باش بەت > ھايۋاناتنامە > مۇيزاقئىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى
28ئىيۇن

مۇيزاقئىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

مۇيزاقئىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

(牛科属种及其名称 )

جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

ئۇيغۇر تىلىدىكى تورىستان لۇغەتلىرىگە ھەم ھايۋان ناملىرىغا ئائىت ئۇيغۇرچە مەنبە ئەسەرلەرگە قارىغاندا، ھايۋان رۇق ناملىرىنى پەرىقلەندۈرمەسلىك، بىر سۆزنى، كۆپخىل ھايۋان رۇق ناملىرىنىڭ نامى ئورنىدا ئىشلىتىش، ئىسىم بەكلا ئۇزۇن بولۇش ھەم رۇق نامىمۇ، زات نامىمۇ بىلگىلى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇد. مەسىلەن: «ئۇزۇن مۇڭگۇزلۇق بۆكەن ئۇرۇقدىشى، كىچىك بۆكەن ئۇرۇقدىشى، تۆت مۇڭگۇزلۇق بۆكەن ئۇرۇقدىشى، نىلگاي بۆكىنى ئۇرۇقدىشى، ئارال بۆكىنى ئۇرۇقدىشى، بۇبالىس بۆكىنى ئۇرۇقدىشى، چوڭ بۆكەن ئۇرۇقدىشى» دىگەندەك. بۇ ئىسىملار ئەسلىدە يەتتە خىل رۇقنىڭ نامى بولۇشى كېرەك. يەنى يەتتە خىل ئىسىم بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ئاتاش كېرەك ئىدى، ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممەسى بىرلا «بۆكەن» نامى بىلەن ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بۆكەن ئەمەس. بۇ ئىسىملاردىن، رۇق نامىنى كۆرسۈتەمدۇ ياكى زات نامىنى كۆرسىتەمدۇ؟ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئۈچ بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىرلا سۆز بىلەن ئاتاشقا بولىدىغان رۇق ناملىرى، ئۈچتىن كۆپ سۆز بىلەن 10 بوغۇم ئەتراپىدا مۇنداق ئۈزۈن ئاتالسا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ «پاساھەتلىكى»دىن سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، مەز گۇر ئەسەردە، مۇيزاقئىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى سىناق تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.

 

1. مۇيزاق» دىگەن سۆزگە ئىزاھ

«مۇيزاق» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ئا. رەھمەتۇللا ئۇنىڭ لاتىنچە نامىنىڭ «مۇيۇزىنىڭ (مۇيۇز، مۇڭگۇز دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئىچى كاۋاك (قاپاق ياكى قاۋاق)بولىدىغان » دىگەن مەناسىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈپ قويغان. «مۇيزاق» دىگەن سۆز، «مۇيۇزىنىڭ ئىچى كاۋاك بولىدىغان» دىگەن سۆزلەر گۇرۇپپىسىدىن قوراشتۇرۇلغان بولۇپ، «مۇيۇزىنىڭ ئىچى كاۋاك بولىدىغان ھايۋان» لارنىڭ ئومۇمى نامى قىلىندى. دىمەك، « مۇيۇزىنىڭ ئىچى كاۋاك بولىدىغان ھايۋان» دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرۈشتە، ئۇيغۇرچە «مۇيزاق» دىگەن ئىسىم قوللۇنىلدى. تۆۋەندە مۇيزاقئىلەدىكى ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرى كۆرسۈتۈلدى:

DSC_9142_副本_副本2

 

2. مۇيزاقئىلە، ۋە ئۇنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

«مۇيزاقئىلە» دىگەن سۆز، ئا.رەھمەتۇللا ئوتتۇرىغا قويغان «ھايۋانات ناملىرىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى» بويىچە يازىلغان ئائىلە نامى بولۇپ، «مۇيزاقلار ئائىلىسى» دىگەننى بىلدۈرىدۇ. «مۇيزاقئىلە» دىگەن ئىسىم، لاتىنچە « Bovidae»، خەنزۇچە «牛科» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «كالا ئائىلىسى» دەپ ئاتالغان. مەنبەلەرگە قارىغاندا، «مۇيزاقئىلە»نىڭ لاتىنچە نامىنى، گراي « Gray» دىگەن كىشى،  1821يىلى قويغان ئىكەن.

مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھايۋاناتشۇناسلار مۇيزاقئىلەنى، ئاراياقمەتكە (ئاراياقلار جەمەتىگە)، ئاراياقمەتنى، ھايۋانبىقەگە (ھايۋان تەبىقەسىگە)، ھايۋانبىقەنى، تارچابىلەگە (تارچا قەبىلەسىگە)، تارچابىلەنى، ھايۋانات مىقياسقا تەۋە قىلىپ ئايرىغان. 1-جەدۋەلگە قاراڭ.

1-جەدۋەل: مۇيزاقئىلەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

ئا.رەھمەتۇللا قوللانغان ناملار

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە قوللانغان ناملار

ئۇيغۇرچە تاكسون نامى

مىقياس 界

ھايۋانات مىقياس

Animalia

动物界 

ھايۋانلار دۇنياسى، ھايۋانات دۇنياسى

قەبىلە 门

تارچابىلە

Chordata

脊索动物门

خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

تەبىقە 纲

ھايۋانبىقە

Mammalia

哺乳纲

سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى

جەمەت 目

ئاراياقمەت

Artiodactyla

偶蹄目

ئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى 

ئائىلە 科

مۇيزاقئىلە

Bovidae

牛科

كالا ئائىلىسى

 

3. مۇيزاقئىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

مۇيزاقئىلە، تاكسونومىيەدە ھايۋانبىقەنىڭ ئاراياقمەتىدىكى بىر ئائىلە بولۇپ، كالا، قوتاز، جۇر، پوغۆچ، بۆكەن، بۇرقاي، نەمۇس، ھەمۇس، تاغۆچ قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمغا قارىغاندا، مۇيزاقئىلە ئۆز ئىچىدىن 9 شاخئىلە، 45 رۇققا ئايرىلىدىكەن. بۇلارنى « Wilson and Reeder » دىگەن كىشىلەرنىڭ 1993-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان تاكسونلىشى بويىچە تىزغاندا، 2-جەدۋەلدىكىدەك بولىدۇ. (2- جەدۋەلگە قاراڭ).

2-جەدۋەل: مۇيزاقئىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

ئا.رەھمەتۇللا قوللانغان ناملار

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە قوللانغان ناملار

ئەپكەر شاخئىلە

Aepycerotinae

高角羚亚科

 

ئەپكەر رۇق

Aepyceros

高角羚属

چوڭ بۆكەن ئۇرۇقدىشى

ئالكاپ شاخئىلە

Alcelaphinae

狷羚亚科

 

ئالكاپ رۇق

Alcelaphus

狷羚属

بۇبالىس بۆكىنى ئۇرۇقدىشى

كونچا رۇق

Connochaetes

角马属

 

دامال رۇق

Damaliscus

转角牛羚属

 

سىمكەر رۇق

Sigmoceros

礼氏狷羚属

 

 ئەنەپ شاخئىلە

Antilopinae

羚羊亚科

 بۆكەن كەنجى ئائىلىسى

قۇمكاس رۇق

Ammodorcas

沙羚属

 

ئەنكاس رۇق

Antidorcas

跳羚属

 

ئەنەپ رۇق

Antilope

印度羚属

 

دوركارۇق

Dorcatragus

大耳羚属

 

جەرەن رۇق

Gazella

瞪羚属

ئاھۇ ئۇرۇقدىشى

لوكان رۇق

Litocranius

长颈羚属

 

ماداق رۇق

Madoqua

犬羚属

 

نورۇس رۇق

Neotragus

岛羚属

ئارال بۆكىنى ئۇرۇقدىشى

ئوغۇس رۇق

Oreotragus

山羚属

 

ئورەب رۇق

Ourebia

侏羚属

 

پوغۇچ رۇق

Procapra

原羚属

 

رەپكە رۇق

Raphiceros

小岩羚属

 

مۇيزاق شاخئىلە

Bovinae

牛亚科

 

بىسون رۇق

Bison

美洲野牛属

 

