2015-يىلى 2-ئاي نىڭ ئارخىپلىرى
2015فېۋرال8

پوتىيامەت گىياھلارى

پوتىيامەت (山龙眼目 Proteales)، پوتىيا جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. پوتىيامەت، نەق قوشپەلگىياھلار تارماقىدىكى جەمەتلەرنىڭ بىرى. 2009-يىلى، «APG سىستېم»نىڭ 3-نەشىرىدە، پوتىيامەتنى 3 ئائىلەگە ئايرىغان. مەزگۇر ئەسەردە، بۇلارنىڭ رۇقلارى ۋە ناملارى كۆرسەتىلدى.

2015فېۋرال7

رانۇنمەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئائىلەلەر

رانۇنمەت (毛茛目Ranunculales)، رانۇن گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. رانۇنمەت، «APG سىستېماسى» دا، نەق قوشپەلگىياھلار تارماقىدىكى ئىپتىدائى جەمەت ھېساپلانادى. رانۇنمەت، 10 ئائىلەنى ئۆز ئىچىگە ئالادى.

2015فېۋرال5

نەق قوشپەلگىياھلار

قاپلىقدان گىياھلارنىڭ، قوشپەل گىياھلار تارماقى ئىچىدىكى گۈلچاڭىدا 3 تۈشۈكى بار قوشپەلگىياھلار، نەققوشپەل گىياھلار دەپ ئاتالادى. نەق قوشپەلگىياھلار تارماقى، يادرو نەق قوشپەل گىياھلار، رۇخسا گىياھلار، پۇرچاق گىياھلار، مەلۋى گىياھلار، ئەسرە گىياھلار، لەۋىيا گىياھلار، كەمپان گىياھلار قاتارلىق 8 گىياھلار تارماقىنى، جەمەتى بېكىتىلمەگەن 14 ئائىلەنى ئۆز ئىچىگە ئالادى.

2015فېۋرال4

تاقپەل گىياھلار

قاپلىقدان گىياھلارنىڭ ئۇرۇقىدا بىر تال پەلبەرگى (پەللە ياپراقچىسى ) بولغانلىرى، تاقپەل گىياھلار دەپ ئاتالغان. «APG سىستېماسى»دا، تاقپەلگىياھلارنى، «تاقپەلگىياھلار تارماقى» (单子叶植物分支 monocots) دەپ ئايرىم بىر تارماق قىلغان. شۇڭا، تاقپەلگىياھلار، قاپلىقدان گىياھلار ياكى گۈلگىياھلارنىڭ بىر چوڭ تارماقى بولۇپ ھىساپلانادى. تاقپەلگىياھلار، 11 جەمەتنى ھەم 80 ئائىلەنى ئۆز ئىچىگە ئالادى.

2015فېۋرال2

ماگنولگىياھلار

ماگنولگىياھلار (木兰类植物magnoliids)، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ (گۈلگىياھلار) بىر تارماقى. «APGسىستېماسى»دا، ماگنولگىياھلار، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ تاقپەلگىياھلار تارماقى، قوشپەلگىياھلار تارماقى، ماگنولگىياھلار تارماقى دىگەندەك ئۈچ چوڭ تارماقنىڭ بىرى قىلىنغان. ماگنولگىياھلار تارماقى، 4 جەمەتكە، 20 ئائىلەگە ئايرىلغان.

2015فېۋرال1

خورانمەت گىياھلارى

خورانمەت (金粟兰目Chloranthales)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. خوران گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. « APG IIIسىستېمى »، 2009-يىلى يىڭىدىن بېكىتكەن قاپلىقدان گىياھلارنىڭ بىر جەمەتىنىڭ نامى. خورانمەت، تۇمۇز بەلۋاق ۋە ئىسسىق بەلۋاق رايونلارىدا ياشايدىغان ئوتغول، ياغاچغول گىياھلارنىڭ ئومۇمى نامى. خورانمەتتە، خورانئىلە (Chloranthaceae金粟兰科) ناملىق بىرلا ئائىلە بولۇپ، ئۇنىڭ 4 رۇقى، 79 زاتى بار.