭلىق يايلاق ھېساپلىنىدۇ. باياۋاندىكى  گىياھلاردا، دەرەخزاتى، غوللۇقراق چاتقالزاتى يوق دىيەرلىك بولۇپ، پۈتۈنلەي ئوتغولزاتىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا، باياۋاندا، سىنچىلاق قولدەك توملۇقتىكى قالايدىغان ئۇتۇن تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ يەرلەردە ياشايدىغان چارۋىچىلار، قوي قىغى، كالا، قوتاز ياكى ئات قىغىنى ئۇتۇن قىلىپ قالايدۇ. باياۋان، جەزىرىگە قارىغاندا، ئىقلىمى نەمخۇش، سالقىن بولىدۇ، 6-7-ئاي مەزگىلىدىمۇ، ئەتىسى، ئاخشىمى چاپان كەيمىسە كىشى توڭلايدۇ. تەبىئەت مەنزىرسىمۇ ھەممە يەر ئالىسى يوق ياپيېشىل كۆرۈنىدۇ. سىز، قاراماي شەھرى ئارقىلىق ئالتايغا قاراپ ماڭغاندا، «ئوتبۇلاق» دىگەن باياۋاندىن ئۆتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، مانا بۇيەرلەر مۆتىدىل باياۋان  بولىدۇ. غۇلجىدىن كۇچاغا قاراپ ماڭغاندا، بايىنبۇلاق رايونىدىكى «يۇلتۇز» دىگەن باياۋاندىن ئۆتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ باياۋانلار، داراباياۋان جۈملىسىگە كىرىدۇ.

 شىنجاڭدىكى باياۋانلار، شىنجاڭدىكى  ئالتايتاغلىرى، تەڭرىتاغلىرى، غەربى جۇڭغار تاغلىرى، پامىر تاغلەڭلىرى، قۇرۇم-قارا قۇرۇمتاغلىرى، ئالتۇنتاغ قاتارلىق تاغلاشلاردا شەكىللەنگەن بولۇپ، تاغ گىيالىقلىرىنىڭ ۋېرتىكال قۇرۇلمىسىدا مۇھىم تەركىۋى قىسمى ھېساپلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى گىيالىقلار ئىچىدە، باياۋاننىڭ تارقالغان  يەر كۆلىمى چوڭ بولۇپ ، شىنجاڭدىكى جەزىرىلەردىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.  باياۋاننىڭ مۇھىتى، جەزىرىدىن  نەمرەك، ئورماندىن چۆلرەك بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇدۇ.

4. باياۋان تىپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

دۇنيادىكى ئىقلىم شارائىتى ۋە يەرلەرنىڭ شەكىل شارائىتى تۈپەيلىدىن، ھەر خىل تىپتىكى باياۋانلار شەكىللەنگەن. باياۋانلاردىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىش، شارائىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، باياۋانلار، ئالاھىدىلىكى بويىچە تىپلارغا ئايرىلىدۇ. باياۋاننى تىپلارغا ئايرىشتا،  ئىقلىم مۇھىتى ۋە گىياھلىقنى شەكىللەندۈرگۈچى گىياتوپقاللىرىغا قاراپ ئايرىلىدۇ.

ئىقلىم تېمپىراتورا ئەھۋالىغا ئاساسەن، باياۋانلار، ئىسسىق باياۋان (ئىسسىق بەلۋاقدىكى باياۋان)، مۆتىدىل باياۋان (مۆتىدىل بەلۋاقدىكى باياۋان) ۋە داراباياۋان (سوغۇق بەلۋادىكى باياۋان) دىگەندەك ئۈچ تىپقا ئايرىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى باياۋانلار، مۆتىدىل باياۋان ۋە داراباياۋانغا كىرىدۇ. بىز تېلىۋىزوردا دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ئافرىقىدىكى ھايۋانلار ياشايدىغان مەنزىرىمۇ باياۋان بولۇپ، دەرەخزار ئىسسسىق باياۋانغا كىرىدۇ. بۇ خىل باياۋان، يەرلىك تىلدا ساۋاننا دىيىلىدىكەن. شۇڭا، بۇنى ئۇيغۇرچىدا، ساۋاننا ياكى ساۋانباياۋان دەپ ئاتىساق بولىدۇ.

گىياھلىق نوقتىسىدىن، باياۋانلار كۆپلىگەن تىپلارغا ئايرىلىدۇ. مەسىلەن، ئېلىمىز جۇڭگودىكى باياۋانلار، چىمباياۋان، نەقباياۋان، چۆلباياۋان، داراباياۋان دىگەندەك 4 تىپقا ئايرىلىدۇ. بۇلار يەنە، گىياھتوپقاللىرىغا قاراپ يەنە نۇرغۇن توپقال تىپلىرىغا ئايرىلىدۇ. مەسىلەن:

 چىمباياۋان(草甸草原)تۆۋەندىكىدەك تىپلارغا ئايرىلىدۇ:

 سىتىپا بايقالى باياۋان، (贝加尔针茅草原,Form. Sitipa baicalensis)

 سىتىپا قىرغىزى باياۋان، (吉尔吉斯针茅草原,Form. Sitipa kirghisorum)

كلەسگىن مۇكرونى باياۋان، (快稳子草草原,Form.Cliestogens mucronaata)

ئانرول چىنى باياۋان، (羊草草原,Form.Aneurolepidium chinense)

فىلەسرە سىبىرى باياۋان، (线叶菊草原,Form.Filifolium sibiricum) دىگەندەك 7-8 توپقال تىپلىرىغا ئايرىشقا بولىدۇ.

نەقباياۋان ،(典型草原) تۆۋەندىكىدەك تىپلارغا ئايرىلىدۇ:

سىتىپا كرىلوۋى باياۋان، (克氏针茅草原,Form.Sitipa krylovii)

ستىپا كاپىلاتى باياۋان،(针茅草原,Form.Sitipa capillata)

ئارىستا تىسەتى باياۋان، (三刺草草原,Form.Aristida triseta)

ئورىنۇس كۆكنۇرى باياۋان، (青海固沙草草原,Form.Orinus kokonorica)

تىمۇس مۇڭغۇلى باياۋان،(百里香草原,Form.Thymus momgolcum) دىگەندەك ئوننەچچە تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ.

چۆلباياۋان،(荒漠草原) تۆۋەندىكىدەك تىپلارغا ئايرىلىدۇ:

سىتىپا گوبى باياۋان،(戈壁针茅草原,Form.Sitipa gobica)

سىتىپا كەمەنزى باياۋان،(石生针茅草原,Form.Sitipa klemenzii)

سىتىپا كاۋكازى باياۋان، (高加索针茅草原,Form.Stipa caucasica)

سىلگىن جۇڭغارى باياۋان،(无芒稳子草草原,Form.Cleistogenes songorica)

ئاجان چاتقالى باياۋان،(灌木亚菊草原,Form. Ajania fruticulosa)

ئەمەن دالايى باياۋان،(驴驴蒿草原,Form. Artemisia dalailamae) دىگەندەك ئوننەچچە تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ.

داراباياۋان، (高寒草原) تۆۋەندىكىچە تىپلارغا ئايرىلىدۇ:

سىتىپا سۆسۈنى باياۋان،(紫花针茅草原,Form. Sitipa purpurea)

فېستۇكا ئولگائى باياۋان،(银穗羊茅草原,Form. Festuca olgae)

كەركىس موروفى باياۋان،(硬叶苔草草原,Form. Carex moorcroftii)

ئەمەن مىنورى باياۋان،(垫状蒿草原,Form. Artemisia minor) دىگەندەك، ئونچە تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ.

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، باياۋان توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىنى قىسقىچە بايان قىلدىم. باياۋان توغرىسىدا تەپسىلى توختۇلۇشقا مەزگۇر ئەسەردە ئىمكان بولمىدى. باياۋان توغرىسىدىكى مەزمونلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تولۇقراق يېزىلسا قىلىن بىر كىتاپ بولىدۇ. مەزگۇر ئەسەردە پەقەتلا باياۋان دىگەن نىمە؟ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟،قانداق تىپلىرى بار؟، ئۇلار ئۇيغۇرچە قانداق ئاتىلىدۇ؟ دىگەندەك مەسىلىلەر مىسال تېرىقىسىدە ئىخچام كۆرسۈتۈپ ئۈتۈلدى. مەزگۇر ئەسەر، باياۋان توغرىسىدا يېزىلغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ تۇنجىسى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەسەردە يىتەرسىزلىكلەر ياكى خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ تۈزۈتۈش بېرىشىنى، مەزگۇر ئەسەرگە ئىنكاس باھا بېرىشىنى سورايمەن.

مەنبە ئەسەرلەر

1.رەھمەتۇللا ئادىللا بوستاني، چۆل دىگەن نىمە؟، «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»،2012-يىل 9-ئاي نەشىرى.

2. رەھمەتۇللا ئادىللا بوستاني، جەزىرە دىگەن نىمە؟،«ئاكادېمىيە تور بېكىتى»،2012-يىل 9-ئاي نەشىرى.

3. رەھمەتۇللا ئادىللا بوستاني، گىياھزات نامىنى ئۇيغۇرچە قويۇش قائىدىسى،«ئاكادېمىيە تور بېكىتى»،2012-يىل 9-ئاي نەشىرى.

