21ئىيۇل
گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (1)
گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (1)
جىمسارى
بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن، مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، بىزگە سۈينەيرەن، جۇماۋشۇن ئىسىملىق ئىككى پروففىسور مۇئەللىم بىزگە گىيانامە (بوتانىكا، 植物学) دىگەن دەرىسنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتكەن ئىدى. بۇ دەرسنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، بىزگە ئۇدا ئىككى يىل ئۇزۇلدۈرمەي ئۆتۈلدى. شۇ دەرس مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى، گىيالار بەرگلەرىنىڭ (يوپۇرماقلارىنىڭ) شەكلى ۋە ناملارى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممەسىنى خەنزۇچە تىلدا ئۆگەندۇق. بىز بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ئەسلىدە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە مۇڭغۇلچە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ دەرسلەرنى بىۋاستە خەنزۇ تىلىدا چۈشۈنۈپ بولۇش بىزگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. مەن بۇ دەرسلەرنى ئۆز تىلىمىزدا چۈشۈنۈش ئۈچۈن شۇ چاغلاردا بىزنىڭ مەكتەپتىن ھېچقانداق ئۇيغۇرچە مەنبە ماتىرىيالنى تاپالمادىم. شۇنداق قىلىپ، بىر تەرەپتىن خەنزۇچە دەرىسنى ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن مۇئەللىم كۆرسەتكەن گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى كۆرسۈتىلگەن رەسىملەر ۋە چۈشەنچەلەرىم ئاساسىدا گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلىگە ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدۇم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە قاپلىقدان گىيالار قەبىلەسىدىكى (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى» دەپ ئاتالغان.) گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارىنى كۆرسەتتىم.
1. يۇپۇرماق ياكى بەرگ دىگەن نىمە؟
يۇپۇرماق يەنە بەرگ دەپمۇ ئاتالادى. ئۇ، گىيالارنىڭ ئوزۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەزاسى. بەرگ ياكى يۇپۇرماقنىڭ مۇنداق ئۈچ جەھەتتە رولى بار: بۇنىڭ بىرىنچى رولى، نۇر بىلەن سۇ، ھاۋا ھەم ئېرۇچان مەنەرلەرنى بىرىكتۈرۈپ گىيانىڭ ئۆزىگە ھەم ئۆزگىلەرگە كېرەك بولىدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئىككىنچى رولى، گىيانىڭ نەپەسلىنىشىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇدۇ، گىيانىڭ تىنىدىكى ئارتۇق سۇنى پارلاندۇرۇپ سىرتقا چىقىرىدۇ.ئۈچىنچى رولى، گىيا بەرگلەرىنىڭ تەركىۋىدە، نۇر بىرىكتۈرۈشتە (فوتوسېنتىز ئالىپ بارىشتا) زۆرۆر لازىم بولۇدىغان خىلروفىل ماددالىرى ناھايىتى مول ساقلانادى.
گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىمۇ تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسەتىلگەندەك ھەر خىل بولادى ھەم خاس ئىسىملار بىلەن ئاتالادى.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 21-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 236 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4830
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!