باش بەت > ئۇنىۋېرسال > يەتتە خىل ئادەم
19سېنتەبىر

يەتتە خىل ئادەم

يەتتە خىل ئادەم

ئا.ر.جىمسارى

بايان ئاۋۋال

مەن ئۇيغۇر ۋېبتورىدىن ئادەملەرنى تەبىقەگە ئايرىغان مەلۇم بىر ئەسەرنى كۆرگەندەك قىلدىم ھازىر ئىسىمدە قالماپتۇ ھەم قايتا ئىزدەپ كۆرمەدىم. ئادەملەرنى مەلۇم تەبىقەگە ياكى دەرىجەگە ئايرىشنى بىر قاراساق ياخشى ئىش ئەمەستەك قىلىدۇ. يەنە بىر قاراساق ئوبدان ئىشتەك قىلىدۇ. ياخشى ئەمەسلىكى، ئادەم بىر قىلىپتا ئۆزگەرمەي تۇرۇپ قالمايدۇ. ياخشى بولۇشى، بىرى-بىرىگە ئىبرەت ھەم ئۆگۈنۈش ئۈلگەسى بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئادەملەرنى قايسى نوقتىدىن دەرىجىگە ئايرىش مەسىلىسىدۇر. بەزىلەر، ئادەملەرنىڭ مال دۇنياسىغا قاراپ دەرىجىگە ئايرىشى مۇمكىن. بەزىلەر، ئەمىلىگە، بىلىمىگە قاراپ ئايرىشى، يەنە بەزىلەر، ئەخلاقىغا قاراپ ئايرىشى مۇمكىن. مەن، ئادەملەرنىڭ ئىچكى خاراكتىرى نىسبەتەن مۇقىمراق بولۇدۇ دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن، ئادەملەرنى دەرىجىگە ئايرىشتا ئۇلارنىڭ ئىچكى خاراكتىرىنى ئاساس قىلسا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئىچكى خاراكتىرىگە ئاساسەن يەتتە دەرىجىگە ئايرىدىم.

t01b095a9bf5be4f392

1-ئىشچان ئادەم: ئىشچان ئادەم، ئادەتتە بىكار تۇرماي بىر ئىش بىلەن شوغۇللۇنىدۇ. بىر ئىشنى قىلسا ياخشى قىلىدۇ.

2-ھورۇن ئادەم: ھورۇن ئادەم، ئادەتتە بىرەر ئىش بىلەن شوغۇللۇنۇشنى خالىمايدۇ. بىر ئىشنى ياخشى قىلمايدۇ.

3-ئەقىللىق ئادەم: ئەقىللىق ئادەم بىر كۆرگەن، ئاڭلىغان ھەم ئۆگەنگەننى ئۆزلەشتۈرىۋالىدۇ. كەپلەشكەننى ئەپلەشتۇرىدۇ.

4-دۆت ئادەم: دۆت ئادەم، بىر كۆرگەن، ئاڭلىغان ھەم ئۆگەنگەننى ئۆزلەشتۈرەلمايدۇ. بىر ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمەي غەلىتە قىلىدۇ.

5-مېھرىبان ئادەم: مېھرىبان ئادەم كىشىلەرگە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. كىشىلەرگە يامانلىق تىلىمەيدۇ، ئالىجاناپ كىلىدۇ.

6-رەزىل ئادەم: رەزىل ئادەم، كىشىلەرگە يامانلىق نەزەرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ناھايىتى شەخسىيەتچى، يالغانچى ھەم ئاچكۆز كىلىدۇ.

7-ئادەتتىكى ئادەم: ئادەتتىكى ئادەم، يوقۇرىدىكى 6 خىل ئادەمنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇدۇ. بۇ 6 خىل خاراكتىر ئۇلاردا روشەن ئىپادىلەنمەيدۇ

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا مەن كىشىلەرنى ئادەتتىكى ئورتاق شارائىت شەرتى ئاستىدا، ئۇلارنىڭ ئىچكى مىجەز خاراكتىرىگە ئاساسەن يەتتە خىلغا ئايرىدىم. بۇ يەتتە خىل خاراكتىرنىڭ يوقۇرى-تۆۋەنلىك دەرىجەسى بولمايدۇ. ھەم شۇ كىشى بىر ئۆمۈرىدە ئۆزىمۇ ھېس قىلالمايدۇ، ئاساسەن ئۆزگەرتمەيدۇ. مىنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشىمدىكى مەقسەت، كىشىلەرگە ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى كۆرەلەيدىغان بىر «ئەينەك»نى ياساپ چىقىپ، قاملاشمىغان يەرلىرىنى تۈزەشتۈرۈشكە پايدىسى تىگىپ قالار دىگەندىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، بۇرادەرلەرنىڭ باشقىچە ئويلىغانلىرى باردۇر. قېنى سىزمۇ بۇ ھەقتە پىكىرىڭىزنى ئاياماغايسىز.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 09-ئاينىڭ 19-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,383 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=6514
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

2 پارچە باھا

  1. #1 كارۋانبىز بۇ باھاغا پىكرىم بار | نەقىل ئېلىش Post:2015-10-31 03:34

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن،7 تىمسدىكى تىمىڭز توختاپ قالمىسا،مەن بەك قىزقىپ ئوقويتىم

    • ھۆرمەتلىك كارۋانبىز بۇرادەر، ئاكادېمىيەنى زىيارەت قىلغانىڭىزغا ھەم يەتتە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇغانىڭىزغا، ئىنكاس يازغانىڭىزغا كۆپ رەھمەت. خۇدايىم بويرىسا بۇ ھەقتە يەنە ئىزدىنىپ باقىمەن.

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز