19ئاۋغۇست
قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى قانچىلىك؟
قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى قانچىلىك؟
太阳的引力多大?
ئاپتورى: ئا.رەھمەتۇللا بوستاني
كۈچ دىگەن نىمە؟ مەن بۇ سۇئالغا ئادەتتىكى ئومۇمى ئۇقۇم بويىچە، مەلۇم بىر شەيئىنىڭ يەنە بىر شەيئىگە بولۇدىغان سىرتقى تەسىر ئامىلى، كۈچ دەپ ئاتىلىدۇ دىگەن جاۋاپنى بېرىمەن. ھەمدە، كۈچنى ، ئادەتتىكى ئومۇمى ئۇقۇم بويىچە ماددى كۈچ ۋە روھى كۈچ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ دەپ قارايمەن. كۈچ نۇرغۇنلىغان تۈرلەرگە ھەم ئايرىلىدۇ، مەسىلەن: تارتكۈچ، ئاتكۈچ، كۆتەركۈچ، باسكۈچ، زەربكۈچ، شۈمەركۈچ، سۈرئەتكۈچ، بىلىمكۈچ، ئىتپاقكۈچ، ئادىلكۈچ دىگەندەك. ئەگەر كۈچنى مۇشۇ تېرىقىدە ئانالىز قىلساق، كۈچنىڭ تۈپ مەنىسى بىلەن كۆچمە مەنىسى ئارىلىشىپ كىتىپ، بۇلارنى ئېنىقلاپ بولغۇچە، گىپىمىز ئۇزىراپ كىتىدۇ. شۇڭا، كۈچنى پەندىكى تەۋەلىكى بويىچە ئايرىپ چىقىپ، شۇ ئاساستا چۈشەنچە ھاسىل قىلساق ئاندىن قۇياشنىڭ تارتىشتىكى سالماق كۈچى قانچىلىك ؟ دىگەن مەسلىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
كۈچ، تەبىئى پەنلەر بويىچە قارىغاندا، فىزىكىغا تەۋە ئۇقۇم بولۇپ، بىر جىسىمنىڭ يەنە بىر جىسىمغا بولۇدىغان رولىنى كۆرسىتىدۇ مەسىلەن: تارتكۈچ (تارتىش كۈچى)، ئىتتەركۈچ (ئىتتىرىش كۈچى)، سالماقكۈچ (بارلىق جىسىملار ئارا بىر بىرىگە بولغان ماسسالىق كۈچ) دىگەندەك. كۈچنى ئادەتتە فىزىكىدا، «F » ھەرىپ بىلەن ئىپادىلەيدۇ. كۈچنى ئادەتتە نىيۇتۇنمېتىر (نىيۇتۇن كەشىپ قىلغان كۈچنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپ) بىلەن ئۆلچەپ بىلگىلى بولىدۇ. كۈچ ئادەتتە چوڭ-كىچىك بولىدۇ. كۈچنىڭ مىقدارى (بىرلىكى) ئادەتتە «N» ھەرىپى بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ئەمىلىيەتلەردىن ئېرىشكەن قىممەتلەرگە قارىغاندا، ماسساسى بىر كىلوگىرام كېلىدىغان بىر جىسىم، 10N (نىيۇتۇن) كۈچكە ئىگە بولۇدىكەن.
بىز ئادەتتە، قۇياشنى قۇياشلەمنىڭ مەرگىزى دەپ بىلىمىز. قۇياش نىمە سەۋەپتىن قۇياشلەمنىڭ مەرگىزى بولۇپ قالغان؟ ئۇنى بىز قانداق بىلدۇق؟
قۇياش، ئۆزىنىڭ غايەت زور بولغان سالماق كۈچىگە تايىنىپ، قۇياشلەمدىكى بارلىق پلانىتلارنى ئۆزىگە تارتىپ، ھەم ئۆزىگە چاپلىۋالماي، ھەم ئۆزىدىن قاچۇرۋەتمەي، بىر قىلىپتا ئايلاندۇرۇپ تۇرغانلىقتىن ئۇ، قۇياشلەمدىكى بارلىق پىلانىتلار ئىتائەت قىلىدىغان بىر مەرگەز بولۇپ قالغان.
ئۇنداقتا، قۇياشنىڭ سالماق كۈچى دىگەن نىمە؟. بۇ كۈچ قانچىلىك بولىدۇ؟ بۇنى قانداق ھېساپلاپ چىققىلى بولىدۇ؟
ئالىملار، قۇياشنىڭ چوڭلىقىنى، ئۆز تەۋەسىدىكى سەييارە يۇلتۇزلار بىلەن بولغان ئارىلىقىنى، ھەجىمىنى، ماسساسىنى مەلۇم ھېساپلاش ئۇسوللىرى ئارقىلىق ھېساپلاپ، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنى تەخمىنى بىلگەن. ئالدى بىلەن، قۇياش بىلەن زىمىننىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقىنى بېكىتىپ چىققان. قۇياش بىلەن زىمىننىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى، 1.4960 كۆپەيتىلگەن100000000 كلومېتىر بولىدىكەن. ھېساپلاشقا ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن، بۇ ساننى «1a » بىلەن ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن، «1a »، «ئاسمان بىرلىكى» (ئاسترونومىيە بىرلىكى) قىلىنغان. مۇشۇ ئۇسول بويىچە، قۇياش بىلەن قۇياشلەمدىكى باشقا سەييارە يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقىنى ھېساپلاپ چىققان. شۇنداق قىلىپ، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ دائىرسىنىڭ (ئۇزۇنلىقىنىڭ) 150 مىڭ «1a» ئىكەنلىكىنى ھېساپلاپ چىققان. بۇنى، ھېساپلاش فورمۇلىسى بويىچە يازساق مۇنداق بولىدۇ: قۇياشنىڭ تارتىش ئارىلىقى، 1.4960 كۆپەيتىلگەن1000000000، كۆپەيتىلگەن 150000 كلومېتىر بولىدۇ. ( 1.4960 x108x150000 km ) تور بىتىدە فورمۇلا نورمال كۆرۈنمىدى، ئامال قىلالمىدىم.
ئىككىنچى قەدەمدە، قۇياشنىڭ ھەجىمىنى ھېساپلىغان. قۇياشنىڭ ھەجىمى، زىمىننىڭ ھەجىمىدىن 130 مىڭ ھەسسە چوڭ ئىكەن. ئۈچۈنچى قەدەمدە، قۇياشنىڭ ماسساسىنى ھېساپلاپ چىققان. ھېساپلاشقا قارىغاندا، قۇياش ماسساسىنىڭ ئېغىرلىقى، [،1.989 x 1027t ب.]، (فورمۇلا مەشخۇلاتتا نورمال چىقمىدى)، شۇڭا، خەت بىلەن ئىپادىلەشكە مەجبور بولدۇم: 1.989 كۆپەيتىلگەن 1000000000000000000000000000 توننا بولىدىكەن. بۇ دىگەنلىك، قۇياش ماسساسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىمىندىن 330 مىڭ ھەسسە ئېغىر. دىمەك مۇشۇنداق بىر ھېساپلاشلار ئارقىلىق، قۇياش ماسساسىنىڭ ئىغىرلىقى، قۇياشلەمدىكى بارلىق پلانىتلار ماسساسىنىڭ % 99.87 ئىگەللەيدىغانلىقىنى بىلگەن. ياكى بولمىسا، قۇياشنىڭ ماسساسى، قۇياشلەمدىكى بارلىق پلانىتلار ماسساسىدىن 745 ھەسسە چوڭ ئىكەن. دىمەك، مۇشۇنداق ھېساپلاشلار ئارقىلىق، قۇياشنىڭ، زىمىننى تارتىش كۈچىنى ھېساپلاپ چىققان. قۇياشنىڭ زىمىننى تارتىش كۈچى، تەخمىنەن(نىيۇتۇن) 3.5 x1022N بولىدىكەن. بۇ كۈچنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، مۇنداق بىر ئوخشۇتۇش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. دىئامېتىرى (توملىقى) 10مېتىر كېلىدىغان پولات ئارغامچىدىن ئون تىرىلليون تالنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشىپ پولات ئاغامچا قىلىپ تارتقۇزغاندا، بۇ پولات ئاغامچا، قۇياشنىڭ زىمىننى تارتىش كۈچىدە، تارستلا قىلىپ ئۈزۈلىدۇ دىگەن گەپ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 6,975 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1955
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
ناھايىتى چۈشۈنىكسىز ، تۇتۇرۇقسىز ، بىمەنە تىما !!!
ھۆرمەتلىك بىلىمسىز ئەپەندىم، سىزنىڭ ئاكادېمىيە تورىنى زىيارەت قىلغانىڭىزغا كۆپ رەھمەت، سىز كۆرگەن ئەسەرگە ئىنكاس يازغانىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ تەشەككۇر ئېيتىمەن. سىز كۆرگەن مەزگۇر ئەسەر، سىز دىگەندەك «ناھايىتى چۈشۈنىكسىز، تۇتۇرۇقسىز، بىمەنە تىما» يازىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنى مەن بىلەلمىگەن ئوخشايمەن. دەرۋەقە شۇنداق بولسا، بۇ «ئاكادېمىيە تورى» نىڭ روھىغا خىلاپ. بۇنى تۈزۈتۈشىم كېرەك. شۇڭا، سىزنىڭ ئېغىر كۆرمەي، مەزگۇر ئەسەرنىڭ قايسى يېرى چۈشۈنۈكسىز، قايسى مەزمۇنى تۇتۇرۇقسىز، نىمە ئۈچۈن بىمەنە ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ كۆرسۈتۈپ بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ ياخشى بولاتتى. بۇنى مەن سىزنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمى ھەم قوللىشى دەپ قارايمەن.