2014-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى نىڭ ئارخىپلىرى
2014ئىيۇل5

كىيىكئىلە ۋە ئۇنىڭدىكى رۇقلار

ئۇيغۇر تىلىمىزدا «كېيىك ياكى كىيىك» دەپ ئاتالغان بىر سۆز بار. مىنىڭ بىلىشىمچە، بۇ سۆزنىڭ كۆرسۈتىدىغان نەسەلى (ئوبىكتى) توغرىسىدا ئۈچ خىل قاراش بار ئىكەن. بۇنىڭ بىرى، ئوۋچىلار ياكى پالگانلار ئوۋلىغان، گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان، ئوت يەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. ئىككىنچىسى، بۆكەن، جەرەن، جۇرلارنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. ئۈچىنچىسى، بۇغا بىلەن مارالنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. مىنىڭچە بولغاندا، بۇ ئۈچ خىل قاراش، ناتوغرا بولغان يەرلىك قاراشلاردىن ئىبارەت. ئۇنداقتا كىيىك دىگەن قانداق ھايۋان؟ ھازىرغىچە بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك يازىلغان ئەسەرلىرىمىزدە بۇنىڭغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. مىنىڭ بىلىشىمچە، رايونىمىزدا كىيىك دەپ ئاتالغان ھايۋان زاتلىرى ياشاسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، كىيىكلەر توغرىسىدا يازىلغان ئەسەرلەر يوق. ئىشنى قىلىپ مەن كۆرمەدىم. شۇ ۋەجىدىن، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، «كىيىكئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقلىرى» توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.