23ئىيۇن
ئاغوپرۇق زاتلىرى
ئاغوپرۇق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
پەنوم تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2012- ۋە 2013- يىللىق سانلىرىدا ئا.ر.جىمسارىنىڭ «گىيائىلە ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاش ۋە يازىش قائىدەسى»[1]، «گىيارۇق ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاش ۋە يازىش قائىدەسى»[2] ناملىق ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغان، ھەمدە شۇ ناملىق ئەسەرلەرنىڭ روھى بۇيىچە تۈزۈلگەن، «شىنجاڭغا تارقالغان گىيائىلە ناملىرى»[3] ۋە «شىنجاڭدىكى گىيارۇقلار(4)»[4] ناملىق ئەسەرلەرمۇ نەشىر قىلىنغان. بۇنىڭدا، «سايۋانئىلە» دىگەن نامدا ئاتالغان بىر گىيائىلە بارلىقى، بۇ ئائىلىدە يەنە «ئاغوپرۇق» دىگەن نامدا ئاتالغان بىر گىيارۇق بارلىقى كۆرسۈتۈلگەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە ئەنە شۇ «ئاغوپرۇق» تىكى زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى كۆرسۈتىلدى.
1. «ئاغوپرۇق»نىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
«ئاغوپرۇق» دىگەن سۆز، «سايۋانئىلە» (كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى)دىكى بىر رۇقنىڭ نامى. بۇ رۇق نامىنى، رەھمەتۇللا جىمسارى تۇنجى بولۇپ قويغان. ئاغوپرۇق»، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «بوز تاران ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالغان. سايۋانئىلە بولسا، سايۋانمەتكە (كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئەترىتى) تەۋە بىر ئائىلە. سايۋانمەت، قوشبەلبىقەگە، قوشپەلبىقە، قاپلىقدانبىلەگە تەۋە بولىدۇ. 1- جەدۋەلگە قاراڭ.
1-جەدۋەل: «ئاغوپرۇق»نىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
تاكسون نامى [5] |
ئۇيغۇرچە نامى[2،4،5] |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى[6،7 ] |
مىقياس نامى (界) |
گىيامىقياس |
Plantae |
植物界 |
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى |
قەبىلە نامى (门) |
قاپلىقدانبىلە |
Angiosperms |
被子植物门 |
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى |
تەبىقە نامى (纲) |
قوشپەلبىقە |
Eudicots |
真双子叶植物纲 |
قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى |
جەمەت نامى (目) |
سايۋانمەت |
Apiales |
伞形目 |
كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئەترىتى |
ئائىلە نامى (科) |
سايۋانئىلە |
Apiaceae |
伞形科 |
كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى |
رۇق نامى (属) |
ئاغوپرۇق |
Aegopodium |
羊角芹属 |
بوز تاران ئۇرۇقدىشى |
2. ئاغوپرۇق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى
ئاغوپرۇق زاتلىرى، ئاغوپلار ياكى ئاغوپ زاتلىرى دەپمۇ ئاتالسا بولىدۇ. ئاغوپلار توغرىسىدا مەلۇماتلار ئارا پىكىر بىرلىكى يوق. بەزى مەنبەلەردە 8 زاتى بار دىيىلگەن. بەزى مەنبەلەردە 7 زاتى بار دىيىلگەن. مەن «ۋىكىپېدىيا»، «بەيدۇ» تورىدىكى مەنبەلەردىن ئاغوپرۇقنىڭ 10 خىل زاتىنى جەمتەر قىلدىم. 2- جەدۋەلگە قاراڭ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، دۆلىتىمىز جۇڭگوغا 5 زاتى ۋە 1 شاخزاتى تارقالغان[7]. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزغا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 4 زاتى تارقالغان (كۆك خەتلىكى شۇ)[7].
2-جەدۋەل: ئاغوپرۇق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، خەنزۇچە ناملىرى
ئۇيغۇرچە نامى[6] |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى[7،8،9،] |
ئاغوپ تاغلىقى |
Aegopodium alpestre |
东北羊角芹 |
شەرقى شىمال بوز تاپىنىتاغ بوز تارانى(2011-يىل) |
ئاغوپ بۇرتى |
A. burttii |
|
|
ئاغوپ دەكۇمى |
A. decumbens |
|
|
ئاغوپ ھاندىلى |
A. handelii |
湘桂羊角芹 |
|
ئاغوپ ھېنرى |
A. henryi |
巴东羊角芹 |
|
ئاغوپ كەشمىرى |
A. kashmiricum |
|
كەشمىر بوز تارانى |
ئاغوپ قوماروۋى |
A. komarovii |
|
|
ئاغوپ كەڭبەرگى |
A. latifolium |
宽叶羊角芹 |
كەڭ يوپۇرماقلىق بوز تاران |
ئاغوپ پودارى |
A. podagraria |
羊角芹 |
بوزتاران |
ئاغوپ تاجىكى |
A. tadshikorum |
塔什克羊角芹 |
تاجىك بوز تارانى |
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا ئاغوپرۇق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى توغرىسىدا پىكىرىمنى بايان قىلدىم. بۇرادەرلەرنىڭ مەزگۇر ئەسەردىكى كام قالغان ياكى ئاق قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاپ قويۇشىنى، خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا، تۈزۈتۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەنبە ئەسەرلەر
[1] ئا.ر.جىمسارى، «گىيائىلە ناملىرىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى»، تورىستان «ئاكادېمىيە»، 2012-يىل، 5-باھار نەشىرى.
[2] ئا.ر.جىمسارى، « شىنجاڭغا تارقالغان گىيائىلە ناملىرى»، تورىستان «ئاكادېمىيە»، 2012-يىل، 10-باھار نەشىرى.
[3] ئا.ر.جىمسارى، «گىيارۇق ناملىرىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى»، تورىستان «ئاكادېمىيە»، 2012-يىل، 19-سەپەر نەشىرى.
[4] ئا.ر.جىمسارى، «شىنجاڭدىكى گىيارۇقلار»، تورىستان «ئاكادېمىيە»، 2012-يىل، 10-ئوغلاق نەشىرى.
[5] رەھمەتۇللا ئادىللا، قۇربان نىزامىدىن، خەلىل قۇربان قاتارلىق، «جانىۋارلار دۇنياسىنى تۈرلەش سىستېمىسى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش»، قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيىسى، 2008-يىل،2-سان.
[6] ئا.ر.جىمسارى، «گىيا زات ناملىرىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى»، تورىستان «ئاكادېمىيە»، 2012-يىل، 17-چىللە نەشىرى.
[7] شىنجاڭ ئەنگىيا تەھرىر ھەيئەتى تۈزىگەن، «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى 3-توم»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى، 2011-يىل .( 年,新疆植物志编辑委员会, “新疆植物志 “ ,新疆科学技术出版社)
[8] مىجىت خۇدابەردى، «شىنجاڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1985-يىل نەشىرى.
[9] ئالاۋىدىن ئابدۇرېھىم تۈزىگەن، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لۇغىتى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2006-يىل نەشىرى.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 06-ئاينىڭ 23-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 237 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4618
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!