باش بەت > ئالەمنامە, تىل ۋە يېزىق > «قارا ئۆڭكۈر» ئەمەس، «كۆيۈكقاپ»
23ئۆكتەبىر

«قارا ئۆڭكۈر» ئەمەس، «كۆيۈكقاپ»

«قارا ئۆڭكۈر» ئەمەس، «كۆيۈكقاپ»

维吾尔语中的黑洞

جىمسارى

بايان ئاۋۋال

ئۇيغۇرچە يازىلغان ئالەمنامە (ئاسترونومىيە) گە ئائىت تور ئەسەرلىرىدە ھەم نەشىرىيات ئەپكارى ئەسەرلىرىدە، «قارا ئۆڭكۈر» دىگەن بىر سۆز كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. كىشىلەر، بولۇپمۇ، ئالەمنامە ھەققىدە ئىزدەنگۇچى ئۇيغۇر ئالىملار ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر تەرجىمانلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە، «قارا ئۆڭكۈر» دىگەن بۇ سۆزنى كۆپ قوللۇنىۋاتىدۇ. مىنىڭچە، «قارا ئۆڭكۈر» دىگەن بۇ سۆز، ئۇيغۇرچىدا ئەسلىدە «كۆيۈكقاپ» دەپ ئاتالغاندەك قىلغان. شۇڭا، «قارا ئۆڭكۈر» دىمەي، «كۆيۈكقاپ» دەپ قوللانغىنىمىز توغرىمىكىن دىگەن پىكىر بىلەن بۇ ئاددى ئەسەر يازىلدى، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.

1. «قارا ئۆڭكۈر» دىگەن سۆز قانداق پەيدا بولغان؟

ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى «قارا ئۆڭكۈر» دىگەن بۇ سۆز، «قارا ۋە ئۆڭكۈر» دىگەن ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قارا دىگەن رەڭدە ئەمەس، بەلكى «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» دىگەننى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، تىلىمىزدا، ئۆڭكۈرلەر ئاق، قارا ياكى قىزىل ئۆڭكۈر دەپ رەڭ بىلەن ئاتالغانىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.  مىنىڭچە، ئۆڭكۈر دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، مۇئەييەن ئىگىزلىكى، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلىقى بولغان «تۈشۈك ياكى ئورەك»نى كۆرسۈتىدۇ. ئۆڭكۈر، تەبىئى ھەم سۈنئى شەكىللىنىدۇ (پەيدابولىدۇ). ئۆڭكۈر، قۇرۇقمۇ بولىدۇ، زەيلىكمۇ بولىدۇ، سۇلۇقمۇ بولىدۇ؛ توپالىقمۇ بولىدۇ، تاشلىقمۇ بولىدۇ؛ ئۆڭكۈر، چوڭمۇ بولىدۇ، كىچىكمۇ بولىدۇ؛ چوڭقۇرمۇ بولىدۇ، تېيىزمۇ بولىدۇ؛ قىسقامۇ بولىدۇ، ئۇزۇنمۇ بولىدۇ؛ تۇيۇقمۇ بولىدۇ، ئۇچۇقمۇ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ بەزىلىرىدە ئادەممۇ ياشايدۇ، بەزىلىرىدە ھايۋاناتمۇ ياشايدۇ. ئۆڭكۈر، نىسبەتەن قاراڭغۇ بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتە، ئۆڭكۈر دەپلا ئاتايمىز، ئۇنىڭغا يەنە قارا ياكى قاراڭغۇ دىگەن سۈپەتلەرنى قوشۇشنىڭ زۆرۆرىيەتى يوق. ئۆڭكۈرگە نۇر بەرسىڭىز، نۇر قايتىپ ئۆڭكۈر ئىچى يورۇيدۇ، نۇر بەرمىسىڭىز قاراڭغۇ تۇرىدۇ. ئۆڭكۈر ئىچىگە شەيئى ئۆزى كىرىدۇ، ئۆڭكۈر، شەيئىنى سۈمۈرۈپ ياكى سۆرەپ كىرمەيدۇ. ئۆڭكۈرگە كىرگەن شەيئىنىڭ ھەممىسى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتمەيدۇ، يۇقاپ كەتكەنلەرنىڭ ھېچ بولمىغاندىمۇ بىرەر مادداسى قالىدۇ. ئۆڭكۈر، پەقەتلا زىمىنغا ئوخشاش دۇنيادا ياكى پلانتتا بولىدۇ. ئالەمدە «قارا ئۆڭكۈر» بولمايدۇ، «قارا ئۆڭكۈر پلانت» ياكى « قارا ئۆڭكۈر دۇنيا» نىڭ بولۇشى مەنتىقىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

ئۇنداق بولسا، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى «قارا ئۆڭكۈر» دىگەن سۆز قانداق پەيدا بولغان؟، بۇ سۆز، مىنىڭچە، «Black hole, 黑洞»دىگەندەك چەتئەل تىللىرىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنىپ ياسالغان سۆز بولۇشى مۇمكىن. خەنزۇچە 黑洞، ئېنگلىشچە Black hole دىگەن سۆزلەر، ئالەم چامانىدا مەۋجۇد بولغان غايەت زور ماسسالىق دۇنيا ياكى پلانىتنىڭ نامى بولىدۇ. مىنىڭ بىلىشىمچە، بۇنى ئۇيغۇرچە «كۆيۈكقاپ» دەپ ئاتايمىز. «قارا ئۆڭكۈر» دەپ ئاتالمايدۇ.

2. «كۆيۈكقاپ» توغرىسىدا چۆچەك

مەن ئۆسمۈر ۋە باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا، «يەتتە باشلىق يالماۋۇز » دەيدىغان بىر چۆچەكنى دادامدىن نەچچە قېتىم ئاڭلىغان، كىيىن بۇنى قىزىق قىلىپ كۆپ قىتىم باشقا بالىلارغىمۇ سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم. بۇ رىۋايەت تۈسىدىكى چۆچەكنى ئەدەبىيلەشتۈرۈپ قىسقىچە مۇنداق يازدىم: بۇرۇن ئورمان ۋە يايلاقلىرى كەڭرى، سۈيى مول بىر مەملىكەت بار ئىكەن، بۇ يەردە ناھايىتى نۇرغۇن ئادەملەر، مال چارۋىلار، ھايۋاناتلار ئىناق، باياشات ياشايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھاۋا تۇتۇلۇپ 3 كۈنگىچە كۈننىڭ دىدارى كۆرۈنمەپتۇ، 4- كۈنى قاتتىق بوران چىقىپتۇ، يەرلەر تەۋرەپتۇ، كىشىلەر شۇنداق قارىسا كۈن چىقىشتىكى بايتاغ تەرەپتىن نۇرغۇن ھايۋاناتلار ئورمانلىقتىن چىقىپ، ئادەملەر ياشاۋاتقان بوستانلارغا قاراپ قېچىپ كىلىۋاتقىدەك، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تۇپا چاڭ توزۇتۇپ، كۈن نۇرىنى توسۇۋالغان ئاسمانپەلەك بىر يۇغان مەخلۇق كىلىۋاتقىدەك. قاچقان ھايۋاناتلار، ئادەملەر توپىنى كۆرۈپ توختاپتۇ، ھېلىقى يۇغان مەخلۇقمۇ توختاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يەر تەۋرەشمۇ توختاپتۇ، بورانمۇ توختاپتۇ، تۇپا چاڭمۇ بېسىلىپتۇ. كىشىلەر شۇنداق سەپسىلىپ قارىسا، ھېلىقى يۇغان مەخلۇقنىڭ يەتتە پۇتى، يەتتە قۇلى، يەتتە باشى، يەتتە ئاغزى، يەتتە كۆزى بار ئىكەن. ھەر بىر پۇتى بىردىن يۇغان پىلنى دەسسەپ تۇرغىدەك، ھەر بىر قۇلى بىردىن يولۋاس شىرنى چاڭگاللاپ تۇرغىدەك، ھەربىر ئاغزىدا بىردىن كالا، بۇغانى چايناپ تۇرغىدەك. كىشىلەر بۇنى كۆرۈپ قورققىنىدىن بەزىلىرى قېچىپتۇ، بەزىلىرى ئەس ھۇشىنى يۇقۇتۇپتۇ، بەزىلىرىنىڭ قورققىنىدىن يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلگىلى تاس قاپتۇ. كىشىلەر ئىچىدە يۇرتنىڭ ئاقساقىلىمۇ بار ئىكەن، ئۇ ئادەملەرنى دەرھال نامازغا تىزىپ، ئاللادىن ئۆزلىرىنى بۇ مەخلۇقتىن ئامان ساقلاشنى تىلەپتۇ. بىر چاغدا، ئاسماندىن بىر خەۋەر ئاڭلىنىپتۇ: خالايىق، تىلىگىڭلەر بىزگە يەتتى، سىلەرنىڭ كۆرگۈنىڭلار، 7-ئاسماندىن چۈشكەن يەتتە باشلىق يالماۋۇز بولىدۇ، ئۇ قەپەزدىن ئوغۇرلۇقچە قېچىپ چىقىپ كىتىپتۇ، بىز بۇنى ھازىر ۋاقتىنچە بىر كۈنلۈك ئورنىدا جىم تۇرغۇزۇپ قويدۇق، بۇ يالماۋۇز، ئوتتىن، سۇدىن، كۈچلۈك نۇردىن، قاراڭغۇلۇقتىن، بوراندىن ھەم سوغۇقتىن قورقمايدۇ، ئۇنىڭ بەدىنى ئالماستىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئوقيا ۋە تىغ ئۆتمەيدۇ، بۇنىڭ يىمەيدىغان نەرسىسى يوق، تاش تاغلارمۇ بۇنىڭغا ئازلىق قىلىدۇ، بۇ يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈش تېخىمۇ خەتەرلىك، ئەگەر ئۇ يارىلىنىپ بەدەنىدىن قانى ئاقسا، ھەر تامچە قاندىن بىر يالماۋۇز تىرىلىپ چىقىدۇ. زىمىندىكى بارلىق ئىنسانلار بۇنىڭغا تەڭ كىلەلمەيدۇ، بۇنى پەقەت ئالەمدىكى كۆيۈكقاپ ئارقىلىق تۇتۇشقىلا بولىدۇ، بىز ھازىر، بىر كۆيۈكقاپنىڭ ئاغزىنى ئىچىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ قويدۇق، كۆيۈكقاپ ئارقىلىق يالماۋۇزنى يەر يۈزىدىن يوقۇتىمىز. كۆيۈكقاپ يالماۋۇزنى يۇتۇپ بولغىچە، يالماۋۇزغا يىقىن تۇرغان نەرسىلەرمۇ بىللە يۇتۇلۇپ كىتىدۇ، شۇڭا، سىلەر ھازىر دەرھال بۇيەردىن يىراق ئۆيلىرىڭلەرگە، ئورمانلار ئارىسىغا بېرىپ تۇرۇڭلار، ئۆيىڭلەرگە قايتقانلار، ئىشىك دەرىزەڭلەرنى مەھكەم ئىتىپ بىر كۈنگىچە تالاغا چىقماڭلار، بىز، سىلەرنى ئامان ساقلايمىز دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ مەملىكەتتىكى كىشىلەر دەرھال ئۆيلىرىگە ھەم ئورمانلار ئىچىگە مۆكۈنۈپتۇ، ھايۋاناتلارمۇ ئورمان ۋە ئۆڭكۈرلەرگە مۆكۈنۈپتۇ، كىشىلەر ئورمان ئارىسىدىن ۋە تام يۇچۇقلىرىدىن قانداق ئەھۋال بولىدىغانلىقىنى كۆرۈمىز دەپ مارىشىپتۇ.

