2015-يىلى 9-ئاي نىڭ ئارخىپلىرى
2015سېنتەبىر30

«كېڭەش» كە چۈشكەن ئىنكاسلارغا ئىنكاس

باغداش تورىغا يوللىغان ئەسەر ئۆچۈرۈلۈپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ مەزگۇر ئەسەردە، ئاخشام كۆرگەن ئىنكاسلارغا چۈشەنچە بەردىم. بەزى بۇرادەرلەرنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، مەزگۇر ئەسەر «ئۇيلات لايىھەسى»دىكى ھەرىپلەر بىلەن يازىلدى. مالال كۆرمەگەيسىزلەر.

2015سېنتەبىر28

ئۇيلات ( ئۇيغۇرچە لاتىن ھەرىپلىك يازىق) توغرىسىدا بۇرادەرلەر بىلەن كىڭەش

قۇربان ھېيت مۇناسىۋەتى بىلەن ماڭا يوللانغان لاتىن ھەرىبلىك سالاملاردا بۇرادەرلەرنىڭ مەقسەتلىرى ئېنىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇ خەتلەرنى مەن بىمالال ئوقۇدۇم. شۇنىڭ بىلەن، بۇرادەرلەرنىڭ يازغان خەتلىرىدىكى ھەرىبلەرگە دىققەت قىلىپ باقتىم. بۇلار ئاساسىدا، مەن يەنە بىر لاتىن ھەرىبلىك ئۇيغۇر يازىقىنى لايىھەلىدىم. بۇ لايىھەگە «ئۇيلات لايىھەسى» دەپ نام قويدۇم. بۇرادەرلەر بىلەن كېڭەش قىلىپ بېقىش ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەرنى «باغداش تورى»غا يوللىغان ئىدىم. «ئاكادېمىيە» دىكى ئەزىزلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ تور بىكەتكىمۇ يوللاپ قويدۇم. ئۈمۈدۈم شۇكى، بۇرادەرلەر باشقا گەپنى قويۇپ تۇرۇپ پەقەتلا يازىق شەكلى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىپ كۆرسەك بولۇدۇ.

2015سېنتەبىر23

يەتتە ئارزۇ

ئارزۇ، مەلۇم جىسىم ھەم روھنىڭ ئۆزىدە بولۇشنى ياكى شۇنىڭغا يىتىشنى تىلەيدىغان ئەركىن خىيالنى كۆرسۈتىدۇ. مىنىڭچە، ئارزۇ قانداق ئەركىن بولسۇن، ئۇ، ئەدەب ۋە ئەخلاق ئىچىدە بولۇدۇ. ھەرگىزمۇ چىگرىسىز، چەكسىز، شەرتسىز ھەم خالىغانچە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئارزۇ، «ئازغۇ»غا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئادەتتە ھاياتلىكى كىشىنىڭ ئارزۇسى بولۇدۇ. شۇڭا، كىم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە خىلمۇ-خىل ئارزۇلار بولۇدۇ. ئارزۇغا يېتىشنىڭ يەتتە پىرىنسىپى بولۇدۇ.

2015سېنتەبىر20

گىيالارنىڭ يەتتە رولى

گىيالارنىڭ زىمىندىكى جانىۋارلار ھاياتىدا كام بولسا بولمايدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. شۇنداق بولسامۇ، گىيالارنىڭ ئادەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانىۋارلارغا نىسبەتەن مۇھىم روللىرىنى جەمتەرلەپ باقتىم. قاراغاندا، گىيالارنىڭ ئادەم ۋە جانىۋارلارغا نىسبەتەن ئالغاندا، باشقا ھېچقانداق شەيئى ئۈستىگە ئالالمايدىغان يەتتە رولى باردەك قىلىدۇ. بۇلارنى مەن «گىيالارنىڭ يەتتە رولى» دەپ ئاتادىم.

2015سېنتەبىر19

يەتتە خىل ئادەم

مەن ئۇيغۇر ۋېبتورىدىن ئادەملەرنى تەبىقەگە ئايرىغان مەلۇم بىر ئەسەرنى كۆرگەندەك قىلدىم ھازىر ئىسىمدە قالماپتۇ ھەم قايتا ئىزدەپ كۆرمەدىم. ئادەملەرنى مەلۇم تەبىقەگە ياكى دەرىجەگە ئايرىشنى بىر قاراساق ياخشى ئىش ئەمەستەك قىلىدۇ. يەنە بىر قاراساق ئوبدان ئىشتەك قىلىدۇ. ياخشى ئەمەسلىكى، ئادەم بىر قىلىپتا ئۆزگەرمەي تۇرۇپ قالمايدۇ. ياخشى بولۇشى، بىرى-بىرىگە ئىبرەت ھەم ئۆگۈنۈش ئۈلگەسى بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئادەملەرنى قايسى نوقتىدىن دەرىجىگە ئايرىش مەسىلىسىدۇر. بەزىلەر، ئادەملەرنىڭ مال دۇنياسىغا قاراپ دەرىجىگە ئايرىشى مۇمكىن. بەزىلەر، ئەمىلىگە، بىلىمىگە قاراپ ئايرىشى، يەنە بەزىلەر، ئەخلاقىغا قاراپ ئايرىشى مۇمكىن. مەن، ئادەملەرنىڭ ئىچكى خاراكتىرى نىسبەتەن مۇقىمراق بولۇدۇ دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن، ئادەملەرنى دەرىجىگە ئايرىشتا ئۇلارنىڭ ئىچكى خاراكتىرىنى ئاساس قىلسا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئىچكى خاراكتىرىگە ئاساسەن يەتتە دەرىجىگە ئايرىدىم.

2015سېنتەبىر5

يەتتە گىيا

گىيا (ئۆسۈملۈك)لار، زىمىندىكى يەتتە جانىۋارنىڭ بىرى. ئالىملار دۇنيادىكى گىيالارنىڭ زاتىنى 300 مىڭ ئەتراپىدا مۆلچەرلىمەكتە. تاكسونوملار، بۇ گىيالارنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇيىچە ئۇلارنى ھەر خىل جەمەت، ئائىلە، رۇق ۋە زاتلارغا ئايىرىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇلار ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، مەخسۇس گىيانامە تەتقىقاتى بىلەن ھەپىلەشكەن كىشىلەرنىڭ بىلمىكى ئاسان، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىلمىكى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بارلىق گىيالارنى يەتتە چوڭ بۆلەككە ئايرىدىم. بۇنىڭغا «يەتتە گىيا» دىگەن ئىسىمنى قويدۇم. بۇلارغا ئاددى ئىزاھات بەردىم.

2015سېنتەبىر4

مۇھاجىر گىيا ۋە ئىشغال گىيا

مەزگۇر ئەسەردە، «مۇھاجىر گىيا»، «ئىشغال گىيا» دىگەن سۆزلەرگە تەبىر بېرىلدى. ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىك ۋە كەلتۈردىغان زىيانى قىسقىچە كۆرسەتىلدى.