2014ئىيۇل30
بىز كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا «ماڭغان يول ئۇزۇنلىقىنى»، «كەتكەن ۋاقىتنى»، «بۇغداي تېرىغان يەر چوڭلىقىنى»، «ياشىغان ئۆمۈر ۋاقتىنى»، «يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى» كلومېتىر، سائەت ياكى كۈن، بىر ھېكتار ياكى 15 مو، 120 يىل، 100 توننا دىگەندەك كۆپلىگەن مەسۇر ئۇنىتلار بىلەن ئىپادىلەيمىز. دىمەك، ئادەملەر كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا مەسۇر ئۇنىتلاردىن ئايرىلالمايدۇ چۈنكى ئادەملەرنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدالانىشتا كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئۇسول ھەم قورالىدىن ئىبارەت. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، «مەسۇر»، «ئۇنىت» ۋە «خەلقئارالىق ئۇزۇنلۇق ئۇنىت سىستېماسى» دىگەن مەزمۇنلاردا بىلگەنلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.
2014ئىيۇل28
ئالدى بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىدىن ئاكادېمىيە بارلىق زىيارەتچىلەرىنىڭ 1434-قىتىملىق روزا ھېيتىمىزنى قۇتلۇقلايمەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە ھايۋانات ھۈجەيرەسىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملارى كۆرسەتىلدى.
2014ئىيۇل27
ئىنتېرنېت دۇنيادا ئومۇملاشقاندىن كىيىن، ھەر خىل تورىستان مەنبەلەرىدىن ھۈجەيرەنىڭ رەڭلىك رەسىملەرىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە گىيا ھۈجەيرەسىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملارى كۆرسەتىلدى.
2014ئىيۇل26
ئۇيغۇرچە «مىۋە» دىگەن سۆز، مىۋەنىڭ ئەتى بىلەن ئۇنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گىيالارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئەزاسىنى كۆرسەتىدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا، مىۋە، مىۋە ئەتى بىلەن مىۋە ئۇرۇقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولادى. قاپلىقدان گىيالارنىڭ مىۋەسى، ئادەتتە گۈلچەكنىڭ چاڭلانىشى، گۈلقاپ ، گۈلكاس، داندان قاتارلىق ئەزالارنىڭ بىرىكىشى بىلەن ھاسىل بولادى. گىيالار ئادەتتە مىۋەنىڭ ئۇرۇقى ياكى دانى ئارقالىق ئەۋلات كۆپەيتىدۇ ھەم ئەۋلات تارقاتادى.
2014ئىيۇل26
مەن، ئۇرۇق ياكى دان تۈگىدىغان گىيالارنى-«دانگىيالار» دەپ ئاتادىم. دانگىيالار، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر» دەپ ئاتالغان. دىمەك، دانگىيالارنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆپۈيۈش ئەزاسى، گۈل ياكى چىچەك دەپ ئاتالادى. گۈللەر ئادەتتە 6 قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولادى. بۇ ئالتە قىسىمنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارىنى، گۈلساپ، گۈلكاس، گۈلقاپ، گۈلتاج، گۈلزەك، گۈلچەك دەپ ئاتادىم.
2014ئىيۇل23
بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇشۇ بەش پارچە ئەسەردە گىيا بەرگلەرىنىڭ (يوپۇرماقلارىنىڭ) تۈزۈلىشى، شەكىللەرى ۋە بەرگىرەت شەكىللەرى قاتارلىق ئاساسى مەزمۇنلارنى بىلگىنىمچە ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەلۋەتتە بۇلاردىكى ئۇيغۇرچە ئىسىملار، بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇنقى خاتىرلەرىمگە ئاساسەن قويۇلغان. شۇڭا، كام قالغان، خاتا بولۇپ قالغان جايلارى بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ، «گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ نامى» توغراسىدا مۇھاكىمە پىكىرلەرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلامەن.
2014ئىيۇل22
«ئاكادېمىيە» تورىنىڭ 2014-يىللىق 21-چىللە سانىدا «گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (1)» ، 22-چىللە سانىدا «گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (2)»، « گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (3)» ناملىق ئۈچ پارچە ئەسەر نەشىر قىلىنغان. بۇ قاتىم يازىلغان مەزگۇر ئەسەر، ئەنە شۇ ئەسەرلەرنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، قاپلىقدان گىيالارنىڭ بەرگىرەت (يوپۇرماقنىڭ تىزىلىش رەتى) شەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى كۆرسەتىلدى.
2014ئىيۇل22
«ئاكادېمىيە» تورىنىڭ 2014-يىللىق 21-چىللە سانىدا «گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (1)» ، 22-چىللە سانىدا «گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (2)» ناملىق ئىككى پارچە ئەسەر نەشىر قىلىنغان. مەزگۇر ئەسەر، ئەنە شۇ ئەسەرلەرنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، قاپلىقدان گىيالار بەرگلەرىنىڭ جىيەك قىسمىنىڭ شەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى كۆرسەتىلدى.
2014ئىيۇل22
«ئاكادېمىيە» تورىنىڭ 2014-يىللىق 21-سەپەر سانىدا «گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (1)» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. مەزگۇر ئەسەر، ئەنە شۇ ئەسەرنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالاىنشى ئۈچۈن، قاپلىقدان گىيا بەرگلەرىنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ھەم ئاستى قىسمىنىڭ شەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى كۆرسەتىلدى.
2014ئىيۇل21
بىز بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ئەسلىدە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە مۇڭغۇلچە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ دەرسلەرنى بىۋاستە خەنزۇ تىلىدا چۈشۈنۈپ بولۇش بىزگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. مەن بۇ دەرسلەرنى ئۆز تىلىمىزدا چۈشۈنۈش ئۈچۈن شۇ چاغلاردا بىزنىڭ مەكتەپتىن ھېچقانداق ئۇيغۇرچە مەنبە ماتىرىيالنى تاپالمادىم. شۇنداق قىلىپ، بىر تەرەپتىن خەنزۇچە دەرىسنى ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن مۇئەللىم كۆرسەتكەن گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى كۆرسۈتىلگەن رەسىملەر ۋە چۈشەنچەلەرىم ئاساسىدا گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلىگە ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدۇم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە قاپلىقدان گىيالار قەبىلەسىدىكى (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى» دەپ ئاتالغان.) گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارىنى كۆرسەتتىم.