مۇيزاق رۇق

Bos

牛属

كالا ئۇرۇقدىشى

بوسلاپ رۇق

Boslaphus

蓝牛属

نىلگاي بۆكىنى ئۇرۇقدىشى

بۇبال رۇق

Bubalus

水牛属

سۇ كالىسى ئۇرۇقدىشى

سىنكە ررۇق

Synceros

非洲水牛属

 

تاروت رۇق

Taurotragus

非洲林羚属

 

تۆترەك رۇق

Tetracerus

四角羚属

تۆت مۈڭگۈزلۈك بۆكەن ئۇرۇقدىشى

 تاغلاپ رۇق

Tragelaphus

林羚属

 

 كەفەل رۇق

Cephalophinae

麂羚(小羚羊)亚科

 

سىلۋاپ رۇق

Sylvicapra

普通小羚羊属

 

كەپەل رۇق

Cephalophus

小羚羊属

كىچىك بۆكەن ئۇرۇقدىشى

ھىپرا شاخئىلە

Hippotraginae

马羚亚科

 

ھىپرا رۇق

Hippotragus

马羚属

 

ئورىش رۇق

Oryx

长角羚属

ئۇزۇن مۈڭگۈزلۈك بۆكەن ئۇرۇقدىشى

 ئەدەش رۇق

Addax

旋角羚属

 

قوي شاخئىلە

Caprinae

羊亚科

 

جۇر رۇق

Pantholops

藏羚属

 

 بۆكەن رۇق

Saiga

高鼻羚羊属

 

ئامورا رۇق

Ammotragus

鬣羊属

 

بۇدار رۇق

Budorcas

羚牛属

 

تاغۆچ رۇق

Capra

山羊属

 ئۆچكە ئۇرۇقدىشى

ھەمغۇس رۇق

Hemitragus

塔尔羊属

 

نامور رۇق

Naemorhedus

鬣羚属

 سۇماترا بۆكىنى ئۇرۇقدىشى

ئورنوس رۇق

Oreamnos

雪羊属

 ئاق بۆكەن ئۇرۇقدىشى

ئويبوس رۇق

Ovibos

麝牛属

 ئىپار كالا ئۇرۇقدىشى

ئارقار رۇق

Ovis

盘羊属

 

دارقار رۇق

Pseudois

岩羊属

 كۆكمەت ئۇرۇقدىشى؛ تورۇق تېكە ئۇرۇقدىشى

رۇپقار رۇق

Rupicapra

岩羚羊属

 

رۇدۇن شاخئىلە

Reduncinae

苇羚亚科

 

قوبۇس رۇق

Kobus

水羚属

 سۇ بۆكىنى ئۇرۇقدىشى

رودۇن رۇق

Redunca

苇羚属

 

پەلىن شاخئىلە

Peleinae

短角羚亚科

 

پەلىن رۇق

Pelea

短角羚属

 

 

بايان ئاخىر

بىزدە لۇغەت ئىشلەش، كىتاپ يازىپ نەشىر قىلىش روھىمىز جۇشقۇن، ئاكتىپ بولىۋاتىدۇ. نەشىر قىلىنغان لۇغەتلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما، ئۇلارنىڭ سۈپىتىگە قارايدىغان بولساق، خۇددى يوقۇرىدا دىيىلگەن ئەھۋاللار ساقلانماقتا. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، روھىمىزنى ئىزدەنمەسلىك، كۆچۈرۈپلا ئالىش، ھورۇنلۇق، پاسسىپلىق، تەييارغا ھەييار بولۇش، سەل قاراش چىرمىۋالغانلىقتىن دەپ قارايمەن. خەت ئوقيالىساقلا، يازالىساقلا، مەلۇم مەرىپەت قالپىقىنى كىيىۋالساقلا ھىساپ ئەمەس. ئەجىر قىلىش، ئىجادى ئىزدىنش، قىممەت يارىتىش ھەممەيلەننى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. مەزگۇر ئەسەر، مانا مۇشۇ نوقتىدىن يازىلدى. قىممەتلىك پىكىرىڭىزلەرنى ئايىمىغايسىزلەر.

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 06-ئاينىڭ 28-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 203 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4634
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز