2016ئاپرېل19
“yaziq” digen nime? R.A.jimsariy “yaziq” dep yazilgan swz, “yeziq” dep oquledu. Uygurce isim swz bolup, til ve ucur tavuxlarini hatirleydigan xertlik belgelerni kwrsetidu. Dimek, til ve ucurning swretlik belgeleri, “yaziq” dep ataladu. “yaziq”, adette bogumluq belge hem swretlik belgedin tvzvlgen. …
2015دېكابىر15
بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە ئۆگۈنۈش ھەم پىكىردە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئاددى چۈشەنچەلىرىمگە ئاساسەن، «ماددا» دىگەن سۆزنىڭ ئۇقۇمى ۋە تەبىرى بايان قىلىندى.
2015دېكابىر11
مىنىڭ بەزى ئەسەرلىرىمدە، «زامان» ۋە «چامان» دىگەن سۆزلەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزلەر، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «زامان ۋە ماكان» شەكلىدە ئاتالغان. بۇ سۆزلەرنىڭ قانداق مەنالىرى بارلىقى ھەققىدە بۇرادەرلەر بىلەن ئۆگۈنۈشتە ھەم ئۇقۇم-چۈشەنچىلەردە ئورتاقلىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز چەشەنچەلىرىم بۇيىچە، ئۆزەم مۇۋاپىق دەپ ھېساپلىغان سۆزلەرنى قوللۇنۇپ مەزگۇر «زامان» ۋە «چامان» ناملىق ئەسەرنى ھوزورىڭىزلارغا سۇندۇم.
2015نويابىر30
«چەكلىك» ۋە «چەكسىز» توغرىسىدا ئا.ر.جىمسارى بىزدە «چەكلىك» ۋە «چەكسىز» دىگەن ئىككى سۆز بار. بىز ئادەتتە بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ياكى كۆرگەندە چۈشۈنۈشلۈك ھېس قىلىمىز ھەم ئۇنىڭغا بۇ قانداق سۆز ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئارتۇقچە ئويلۇنۇپمۇ كەتمەيمىز. مەن «ئىزدە» ۋېبتور لۇغەتىدىن ئىزدەپ كۆرسەم، …
2015مارت24
ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»نىڭ 2015-يىل14-نۇرۇز سانىدا، «جان تەبىرىگە ئىزاھات» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان ئىدى. بۇ ئەسەرگە، زىيا ئەپەندى مۇنداق ئىنكاس يازغان:«….مىنى بەكمۇ قىززىقتۇرىدىغان نۇقتا ھاياتلىق بىلەن غەيرى ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ چىگرىسى پەقەت ھۆجەيرىلىمۇ ياكى ھاياتلىق-جان ئالەمەتلىرىگە ئىگە تېخىمۇ مىكرو قاتلام بارمۇ؟دىگەن مۇشۇ نۇقتا».مەن، مۇشۇ ئىنكاسنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىمنى يازىپ، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلاشتىم.
2015مارت14
«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، «جان» دىگەن سۆزنىڭ پارىسچە سۆز ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ، ئۇنىڭ 9 خىل مەناسى بارلىقى ئىزاھلانغان. ئەمما مىنىڭچە، بۇ ئىزاھلار پەقەتلا تىلىمىزدىكى ئىستىمال شەكلىنى ياكى ھادىسەسىنىلا كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ تۈپ مەناسىنى بىلدۈرەلمىگەن دەپ قارايمەن. شۇڭا، «جان» دىگەن سۆزگە تەبىر بېرىش زۆرۆرىيەتى تۇغۇلۇپ قالدى. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، ئۆز چۈشەنچەلىرىم بۇيىچە «جان» دىگەن سۆزگە تەبىر بەردىم. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.
2012نويابىر23
خەلقئارالىق جانىۋاران كۈن 国际生物多样性日 ئاپتورى: ئا. ر. بوستاني بايان ئاۋۋال بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى, 12-ئاينىڭ 29-كۈنىنى «خەلقئارالىق جانىۋاران كۇن» دەپ بېكىتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، 2000-يىلغىچە، ھەريىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدە، دۇنيا بويىچە «خەلقئارالىق جانىۋاران كۈن» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، جانىۋارانلارنى قوغداش تەشۋىقاتلىرى، …
2012نويابىر1
بىزدە، ئۇيغۇر تىل لۇغەتىدىن ئورۇن ئالغان «ماكان» دىگەن بىر سۆز بار. بۇ سۆزگە «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ ئىزاھاتتا بىر قىسىم مۇجىمەللىك بار دەپ قارايمەن. مىنىڭ نەزەرىمدە، مەزگۇر ئىزاھاتتا، «ماكان» بىلەن «چامان» ئارىلىشىپ قالغان. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەرىمدە، «ماكان» دىگەن نىمە؟ ياكى «ماكان» دىگەنىمىز نىمەنى كۆرسەتىدۇ؟ دىگەننى چۆرىدەپ ئۆز چۈشەنچەلىرىمنى بايان قىلدىم.
2012سېنتەبىر7
ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «باياۋان» دىگەن بىر سۆز بار. بۇنىڭ مەنىسىنى، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە مۇنداق ئىزاھلىغان: «باياۋان (باياۋانى) ئى [پ]،مەھەللە يۇرتتىن يىراق بولغان ۋە ئادەم ياشىمايدىغان سۇسىز چۆل؛ سەھرا،دەشىت». دىمەك، بۇ ئىزاھاتتا، «باياۋان» دىگەن سۆز، پارىسچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشكەن ئىسىم سۆز بولۇپ، «چۆل»، «سەھرا»، «دەشىت» نى كۆرسۈتىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.
«باياۋان» دىگەن سۆزنى بۇ خىل ئىزاھلاش، مىنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، بۇ نىمىنىڭ ئىسمى؟ بۇنىڭغا ئىزاھ بېرىلمىگەن. يەنە كىلىپ، باياۋان بىلەن چۆل، سەھرا، دەشىتنى تەڭداش مەنىدىكى ئورۇنغا قويۇپ، باياۋان، چۆل، سەھرا، دەشىت دىگەن تۆرت ئىسىم سۆزنىڭ ئۇقۇمىنى مۇجىمەللەشتۈرگەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، باياۋان دىگەن نىمە؟، بۇنىڭ، چۆل، دەشىت، سەھرا دىگەن سۆزلەر بىلەن پەرقى بارمۇ؟، باياۋان قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟، باياۋان تۈرلەرگە ئايرىلامدۇ؟ ناملىرى قانداق ئاتىلىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلىندى.