Ukarydunya
Ukarydunya
پىيزەكمەت (百合目 Liliales)، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، پىيزەك گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. پىيزەكمەت، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ تاقپەل گىياھلار تارماقىدىكى 11 جەمەتنىڭ بىرى. مەزگۇر ئەسەردە، پىيزەكمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلەسى كۆرسەتىلدى.
دىيوسمەت (Dioscoreales薯蓣目)، دىيوس گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. دىيوس دىگەن ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى 2012-يىلى قويغان. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، پىچەكگۈل دەپ ئاتالغان. دىيوسمەت، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ تاقپەلگىياھلار تارماقىدىكى 11 جەمەتنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن ئىلگىركى كرونكۈست سىستېماسىدا، دىيوسئىلە دەپ پىيزەكمەتنىڭ (百合目) بىر ئائىلەسى قىلىنغان. 1998-يىلدىن كىيىن ئوتتۇرغا چىققان « APGسىستېماسى» دا، دىيوسمەت دىگەن نامدا، ئايرىم بىر جەمەت قىلىنغان.
ئەسپەرمەت (天门冬目Asparagales)، ئەسپەر گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. ئەسپەرمەت، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ تاقپەلگىياھلار تارماقىدىكى 11 جەمەتنىڭ بىرى. مەزگۇر ئەسەردە، ئەسپەرمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلەلىرى كۆرسەتىلدى.
ئەلىسمەت (泽泻目Alismatales)، ئەلىس گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. ئەلىسمەت، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ تاقپەلگىياھلار تارماقىدىكى 11 جەمەتنىڭ بىرى. بۇ جەمەتتىكى گىياھلار، ئاساسەن سۇدا ئۆسەدىغان ئوتغول گىياھلاردىن بولۇدۇ. مەزگۇر ئەسەردە، ئەلىسمەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئائىلەلەر كۆرسەتىلدى.
ئىگىرمەت (菖蒲目 Acorales)، ئىگىرگىياھ جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. ئىگىرمەت، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ تاقپەلگىياھلار تارماقىدىكى 4 جەمەتنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مەنبەلەردە، ئىگىرمەت، ئىگىررۇق دەرىجىسدە بولۇپ، «چايان ئوت ئائىلىسى»گە تەۋە قىلىنغان. ھازىر، «APG سىسىتېم» ئورتىغا قويۇلغاندىن كىيىن، ئىگىرمەت دەرىجىسىدە تۈرلەندى.
پىپەرمەت (Piperales胡椒目)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، پىپەر جەمەت دىگەننى بىلدىرەدى. پىپەرمەت، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ مەگنولگىياھلار تارماقىدىكى 4 جەمەتنىڭ بىرى. پىپەرمەت گىياھلارى ئوتغول ھەم ياغاچغول بولۇدۇ. بىز ئادەتتە «قارامۇچ، ئاقمۇچ» دەپ ئاتايدىغان ئاھچىق تاماق خۇرۇچى، مانا مۇشۇ پىپەرمەت گىياھلىرىدىن چىقىدۇ.
مەگنولمەت (木兰目Magnoliales)، مەگنول جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. مەگنولمەت، قوشپەل گىياھلارنىڭ مەگنول تارماقىغا تەۋە بولغان 6 جەمەتنىڭ بىرى. « APGسىستېم »نىڭ 2-نەشىرىدە، مەگنولمەت گىياھلارىنى تۆۋەندىكى 6 ئائىلەگە بۆلگەن. مەزگۇر ئەسەردە مانا مۇشۇ ئائىلە ۋە ئۇلارنىڭ رۇقلارى كۆرسەتىلدى.
لۇرامەت، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ (گۈلگىياھلارنىڭ) مەگنوللار تارماقىدىكى جەمەتلەرنىڭ بىرى. لۇرامەتتىكى گىياھلار، دەرەخ، چاتقالنى ئاساس قىلىدۇ. ئاز ساندا تەييارتاپ فۇجىمۇتلارمۇ بار. لۇرامەتنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى تۆۋەندىكىچە:
كەنەلمەت (白桂皮目Canellales)، مەگنولگىياھلار تارماقىدىكى بىر جەمەتنىڭ ئۇيغۇرچە نامى. كەنەلمەتتە ئىككى ئائىلە بار. ئۇلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇرچە كەنەلئىلە (白桂皮科 Canellaceae)، دەپ ئاتالدى. يەنە بىرى، ئۇيغۇرچە ۋىنتەرئىلە (林仙科 Winteraceae)، دەپ ئاتالدى.