خەتكۈش ‘مەرىپەت’
2013ئۆكتەبىر25

مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت

ئۇيغۇر تىلىمىزدا، ئادەتتە، مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت دىگەن ئىككى سۆزنى كۆپ قوللۇنىمىز. قوللانغاندىمۇ بۇ ئىككى سۆزنىڭ جايىنى تېپىپ قوللانمايمىز. چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى بىزگە مۇجىمەل. نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ بۇنى چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆزى مۇجىمەلدەك قىلىدۇ. مەن، مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت دىگەن ئىككى سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزاھاتىنى كۆردۈم، ئەمما، بۇنىڭغا قانائەت ھاسىل قىلمىدىم.

«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە، «مەرىپەت» بىلەن «مەدەنىيەت» دىگەن ئىككى سۆزگە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن:

«مەرىپەت، ئى[ئە] ① كىشىلەرنىڭ ئاڭ-سېزىمىنى، بىلىمىنى، مەدەنىيەتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەلىم-تەربىيە، ئوقۇش-ئۇقۇتۇش؛ مائارىپ؛ مەرىپەت يۇرتى؛② ئاياللارنىڭ ئىسمى».

«مەدەنىيەت، ئى[ئە] ① ئىنسانلارنىڭ جەمىيەت تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا ياراتقان ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى، ئۇتۇقلىرى. ئادەتتە ئۇ كۆپرەك مەنىۋى بايلىقلارنى يەنى ئەدەبىيات-سەنئەت، مائارىپ، ئىلىم-پەن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ② بىرەر ئىجتىمائى گۇرۇپپا،سىنىپ ياكى خەلقنىڭ مەلۇم دەۋردە قولغا كەلتۈرۈلگەن شۇنداق ئۇتۇقلىرىنىڭ دەرىجىسى: سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت. پرولىتارىيات مەدەنىيىتى. بۇرژۇئازىيە مەدەنىيىتى.③ <ئارخېئول> ئوخشاش بىر تارىخى دەۋردە، تارقىلىش نوقتىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە قارىماستىن ساقلىنىپ قالغان خارابە ئىزلىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسى.④ يېزىق ئىشلىتىش قابىلىيىتى، ئومۇمى ساۋات؛ تەلىم-تەربىيە كۆرگەنلىك، زىيالىلىق؛ مەرىپەت: مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالماق. مەدەنىيەت ئۆگىنىشى. مەدەنىيەت سەۋىيىسى».

«مەرىپەت» بىلەن «مەدەنىيەت» دىگەن ئىككى سۆزگە بېرىلگەن « ئىزاھ»، مىنىڭچە بەكلا ئۇزۇن شۇڭا، مۇجىمەل بولۇپ قالغان. بۇ ئىزاھلاردىن، بۇ سۆزلەرنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالماق تەس. ئەگەر، بۇ ئىككى سۆزنىڭ «ئىزاھ»دىكىدەك روشەن پەرقى بولمىسا، نىمە ئۈچۈن تىلىمىزدا بۇ ئىككى سۆز پەيدا بولۇپ قالغان؟ بۇ توغرىدا ئىزدىنىپ بېقىش زۆرۆردەك قىلىدۇ.