باياۋان (شېئىرى تەسۋىر)
باياۋان
(xeiri tesvir)
A.R.Jimsary
كۆپكۆك ئاسمان ئاپپاق بولۇت،
ئىقلىم نەمچۆل، قىياق گىيا،
زەمزەم سۈيى، كۆپتۇر چىيا،
تېنىچ مۇھىت سالقىن ھاۋا،
ئادەم، مالغا تەنگە شىپا،
يايلار ئۇندا قوي ۋە يىلقا،
بۆكەن، سۇغۇر، تۈلكە، تۇرنا،
باياۋان چامانى كەڭرى مانا،
نېرۋالار تاپار، ئۇندا شىپا،
ئاسرايلى ئوخشاش تەبىستانغا،
بۇزۇلمىسۇن ئەبەت بۇ يەرمۇ يانا.
ئەسكەرتىش: نەمچۆل دىگەن سۆز، ئادىللا ئوغلى رەھمەتۇللا تۈنجى قىتىم ئىجات قىلىپ قوللىنىۋاتقان ئىقلىم نامىنى بىلدۈرىدىغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، نەمچۆل دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەشتە، «يېرىم قۇرغاق رايون» دەپ ئاتالغان.
قىياق گىيا دىگەن سۆزمۇ، ئا.رەھمەتۇللا ئىجات قىلىپ قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر» دەپ ئاتىغان.
چىيا، رەھمەتۇللا ئىجات قىلىپ قوللۇنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، چىرىندى تۇپراقتا گىيالارغا ئوخشاش ئۆسۈپ چىقىدىغان جانىۋارنىڭ بىر خىلى. بۇنى بۇرۇن روسچە گرىب دەپ ئاتىغاندەك قىلغان. خەنزۇچە موگۇ ياكى جىن جۈن دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە نىمە دەپ ئاتالغانىنى بىلمەدىم.
چامانى كەڭرى، دىگەن سۆزدىكى «چامان» نى رەھمەتۇللا ئىجات قىلىپ قوللۇنىۋاتقان پەلسەپەگە ئائىت ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، بوشلۇق، ماكان دەپ ئاتالغان.
باياۋاندىكى ئاسمان ھەم سۈزۈك ھەم ناھايىتى ئىگىز ھەم چەكسىز كۆرۈنىدۇ. يېرى تەكشى، يىشىل گىلەمدەك پايانسىز بىلىنىدۇ. شۇڭا، نىرۋاسى ئاجىزلاپ قالغان، ئىچى تىتىلداپ تۇرىدىغان ئادەملەر بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرسا ساقىيىپ قالىدىكەن. 1981-يىلى، بۈگۈرلۈك بىر كىشىنىڭ 5 يىل ساقايمىغان نېرۋا كىسىلىنىڭ 7- ئايدا بۇيەردە بىر ھەپتە تۇرۇپ ساقايغانلىقىنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن.
تەبىستان، رەھمەتۇللا ئىجات قىلىپ قوللۇنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە بۇ سۆزنى ئىپادىلەشتە، «تەبىئى مۇھىت مۇھاپىزەت رايونى»، «تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون» دىگەندەك سۆزلەر گۇرۇپپىسى بىلەن ئاتىغان.
يوقۇرىدا دىيىلگەن سۆزلەر توغرىسىدا، ئاكادېمىيە تورىدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئوقۇسىڭىز ئېنىقراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 271 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3660
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!