4. 中国植被编辑委员会 编著,中国植被,科学出版社,1995

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 07-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 8,567 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2067
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

3 پارچە باھا

  1. #1 ئابدۇللا بۇ باھاغا پىكرىم بار | نەقىل ئېلىش Post:2012-09-08 10:32

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ئەپەندىم ! ياخشىمۇسىز؟ خىلى بولدى سىز بىلەن ئالاقىلشىشنى ئويلاپ تۇراتتىم . بىراق بىۋاستە ئالاقىلىشىش نۇمۇر ياكى ئىلخەت ئادرىسىڭىز بولمىغاچقا بۈگۈن بىۋاستە ئىنكاس كۆزنىكىدىن پايدىلىنىپ مەقسىتىمنى ئىيتىشنى لايىق كۆردۇم .ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز ! ئۇدۇللا ئىيىتسام ماڭا تەبىئى جۇغراپىيە توغرىسىدا بىر ئاز ماتىرىيال لازىم ئىدى . يەنى تەبىئى جۇغراپىيە نىڭ ئەڭ باشلانغۇچ بىلىمرىدىن باشلاپ ئوتتۇرا دەرىجىلىككە قەدەر بىر قەدەر تەپسىلى ماتىرياللار . كىتاپ ئىسمى ، سىتىۋالىدىغان ئورۇن دىگەندەك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز كۆپ مەمنۇن بولغان بولاتتىم !
    ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەپ :
    ئابدۇللا

    • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇرادىرىم ئابدۇللا ئەپەندىم، تىلەكلىرىڭىز بەجا بولغاي. «باياۋان» ناملىق ئەسەرگە يازغان ئىنكاسىڭىزغا قارىغاندا، سىز «ئاكادېمىيە» تورىنى زىيارەت قىلىپسىز، بۇنىڭغا كۆپ رەھمەت. ئۇنىڭدىكى ئەسەرلەردىن قۇم ياكى ئۈنچىلەرنى بايقىغاندەك قىلىسىز. سىزنىڭ جۇغراپىيە بولۇپمۇ، تەبىئى جۇغراپىيەگە قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى پەملىدىم. مەن مەخسۇس جۇغراپىيە ئوقۇمىغان، لېكىن، گىياھ، گىئوبوتانىكا، ئېكولوگىيە ۋە يايلاق ساھەلىرىدە ئىشلىگەنلىگىم ئۈچۈن، جۇغراپىيە بىلىملىرىنى ئۆزلىگىمدىن ئۆگەنگەن. مەن ئوقۇغان كىتاپلارنى بەلكىم سىزمۇ بىلىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ، دەپ بېرەي:
      «自然地理学原理】美,A.N斯特拉勒,A.H斯特拉勒 著 人民出版社出版,1981年】
      中国自然地理】上下册,中国科学院”中国自然地理“编辑委员会,科学出版社出版,1988年
      现代地理学词典,左大康主编,商务印书馆出版,1990年
      现代自然地理学,王建主编,高等教育出版社出版,2007年。
      植物地理学,北京大学\兰州大学\南京大学,西北大学,中山大学,新疆大学 合编,人民出版社出版,1980年。
      ئۇيغۇرچە يېزىلغان مەنبەلەرنى مەن ئۇچراتمىدىم. يوقۇرقىلاردىن باشقا، تەبىئى جۇغراپىيەگە ئائىت ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە مەنبە ئەسەرلەر مىنىڭدە يوق. ھەم بارلىقىنى بىلمەيمەن. مىنىڭ «ئاكادېمىيە» تورىدا نەشىر قىلغان جۇغراپىيەگە ئائىت ئەسەرلىرىم، يوقۇرىدا كۆرسەتكەن ئەسەرلەردىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ئاساسىدا، ئۇيغۇرچە ئىجادى ئەسەر بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىرلەشمەكچى بولسىڭىز، سىزگە مەرھەمەت. تېلىفۇن: 0991-7885350 (ئىشخانا)، ئېلخەت ئادرىسىم، «ئاكادېمىيە» تورىدا بار. ئىزدەپ كەلسىڭىز، ئۈرۈمچى، بېجىن جەنۇبى يولى «پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېكىتى»دە چۈشۈڭ، بىكەتنىڭ ئۇدۇل شەرقىدىكى 7 قەۋەتلىك زور بىناغا كىرىڭ.

  2. The next time I read a blog, I hope that it doesnt disappoint me as much as this one. I mean, I know it was my choice to read, but I actually thought youd have something interesting to say. All I hear is a bunch of whining about something that you could fix if you werent too busy looking for attention.

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز