2014ئىيۇل20
رايونىمىزدىكى چۆلجەزىرەلەردە، يۇلغۇن، ئاقتىكەن قاتارلىق گىيالار يىلتىزىدىن پايدالانىپ پارازىت ياشايدىغان بىر خىل دورالىق گىيالار بار. بۇ گىيانىڭ نامىنى مەن ئۇنىڭ لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، «شىتەنكە» دەپ ئاتادىم. بۇ ئىسىم سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «توشقان زەدىكى» دەپ ئاتالغان. مەن بۇ ئىسىمنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن. شۇڭا، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە شىتەنكە دىگەن سۆزگە ئىزاھ بەردىم. شىتەنكەرۇقتىكى زاتلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارىنى كۆرسەتتىم.
2014ئىيۇل20
ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئاكادېمىيە» ناملىق تورىستاننىڭ 2014-يىللىق 6- چىللە سانىدا، «كىيىكرۇق زاتلارى » ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدە «كىيىك ئاقكاس سىبىرى»، «كىيىك ئاقكاس جۇڭغارى»، «كىيىك ئاقكاس ياركەندى» ناملىق 3 شاخزاتىنىڭ تارقالغانلىقى كۆرسەتىلگەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى «كىيىك ئاقكاس ياركەندى» شاخزاتى توغراسىدا بىلگەنلەرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.
2014ئىيۇل19
ئۇيغۇرچە تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2014-يىللىق 14-چىللە سانىدا، «قۇرۇمتاش توغراسىدا ئومۇمى بايان» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، قۇرۇمتاشنىڭ ئىككى خىلى بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بىرى «نىفقۇرۇمتاش»، يەنە بىرى «جىدقۇرۇمتاش» دەپ ئاتالادىغانلىقى سۆزلەنگەن. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى «جىدقۇرۇمتاش» توغراسىدا بىلگەنلەرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.
2014ئىيۇل18
«بورە»، ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان گۆشخور ھايۋان. بەزىلەر بۇنى، «بۆرى» دەپمۇ ئاتايدۇ. بىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە، بىزنىڭ ئەجداتلارىمىزنىڭ بۆرەنى تۇتىم قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۆرە گەرچە بىزگە تۇنۇشلۇق بولسىمۇ، ئۇنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى ۋە زاتلارى تۇنۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي ئەسەرنى مەن تېخى كۆرۈپ باقمادىم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن مەزگۇر ئەسەردە، بۆرەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، ئۇنىڭ 8 زاتى، 63 شاخزاتى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى كۆرسەتىلدى.
2014ئىيۇل14
ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تورىستانلاردا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەردە، «قاش، قاشگەر، قاش سودىگىرى، قاش سودىسى» دىگەندەك سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ سۆزلەر نىمەنى كۆرسەتىدىغاندۇ دەپ تەپسىلى ئوقۇسام، ئەسلىدە مەن «قۇرۇمتاش» دەپ ئاتاغان سۆزنىڭ تار مەناسىنى كۆرسۈتىدىكەن. ئەمما، «قاش» دىگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ سۆزلەرنى، «قۇرۇمتاش» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا قويۇش مىنىڭچە ھەر جەھەتتىن توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە قۇرۇمتاش دىگەن نىمە؟ ئۇقانداق پەيدا بولغان؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن ئەتىۋار؟ قانداق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ؟ ئۇيغۇرچە نامىنى قانداق ئاتاش توغرا بولىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى چۆرىدەپ، بىلگەنلىرىمنى، پىكىرلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.
2014ئىيۇل12
«ئىزدىنىش» تورىنىڭ 2014-يىلى12-چىللە سانىدا «قاش شەھىرى-قەشقەر» ناملىق تەرجىمە ئەسەرنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئەسەر، ئەسلىدە خەنزۇچە يازىلغان بولۇپ، 2004-يىلى «جۇڭگونىڭ قۇرۇمتاش تورى» (مەن شۇنداق تەرجىمە قىلدىم) دا نەشىر قىلىنغان ئىكەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەسەرنىڭ مەنبەسى، قەشقەرلىق داڭلىق ئالىم ۋاڭشىشىياڭ يازغان «قەشقەر تارىخى» ناملىق ئەسەر ئىكەن. دىمەك، «ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى»دىكى ئابدۇللا ئۆمەر دىگەن ئەپەندى ئەنە شۇ « قاش شەھىرى-قەشقەر » ناملىق خەنزۇچە ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا ئاۋدارغان ئىكەن. مەن بۇ ئەسەر تەرجىمەسىنى، ئەسەر توغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى ھەم شەخسى كۆز قاراشلارنى كۆرۈپ، ئويلۇنۇپ قالدىم. دىمەك، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ قەشقەر دىگەن نام توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلدىم.
2014ئىيۇل12
«ئاكادېمىيە» ناملىق ئۇيغۇرچە تورىستاننىڭ 2014-يىل 5-چىللەسىدە، «كىيىكئىلە ۋە ئۇنىڭدىكى رۇقلار» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، «ئەكىزرۇق» دىگەن نامدا ئاتالغان بىر رۇقنىڭ بارلىقى كۆرسۈتىلگەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەز گۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ ئەكىزرۇقتىكى زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى كۆرسۈتۈلدى.
2014ئىيۇل12
تۇخۇم دىسە ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما، ئۇ قانداق بۆلەكلەردىن تۈزۈلگەن؟ دەپ سورالسا، بۇنىڭغا جاۋاپ ېرەلەيدىغان كىشىلەر كۆپ ئەمەس. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەز گۇر ئەسەردە، تۇخۇمنىڭ تۈزۈلۈش بۆلەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى كۆرسۈتۈلدى.
2014ئىيۇل6
مەزگۇر ئەسەردە، كىيىكرۇق زاتلىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمزدا ياشايدىغان شاخزاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى كۆرسۈتىلدى.
2014ئىيۇل5
ئۇيغۇر تىلىمىزدا «كېيىك ياكى كىيىك» دەپ ئاتالغان بىر سۆز بار. مىنىڭ بىلىشىمچە، بۇ سۆزنىڭ كۆرسۈتىدىغان نەسەلى (ئوبىكتى) توغرىسىدا ئۈچ خىل قاراش بار ئىكەن. بۇنىڭ بىرى، ئوۋچىلار ياكى پالگانلار ئوۋلىغان، گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان، ئوت يەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. ئىككىنچىسى، بۆكەن، جەرەن، جۇرلارنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. ئۈچىنچىسى، بۇغا بىلەن مارالنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. مىنىڭچە بولغاندا، بۇ ئۈچ خىل قاراش، ناتوغرا بولغان يەرلىك قاراشلاردىن ئىبارەت. ئۇنداقتا كىيىك دىگەن قانداق ھايۋان؟ ھازىرغىچە بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك يازىلغان ئەسەرلىرىمىزدە بۇنىڭغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. مىنىڭ بىلىشىمچە، رايونىمىزدا كىيىك دەپ ئاتالغان ھايۋان زاتلىرى ياشاسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، كىيىكلەر توغرىسىدا يازىلغان ئەسەرلەر يوق. ئىشنى قىلىپ مەن كۆرمەدىم. شۇ ۋەجىدىن، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، «كىيىكئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقلىرى» توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.