2016ئىيۇل27
بىزدىكى يەتتە قوي نەسىلى جىمسارى تارىخى مەنبەلەرگە قاراغاندا، ئەجداتلىرىمىزنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زىمىندا ياشىغان تارىخى خېلى ئۇزۇن ئىكەن. بۇ ئۇزۇن تارىخى جەرياندا، ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جاينىڭ بايلىقى ۋە مۇھىتىغا يارىشىدىغان نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان. بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. مەن ئەنە شۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى …
2014سېنتەبىر18
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، دۆلىتىمىز جۇڭگودىكى تاغلار كۆپ جايلاشقان رايونلارنىڭ بىرى. شىنجاڭدا ئالتايتاغلاش (阿勒泰山系)، جۇڭغارغەربى تاغلاش (准格尔西部山系)، تەڭرىتاغلاش (天山山系)، قۇرۇمتاغلاش (昆仑山系) قاتارلىق 4 چوڭ تاغلاش بولۇپ، بەيتىكتاغ، ئالتايتاغ، بارلۇقتاغ، سېمىزتايتاغ، ئۇرقاشارتاغ، ئىلانقابىرغاتاغ، پولىكنورتاغ، بوغداتاغ، قاراقىزىلتاغ، پامىرتاغ، قۇرۇمتاغ، قاراقۇرۇمتاغ ۋە ئالتۇنتاغ قاتارلىق 100گە ياقىن تاغداشلارنى (تاغ تىزمىسى، 山脉) ئۆز ئىچىگە ئالادى. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، شىنجاڭدا مەۋجۇد تۇرغان، يەربويى 5000 مېتىردىن ئاشادىغان 64 چوققا-داۋاننىڭ نامى، ئىگىزلىكى، جايلاشقان تەۋەلىكى (ناھىيەگىچە) قاتارلىق مەزمۇنلار قىسقىچە بايان قىلىندى.
2014ئىيۇن3
خاسۋار گىيالار دىگەن نىمە؟ مەلۇم بىر تار ياكى كىچىك دائىرەگىلا تارقالغان خەۋپتە گىيالارنى، «خاسۋار گىيالار» دەپ ئاتادىم. خاسۋار گىيالار دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە نىمە دەپ ئاتالغانلىقىنى مەن بىلمەدىم. «ئىزدە» تور لوغەتىدىن چىقمىدى. (گىيا، ئەسلىدە فارىسچە «گىياھ» دەپ يازىلاتتى، ئۇيغۇرچىدا «ھ» ھەرىپىنى يازمىساقمۇ، ئۇقۇمنى ئېنىق بىلدۈرەلەيدۇ، شۇڭا، ئۆزەمچە «ھ»نى تاشلاپ «گىيا» دەپلا يازدىم).
خاسۋار گىيالار بىر دۆلەت، رايوننىڭ خاس بايلىقى بولىدۇ. بۇ خىل بايلىقنىڭ بولۇشى، شۇ رايون تەبىئى شارائىتىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى گىيالار ئىچىدە، خاسۋار گىيالار ئاز ئەمەس. مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا ئۆسىدىغان خاسۋار گىيا زاتلىرىنىڭ سانى، 42 خىلغا يىتىدىكەن.
رايونىمىزدىكى خاسۋار گىياھلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش، ئۇلارنى ئاسراش، كۆپەيتىش ۋە پايدىلىنىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن شىنجاڭدىكى خاسۋار گىيالار زاتىنىڭ 11 خىلىنى تىزىپ چىقتىم ھەم ئۇلارنىڭ لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملىرىنى كۆرسەتتىم.
2013دېكابىر9
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مەمورى رايون بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى. شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىزدىكى چوڭ چارۋاچىلىق رايونى بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ، شىنجاڭدا مول ھەم سۈپەتلىك بولغان ئوتلاق بايلىقى بار. شىنجاڭنىڭ ئوتلاق بايلىقىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن، 1980-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئاپتونۇم رايونىمىزدا تۈنجى قىتىم، قاتناشقان ئادەم سانى كۆپ، تەكشۈرۈش ۋاقتى ئۇزۇن، تەكشۈرۈش دائىرەسى كەڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر بولغان، ئوتلاق بايلىقىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ خىزمەتلەرنىڭ نەتىجەلىرى، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلىرى، 1993-يىلى «شىنجاڭنىڭ ئوتلاق بايلىقى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش» ناملىق كىتاپ شەكلىدە خەنزۇ تىلىدا رەسمىي نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇنىڭغا بۇ يىل 20 يىل بولدى. لېكىن تاھازىرغىچە، بۇ مەلۇماتلار ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغانلىقىنى مەن كۆرمەدىم. خەلقىمىزگە شىنجاڭدىكى ئوتلاقلارنىڭ تۈركۈملىرى ھەققىدە مەلۇم مەلۇماتلارنى بېرىشنى ئۆزەمنىڭ بىر مەجبورىيەتى دەپ قارايمەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، شىنجاڭدىكى ئوتلاقلارنىڭ تۈركۈملىرى، پەسىللىك ئوتلاقلار ۋە ئۇلارنىڭ يەر مەيدانى قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىلگىنىمچە ئاددى بايان قىلدىم.
2013دېكابىر4
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، مەملىكىتىمىز بويىچە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ مەمورى رايون. ئۇنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى 166 مىليون 256 مىڭ 300 گېكتار بولۇپ، مەيلى يەر شەكلى ياكى يەر تىپلىرى جەھەتتە بولمىسۇن تۇرلىرى ناھايىتى مول. شىنجاڭدا قانداق يەر تىپلىرى بار؟ ئۇلارنىڭ كۆلەملىرى قانچىلىك نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ؟ بۇلار، ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشاۋاتقان كىشىلىرىمىز بىلىشكە تىگىشلىك مەلۇماتلاردىن ياكى ئېقتىسادى مەسىلىلەردىن ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىلىدىن بۇرۇنقى مەلۇمات مەنبەلىرىگە ۋە ئۆزەمنىڭ شىنجاڭنى ئايلىنىپ چىقىش جەريانىدا بىلگەن يەر تىپلىرىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى يەرلەرنىڭ تىپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كۆلىمى، ئىگەللىگەن نىسبەتلىرىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.
2013ماي13
شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەدىكى ئورنى 新疆在地理学中的位置 ئا.ر. بوستانىي مەن، شىنجاڭنىڭ تەبىئى مۇھىتى بىلەن 40 يىلدەك ھەپىلەشتىم. شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى، جەزىرەلىرى، باياۋانلىرى، ئورمانلىرى، يايلاقلىرى ۋە بوستانلىرىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقتىم. شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكى بىلەن تۇنۇشتۇم. بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىمنى بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش …
2013مارت30
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، ئېلىمىزدىكى تەبىستانلار كۆپ قۇرۇلغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىزاڭ ئاپتونۇم رايوندىن قالسا 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن. 2010-يىلغىچە شىنجاڭدا قۇرۇلغان تەبىستان، 35 يەتكەن. 2008-يىلدىن بۇرۇن، مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تەبىستانلارنىڭ كۆپۈنچىسىگە بارغان ھەم بۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولغان. شىنجاڭدىكى 8 ئورۇندا قۇرۇلغان دۆلەتلىك تەبىستانلارنىڭ نامى، جايلاشقان ئورنى، يەرمەيدانى، مۇھاپىزەت ئوبىكتى قاتارلىق موھىم مەلۇماتلاربېرىلگەن ئەسەرىم، ئاكادېمىيە تور بېكىتىنىڭ 2013-يىل 24-مارت نەشىرىدە، قىسقىچە بايان قىلىنغان ئىدى[،2،1]. بۇ قېتىم نەشىر قىلىنغان مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، شىنجاڭدا قۇرۇلغان ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك 22 تەبىستاننىڭ جايلاشقان ئورنى، قۇرۇلغان ۋاقتى، يەر مەيدانى ۋە مۇھاپىزەت ئوبىكتى قاتارلىق مەلۇماتلار قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلدى. ئاپتونۇم رايونلۇق تەبىستانلارنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. مەزگۇر ئەسەردىكى ناملىرىنى ۋە بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى، ئۆزەم مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىسىملارنى قويۇپ ئاتىدىم. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بەزىلىرىنى، بەلكىم مەن تۈنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشىم مۇمكىن. شۇڭا، مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلىرى بولسا تۈزۈتۈش پىكىرى بېرىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
2013يانۋار16
Xinjian’diki peygiya zatlari ve ularnin’ uygurqe namlari 新疆分布蕨类植物物种及其维吾尔语名称 Aptor: A.R.Bostany Bayanavval Peygiya, A.Rehmetulla ijat cilip coygan uygurqe giyalar nami bolidu[1]. peygiya digen namni uygurqe menbelerde “paporotnik wsvmlvkler, petirmilar, ciric culaclar” depmu atalgan[2,3,4,5,]. “Giya zat nami” digen swz, uygurqe menbelerde “wsvmlvk tvri nami” …
2012دېكابىر29
水与新疆 سۇ ۋە شىنجاڭ aptor: A.R.Jimsary يامغۇر تاراسلاپ، ئاسماندىن چۈشەر. جېمى يەر-جاھان، ياشارىپ كىتەر. جەزىرەلەرنىڭ، بەزىلەرى، سۇغا تويۇنۇپ، …
2012نويابىر25
شىنجاڭدىكى گىياھرۇقلار (6) 新疆分布的植物属名 ئاپتورى: ئا.ر. بوستاني مەزگۇر ئەسەردە، «فلورا شىنجاڭ» 6-تومدا خاتىرلەنگەن شىنجاڭغا تارقالغان گىياھرۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ لاتىنچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ناملىرى كۆرسۈتىلدى. ئۇيغۇرچە ناملىرى ئىككى خىل كۆرسۈتىلدى. بۇنىڭ بىرى، پروفىسسور مىجىت خۇدا بەردى ئەپەندى ئاتىغان ئۇيغۇرچە ناملىرى بولۇپ، «فلورا …