2013ئۆكتەبىر25
ئادەتتە، ئۇيغۇر تىلىمىزدا كۆپ قوللۇنىدىغان، «مەرىپەت» ۋە «مەدەنىيەت» دىگەن ئىككى سۆز بار. مەن ئۇزۇندىن بۇيان، بۇ سۆزلەرنىڭ بەزى چاغلاردا ئىستىمالىمىزدا ئېنىق ئورنىنى تاپالمىغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرچە ۋېبتورلاردا نەشىر قىلىنغان بۇ ئىككى سۆزگە ئائىت ئەسەرلەردە، «كۇلتۇر»، «ھازارەت» دىگەندەك سۆزلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇلار توغرىسىدىكى بەزى تالاش-تارتىشلارمۇ مىنىڭ ھېس قىلغانلىرىمدىن دېرەك بېرىدۇ. دىمەك، بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى ياكى تەبىرى نىمە؟ دىگەن ئويلاردا «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دىن ئىزدەپ باقتىم. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ، «مەرىپەت» ۋە «مەدەنىيەت» دىگەن ئىككى سۆزگە بولغان چۈشەنچەلىرىم بايان قىلىندى.
2013ئۆكتەبىر23
ئۇيغۇرچە يازىلغان ئالەمنامە (ئاسترونومىيە) گە ئائىت تور ئەسەرلىرىدە ھەم نەشىرىيات ئەپكارى ئەسەرلىرىدە، «قارا ئۆڭكۈر» دىگەن بىر سۆز كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. كىشىلەر، بولۇپمۇ، ئالەمنامە ھەققىدە ئىزدەنگۇچى ئۇيغۇر ئالىملار ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر تەرجىمانلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە، «قارا ئۆڭكۈر» دىگەن بۇ سۆزنى كۆپ قوللۇنىۋاتىدۇ. مىنىڭچە، «قارا ئۆڭكۈر» دىگەن بۇ سۆز، ئۇيغۇرچىدا ئەسلىدە «كۆيۈكقاپ» دەپ ئاتالغاندەك قىلغان. شۇڭا، «قارا ئۆڭكۈر» دىمەي، «كۆيۈكقاپ» دەپ قوللانغىنىمىز توغرىمىكىن دىگەن پىكىر بىلەن بۇ ئاددى ئەسەر يازىلدى، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.
2013ئۆكتەبىر19
كۈندۈلۈك تىلىمىزدا، ئەدەبىيات ۋە ئەدىب دىگەن سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ قانداق تەبىرى باردۇ دەپ بىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مەنبەلەرنى ئىزدەيمەن. مەن كۆرگەن مەنبەلەردىن، بۇ ئىككى سۆزگە بېرىلگەن ئىزاھ ياكى تەبىرلەرگە قانائەت ھاسىل قىلمىدىم. شۇڭا، بۇ ھەقتە مىنىڭمۇ بىلگىنىمچە «كۆلدۇرلاپ» باققىم كەلدى. ئەمما، ئىلتىماسىم شۇكى، مەزگۇر ئەسەرنىڭ خاتا يېرى بولسا، تۈزۈتۈپ قويۇڭ، كام يېرى بولسا تولۇقلاپ قويۇڭ، ئارتۇقچە كۈچەپ كەتمەڭ، سىزگە كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىمەن.
2013ئۆكتەبىر11
مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ بۇ يىلقى قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلىگەچ، قۇربان ھېيتنىڭ قاچان، قانداق، قەيەردە ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكى، بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ قانچىنچى قېتىملىقى (ھېجىرىيە يىلىدا) ئىكەنلىكى، قۇربانلىق مال ۋە ئۇنى سويۇش پرىنسىپلىرى ئۆز چۈشەنچەمدە بايان قىلىندى.
2013ئۆكتەبىر6
مەزگۇر ئەسەردە، «چىچەن» دىگەن سۆزنىڭ مەنەسى نىمە؟ «چىچەن» تۇغما بولامدۇ؟ دىگەندەك مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆز چۈشەنچەم بايان قىلىندى.
2013ئۆكتەبىر3
سىرلارنى يەشكىن روھ-ئەقىلنى زايە قىلماي جىمسارى ئاللا ياراتقان ئىنساننى ھېچنىمىگە ئوخشاتماي، ئىنسانغا بەرگەن روھ ئەقىلنى پەقەت ئايىماي. ”ئىلىم چىندە بولسىمۇ بېرىپ ئۆگەن“ ۋايسىماي، سىرلارنى يەشكىن، روھ-ئەقىلىڭنى زايە قىلماي.
2013ئۆكتەبىر3
ھازىرغىچە بۇ سۇئال جاۋاپسىز قالغان جىمسارى سۇئال چۈشتى، ئالەم قانداق يارالغان؟ قۇرئاندا دىدى، «ئالتە كۈندە يارالغان»!. تەپسىلاتى دىيىلمىگەن، سىر قالغان، ھازىرغىچە بۇ سۇئال، جاۋاپسىز قالغان!.
2013ئۆكتەبىر3
ماددا ، روھ ئىككىسى بىر نەزەر جىمسارى ماددىزىم دىدى، ماددا بىرىنچى ئەزەل! ، روھىزىم دىدى، روھدۇر بىرىنچى ئەزەل!. ماددا بولمىسا روھنىڭ ئۆزى بىمەسەل !، روھ بولمىسا ماددا بولمامدۇ بىنەزەر؟!
2013ئۆكتەبىر3
ئادەمنىڭ مايمۇن بولمىقى بەكمۇ ئاسان جىمسارى بىرى دەپتىكەن: مايمۇننىڭ ئادەم بولمىقى بەسى ئۇزاق؟!، شەكىلدە ئوخشىسىمۇ ئەقىلدە يىراق؟!. بىرى دەپتىكەن: ئادەمنىڭ مايمۇن بولمىقى بەكمۇ تېزراق؟!، ئۇنىڭغا كېرەكتۇر ئىككى رۇمكا ھاراق؟!
2013ئۆكتەبىر3
ئادەم ئەسلىدە مايمۇنمۇ؟ جىمسارى دارۋىن روھىدىن، ماددىزىم دىگەن، ”ئادەم ئەسلىدە مايمۇنلار“ ئىكەن. ”ئورمان، يايلاقتا ، ئۇ بولدى ئادەم”، لېكىن بۇ گەپنى دارۋىن دىمىگەن.