2016ئۆكتەبىر12
«دا بازار»دىگەن سۆز ھەققىدە ئىمىر غىياس ئەپەندىگە تۆرت سۇئال جىمسارى بايان ئاۋۋال ئىمىرغىياس ئەپەندى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ھەم توغرا ئاتالغان ئۇيغۇرچە سۆز دەپ قاراغان «دابازار» سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق ئاتالىشى، «شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار» دىيلگەن ھەم شۇنداق يازىلغان. بۇنىڭ خەنزۇچەسى، «新疆国际大巴扎» دەپ …
2016ئىيۇل7
يەتتە ئۇلۇغ جىمسارى تۈنۈگۈن باغداش تورىدا نەشىر قىلىنغان «ھاياتلىقتىكى يەتتە ئەلا» ناملىق ئەسەرگە، كارىزبەگ ئىسىملىك بۇرادەر، مۇنداق ئىنكاس يازغان: « ئەسسالام جىمسارى ئاكا، يەتتە نى مەركەز قىلىپ يازغان تېمىلىرىڭىزنى ياقتۇرىمەن. مەن بىر تېما ئۈسـتىدە ئىزدىىنىۋاتقان. مەن يورۇتماقچى بولغۇنىم ئۇلۇغ …
2016فېۋرال10
«ئۇيغۇر تىلى»نىڭ تەۋەلىكى جىمسارى بايان ئاۋۋال «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، ئۇيغۇر تىلى دىگەن سۆزگە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: «…ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىلى، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركى تىللار تۈركۈمىگە كىرىدۇ…». بۇ ئىزاھات، مىنڭچە كىشىگە ئېنىق ئۇقۇم بېرەلمەيدۇ. چۈنكى تىللارنىڭ تەۋەلىكىنى …
2016يانۋار9
«قۇرۇمتاش» ۋە «قۇرۇم» توغرىسىدا جىمسارى بايان ئاۋۋال «قۇرۇمتاش»، «قۇرۇم» دىگەن ئىسىم سۆزلەرنى، مەن تۇنجى بولۇپ يازىق ئەسەرلەرىمدە قوللانغان ئىدىم. بۇنىڭغا ئائىت ئەسەرلەرىم، «ئاكادېمىيە» ناملىق بلوگىمدا بۇنىڭدىن بىر يارىم يىل بۇرۇن نەشىر قىلىنغان. بۇ سۆزلەرنىڭ مەناسى بىلەن تېخىمۇ …
2015ئاۋغۇست23
بىزنىڭ ئەدەبىياتقا ئائىت گەپلىرىمىزدە، «رومان، پوۋىسىت» دىگەن سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ تىلىمىزغا چەتئەل تىلىدىن كىرگەنلىكى مەلۇم. ئەمما، بۇ سۆزلەرنىڭ تىلىمىزدا قوللۇنىۋاتقانىغا 100 ئۆپچۆرىسىدە بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىمەن. شۇڭا مىنىڭدە، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىز بۇ «رومان، پوۋىسىت» دىگەن سۆزلەرنى قانداق سۆز بىلەن ئاتىغان؟ دىگەن سۇئال تۇغۇلدى. مەن، ئىچىڭدىكى خىيال، تىشىڭدىكى رىيال دەپ قارايمەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ ھەقتىكى خىياللىقنى، رىياللىققا چىقاردىم.
2015ئىيۇل25
مەزگۇر ئەسەردە، رۇخسارۇق گىيالىرى توغرىسىدا ھەم شىنجاڭغا تارقالغان رۇخسا زاتلىرىدىن مەلۇمات بېرىلدى.
2015ئىيۇن21
مەزگۇر ئەسەردە، ئەكرىيا ناملىق گىيا ۋە ئۇنىڭ ئىگىر ناملىق دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە يىلتىزغولى ھەققىدە قىسقىچە شەرھى بېرىلدى.
2015ئىيۇن12
ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «تەپەككۇر» دىگەن بىر سۆز كۆپ ئۇچرايدۇ ھەم ئۇنى تىلىمىزدا كۆپ قوللۇنىمىز. ئەمما، بۇ سۆز توغرىسىدا كىشىلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسى ھەرخىل ئىكەن. مەسىلەن: بەزىلەر، بۇ سۆزنىڭ مەناسىنى «ئىنكاس»، «چۈشەنچە»، «تەسەۋۋۇر» دەپ بىلىدىكەن. يەنە بەزىلەر، «پىكىر يۈرگۈزۈش»، «ئويلاش»، «مۇھاكىمە»، «خىيال» دىگەندەك مەنىلەردە بىلىدىكەن. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» مۇ، «تەپەككۇر» دىگەن سۆزنى ئەنە شۇ مەزمۇنلاردا ئىزاھلىغان. ئۇيغۇرچە ۋېبسىتلاردا «دىداكتىك تەپەككۇر، ئەقلى تەپەككۇر» دىگەندەك سۆزلەرمۇ ئۇچراۋاتىدۇ. دىمەك، نۆۋەتتە، تەپەككۇر دىگەن سۆز توغرىسىدا بىر ئىزدىنىپ بېقىش زۆرۆرىيەتى باردەك ھېس قىلدىم. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ شەكىللىرى دىگەن ئەسەرنى ھوزورىڭىزلارغا سۇندۇم. ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆرۈپ باقارسىزلەر. ئەسەر مەزمۇنىدا خاتالىق كۆرۈلسە، دەرھال تۈزۈتۈش پىكىرى بېرىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
2015ماي27
ئېنگىل سىستېماسىنىڭ مۇشۇ قىسمى (4-قىسمى) بىلەن، قاپلىقدان گىيالار تىزىملىكى ئاياقلاشتى. يوقۇرىدا كۆرسەتىلگەن 4 قىسىم ئەسەردە، كام قالغان، خاتا بولۇپ قالغان، ئارتۇق بولۇپ قالغان جايلىرى بولۇپ قالسا، بۇرادەرلەرنىڭ تۈزۈتۈش پىكىرىنى ئايىماسلىقنى ئۈمۈد قىلىمەن.
2015ئاپرېل30
Hoxna orunductiki bireylen man’a carap xundac didi: “bu poyizni henzuqe don’qe (动车) deydiken, buni biz uygurqe “tez poyiz” devatimiz, emma bu, poyizga kwp jehettin ohximaydiken”. Menmu u kixige carap: Togra deysiz, buni “poyiz yaki tez poyiz” disek muvapic bolmaydu, Buni helcaralic nami buyiqe, “EMU” disek togra boludu didim. Xunin’ bilen bu hecte yol buyi paran’lixip man’duc.