چۈشتىن كىيىن ئاسماندا، كۈپكۈندۈزدىمۇ قاپقارا بىر ئاي پەيدا بولۇپ قاپتۇ، شۇ زامان يالماۋۇز تۇرغان يەردىن ناھايىتى يۇغان ھەم ئاسمانغا تۇتاشقان دەھشەت بىر قۇيۇنتاز چىقىپتۇ، ھېلىقى يالماۋۇز، ئاسمانغا قاراپ رېزىنگىدەك سوزۇلۇشقا باشلاپتۇ، كۈن ئولتۇراي دىگەندە، ئۇنىڭ پۇتلىرى يەردىن ئاجراپ چىقىپتۇ، ئۇنىڭ تاپىنى ئاستىدىكى ھەم يىنىدىكى دەل-دەرەخ، تاش-تۇپا بىراقلا قۇيۇنتاز بىلەن ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كىتىپتۇ. بىراق يالماۋۇز تۇرغان يەردە يۈزمىڭ تۇياق مال پاتقىدەك ناھايىتى چوڭ يەر ئىككى گەز ئويۇلۇپ كېتىپتۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ كىچە تېنچ ئۆتۈپتۇ، ئەتىسى ۋەھىمە تۈگەپ، پۈتۈن جاھان ھاۋاسى سۈزۈلۈپ، بۇرۇنقى ئەسلىگە كەپتۇ. 

3. پەندىكى كۆيۈكقاپ

ئالەمشۇناسلارنىڭ بايقىشىچە، ماسساسى غايەت زور بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز، فۇسىئون رېئاكسىيە جەريانىدا، ئۆزىدىكى ئېنىرگىيە مەنبەسىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ «ئۆلگەن»دىن كىيىن، ئىچىگە قورۇلۇپ، ھەجىمى كىچىكلەيدىكەن، ئەمما، ئۇنىڭ ماسساسى چوڭۇيۇپ، سۆمۈرۈش (ئۆزىگە تارتىش) كۈچى ھەسسىلەپ كۈچىيىدىكەن. بۇ چاغدا، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇز، پەقەتلا نۇر چىقارمايدىغان ھەم ئۇنىڭغا چۈشكەن ھەر قانداق كۈچلۈك نۇرمۇ قايتمايدىغان بىر خىل  قارا جىسىملىق «قارا  پلانت» قا ئايلىنىپ قالىدىكەن. بۇ قارا پلانتنىڭ سۆمۈرۈش كۈچىدە، ئۇنىڭ مەرگەزى ئەتراپىدىكى بارلىق ماددانىڭ مەجۇدلىقى يوقايدىكەن، ھەتتا، بىز سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىغان نۇر ياكى ئېلىكتروماگنىتمۇ بۇنىڭ سۈمۈرۈش كۈچىدىن قۇتۇلالماي يۇقاپ كىتىدىكەن. بۇ پلانىتنى ئېنگلىشلار Black hole، خەنزۇچە مەنبەلەر 黑洞 دەپ ئاتاشقان. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە  «قارا ئۆڭكۈر» دەپ ئاتاشقان.

يوقۇرىدا سۆزلەنگەن چۆچەكتىكى «كۆيۈكقاپ» دىگىنىمىز، دەل ئالەمشۇناسلار بايقىغان «قارا پلانىت» نىڭ ئۆزى شۇ. كىشىلىرىمىز، بۇنىڭغا «قارا ئۆڭكۈر» دەپ نام (ئىسىم) قويغان. مىنىڭچە بۇنداق ئاتاش ناتوغرا بولۇپ قالىدۇ، بۇنى يەنىلا «كۆيۈكقاپ» دەپ ئاتاش توغرا دەپ قارايمەن.

4. بايان ئاخىر

ئادەتتە بىز، ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەش كۈچى زور بولغان پاساھەتلىك تىل دەپ قارايمىز. ئەمما بەزىدە،  بىزنىڭ  تىل ئەمەلىيەتىمىزدە تىلىمىزنىڭ بۇ خىل پاساھەتلىكى گەۋدىلەنمەيدۇ. ھازىر قارايدىغان بولساق، بىزدە قوللۇنىۋاتقان بىر قىسىم پەننى ئىلىملەرنىڭ كۆپلىگەن ئىسىم سۆزلىرى، تىلىمىز بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەندەك تىلىمىزنىڭ چۇلۋۇرى باشقا تىللارنىڭ قۇلىغا تۇتقازىلدى. ئەگەر، تىلىمىز توغرىسىدا ئەستايىدىل چوڭقۇرلاپ  ئىزدەنمەسلىكتەك بۇ ھال داۋاملاشسا، بىر كۈنلەردە، تىلغا ياكى ئىپادىلەشتە نامراتلىشىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىكىدىن سۆز ئاچالماي قالىمىز.

يوقۇرىدا، «قارا ئوڭكۈر»، «كۆيۈكقاپ» دىگەن ئىككى ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز توغرىسىدا ئۆز چۈشەنچىلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم. قارا ئۆڭكۈر دىگىنىمىز، دۇنيا ياكى پلانتتا تەبىئى ھەم سۈنئى شەكىللەنگەن جۇغراپىيەلىك شەكىلنىڭ نامى بولىدۇ.  كۆيۈكقاپ دىگىنىمىز، ئۆزىدىكى ئېنىرگىيە مەنبەسىنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ تۈگۈتۈپ «ئۆلگەن»دىن كىيىن، ئىچىگە قورۇلۇپ، ھەجىمى كىچىكلىگەن، ئەمما، ماسساسى چوڭۇيۇپ، سۆمۈرۈش (ئۆزىگە تارتىش) كۈچى ھەسسىلەپ كۈچەيگەن، شەكلى، جىسمى، ماھىيەتى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن «تۇرغۇن يۇلتۇز» نىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارىدىم. بۇ ئىككى ئىسىمغا بەرگەن  تەبىرىم ۋە چۇشەنچەم توغرا بولسا، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، ناتوغرا بولسا، سىزمۇ بىرەر ئەسەر يازىپ توغراسىنى كۆرسۈتۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ. 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,347 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3482
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

2 پارچە باھا

  1. I reckon something genuinely special in this website.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز بەكمۇ نادىركەن . مەن نۇرخان مائارىپ سالونىدىن بولمەن . ئەگەر قوبۇل كۆرسىڭىز بىز سىزنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىڭىز ۋە تور بەت ئوقۇقىڭىزنى قوغدىغان ئاساستا بىر قىسىم ماقالىرىرىڭىزنىڭ نۇرخان مائارىپ سالونىدا ئېلان قىلساق . تور بەت ئادىرسى ۋە ئەسەر ئاپتورى ئىنىق ئەسكەرتىلىدۇ .

    mazmut@126.com

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز