باش بەت > گىياھنامە > خورانمەت گىياھلارى
1فېۋرال

خورانمەت گىياھلارى

خورانمەت گىياھلارى

جىمسارى

 

  1. 1. خورانمەت

خورانمەت (金粟兰目Chloranthales)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. خوران گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. « APG IIIسىستېمى »، 2009-يىلى يىڭىدىن بېكىتكەن قاپلىقدان گىياھلارنىڭ بىر جەمەتىنىڭ نامى. خورانمەت، تۇمۇز بەلۋاق ۋە ئىسسىق بەلۋاق رايونلارىدا ياشايدىغان ئوتغول، ياغاچغول گىياھلارنىڭ ئومۇمى نامى. خورانمەتتە، خورانئىلە (Chloranthaceae金粟兰科) ناملىق بىرلا ئائىلە بولۇپ، ئۇنىڭ 4 رۇقى، 79 زاتى بار. خورانمەتتىكى گىياھلار گۈلى، ئادەتتە كۆزىمىزگە روشەن كۆرۈنمەيدىكەن، ئەمما، گىياھ خۇشپۇراق ھىدلىق بولۇدىكەن. ئۇنىڭ مىۋەسى، دۇرۇب مىۋەلىك (核果) بولۇپ، ئۇنىڭدا بىرلا تال ئۇرۇق بولۇدىكەن.

خورانمەت، 2009-يىلىغىچە تەۋەلىك ئورنى كۆپ ئۆزگەرىپ تۇرغان بىر گىياھ جەمەت ئىدى. مەسەلەن، ئېنگىل سىستېمى، كرونكۈست سىستېمى، تاقتاجان سىستېمى، تورىن سىستېمى، دالىگرىن سىستېمى قاتارلىق سىستېمىلاردا، ئوخشاش بولماغان ھەر خىل نامدىكى جەمەتلەرگە تەۋە قىلىنغان. 2009-يىلى، « APG III سىستېمى »دا،  Chloranthales (خورانمەت) دەپ مۇستەقىل جەمەت قىلىپ بەكىتىلگەن. خورانمەتنىڭ لاتىنچە نامىنى،R.Br. دىگەن كىشى، 1835-يىلى قويغان ئىكەن. خورانمەت دىگەن ئۇيغۇرچە ئىسىمنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012-يىلى قويغان.

2. خورانئىلە

خورانئىلە (Chloranthaceae金粟兰科)، خورانمەتتىكى بىردىن بىر بولغان ئائىلە نامى. خۇرانئىلەنىڭ لاتىنچە نامىنى، R.Br.exSims دىگەن كىشىلەر، 1820-يىلى قويغان ئىكەن. خورانئىلە دىگەن ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012-يىلى قويغان. خورانئىلەدە،  ئەسكەرىنرۇق، خورانرۇق، ھىسمۇمرۇق، سەركەنرۇقتىن ئىبارەت 4 رۇق بار.

2.1. ئەسكەرىنرۇق

ئەسكەرىنرۇق (蛔形兰属 Ascarina)، خورانئىلەدىكى بىر رۇقنىڭ نامى. ئەسكەرىن رۇق گىياھلىرى، ئەسكەرىنلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەسكەرىن رۇقنىڭ لاتىنچە نامىنى،J. R. Forst. & G. Forst.  قاتارلىق كىشىلەر، 1776-يىلى قويغان ئىكەن. ئەسكەرىن رۇق دىگەن ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2015-يىلى قويغان. ئەسكەرىنلەر، شەكلى بالدەرەخ بولۇپ، ئىسسىق بەلۋاقدىكى نەملىكى ناھايىتى يوقۇرى بولغان ھەم قەرەللىك يامغۇر ياغىپ تۇرىدىغان يامغۇر ئورمان مۇھىتىدا ئۆسۈدۇ. ئەسكەرىن رۇقنىڭ 20 زاتى بار.

 ئەسكەرىنلەرنىڭ بىر قىسىم زاتلىرى: ئەسكەرىن كۇرسى (Ascarina coursii)، ئەسكەرىن لۇسىدى (Ascarina lucida) ، ئەسكەرىن فىلىپىنى (Ascarina philippinensis)، ئەسكەرىن باشاقلىقى (Ascarina polystachya)، ئەسكەرىن قىزىلى (Ascarina rubricaulis). كۆرسەتىلگەن ئەسكەرىن زاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2015-يىلى قويغان.

2.2. خورانرۇق 

خورانرۇق (金粟兰属 Chloranthus)، خورانئىلەدىكى بىر رۇقنىڭ نامى. خوران رۇق گىياھلىرى، خورانلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خورانلەرشەكلى، كۆپ يىللىق ئوتغول ياكى چاتقالدىن ئىبارەت. خورانلەرنىڭ 15 زاتى بار. خورانرۇق دىگەن ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2015-يىلى قويغان.

2.3. ھىسمۇمرۇق

ھىسمۇمرۇق  (雪香兰属 Hedyosmum)، خورانئىلەدىكى بىر رۇقنىڭ نامى. ھىسمۇمرۇق گىياھلىرى، ھىسمۇملەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىسمۇملەر شەكلى، دەرەخ ياكى تىكچاتقال بولۇپ، خشپۇراق ھىدلىق كىلىدۇ. ھىسمۇملەرنىڭ 41 زاتى بولۇپ، ئاساسەن ئەمېرىكانىڭ تۇمۇز بەلۋاقلىرىغا تارقالغان. ھىسمۇمرۇق دىگەن ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2015-يىلى قويغان.

2.4. سەركەنرۇق

سەركەنرۇق  (草珊瑚属 Sarcandra)، خورانئىلەدىكى بىر رۇقنىڭ نامى. سەركەنرۇق گىياھلىرى، سەركەنلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سەركەنلەرنىڭ 3 زاتى بولۇپ، ئاساسەن ھىندىستان ۋە شەرقى ئاسىيا تەۋەلىرىگە تارقالغان. سەركەنرۇق دىگەن ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2015-يىلى قويغان.

مەنبەلەر

[1] «金粟兰科»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل، 16-مىزان نەشىرى.

[2] «蛔形兰属»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2013-يىل، 13-نۇرۇز نەشىرى.

[3] «金粟兰属»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2013-يىل، 14-نۇرۇز نەشىرى.

[4] «雪香兰属»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2013-يىل، 14-نۇرۇز نەشىرى.

[5] «草珊瑚属»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2013-يىل، 31-نۇرۇز نەشىرى.

[6] «گىياھئىلە نامىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى»، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2012-يىل 10-باھار نەشىرى.

[7] «گىياھرۇق نامىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى»، ۋېبسىت ئاكادېمىيە،2012-يىل، 19-سەپەر نەشىرى.

[8] «گىياھزات نامىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى»، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2012-يىل، 17-چىللە نەشىرى.

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 01-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 79 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5683
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز