18ئاۋغۇست
خەۋپكە ئۇچرىغان گىياھلار دىگەن نىمە؟
خەۋپكە ئۇچرىغان گىياھلار دىگەن نىمە؟
什么是叫做受威胁的植物?
ئا.رەھمەتۇللا جىمسارى
بايان ئاۋۋال
يېقىنقى 60 يىل مابەينىدە، ئىلىمىزنىڭ خەلق ئېقتىسادى ئىگىلىگى زور قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەپ، جەمىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگە ئوخشاش بەزىبىر مۇھىتقا پايدىسىز مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقتى. بولۇپمۇ، جانىۋار زاتلىرىنىڭ ھايات كۆچۈرۈشىگە پايدىسىز بولغان بىر قىسم پائالىيەتلىرىمىز، تەبىئەتنىڭ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ھەر خىل خەۋپلەرنى ئېلىپ كەلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «تەبىئەت ۋە تەبىئى بايلىقلارنى قوغداش ئىتتىپاقى» (IUCN) 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى مەخسۇس ھۆججەت ئىمزالاپ، پۈتۇن دۇنياغا خەۋپكە ئۇچراۋاتقان جانىۋارلارنى ئاسراشنى مۇراجەت قىلغان ئىدى. كىشىلەر بۇ ھۆججەتنى «قىزىل تاشلىق كىتاپ ياكى قىزىل رۇيخەت» دىگەندەك ناملاردا ئاتاشتى. شۇنىڭدىن كىيىن دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە رايونلار ئۆزلىرىنىڭ «قىزىلتاشلىق كىتاپ ياكى قىزىل رۇيخەت»لىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، جانىۋار زاتلىرىنىڭ خەۋپكە ئۇچراش ھادىسىسى ھەم ئولارنى ئاسراش ئىشلىرى دۇنياۋى ئۇقۇمغا ئايلاندى ۋە بەزى دۆلەتلەردە قانۇنلاشتى. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزمۇ گىيا زاتلىرىغا كېلىدىغان خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم خەۋپتە قالغان گىيا زاتىنى ئاسراش توغرىسىدا ، قانۇن-نىزاملارنى بەلگىلىدى، خەۋپكە ئۇچرىغان گىيا زاتلىرىنىڭ قىزىل رۇيخېتىنى دەرىجىگە ئايرىپ ئېلان قىلدى. ھەمدە ئۇلارنى بارلىق جەمىيەتنىڭ ئاسرىشىنى مۇراجەت قىلدى. خەۋپكە ئۇچرىغان گىيا زاتلارى توغرىسىدىكى ئوقۇم-چۈشەنچىلەرنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، نۇرغۇن خاس ئاتالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ مۇرەككەپ بولغان مەزمۇنلارنى ئاددى تىل بىلەن ئىزاھلاپ، مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش توغرىسىدا دەسلەپكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
1. «خەۋپكە ئۇچرىغان» دىگەن سۆزگە ئائىت چۈشەنچىلەر
« خەۋپكە ئۇچرىغان»(受威胁) دىگەن سۆز، جانىۋارى (生物分类学) تۈرلەشنامە بويىچە، زاتقىچە ياكى زاتتىن تۈۋەن دەرىجىگىچە ئېنىق ئايرىلىپ خاتىرلەنگەن جانىۋار زاتلىرىنىڭ دەلخەۋپ، ئالخەۋپ، يانخەۋپ دىگەندەك ھەرخىل خەۋپكە ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئومۇمى نامىنى كۆرسىتىدۇ. ماتىرىياللاردىن ئىسىمدە قېلىشىچە، ب د ت نىڭ «تەبىئەت ۋە تەبىئى بايلىقلارنى قوغداش ئىتتىپاقى»(IUCN) ، قىزىل تاشلىق كىتاۋىدا ياكى قىزىل رۇيخەتتە جانىۋارلارنىڭ «خەۋپكە ئۇچرىغان» ھالىتىنى 7 دەرىجىگە ئايرىغان. ھەمدە ھەر بىر دەرىجىنىڭ كونكرىتنى ئۆلچەملىرىنى بېكىتكەن. ھەر بىر دەرىجە مىقتارىنى خاس ئىسىملار بىلەن ئاتىغان.
« خەۋپكەئۇچرىغان» دىگەن سۆز، يۇقۇرقىدەك ئەھۋالدا تۇرغان جانىۋارلارغا نىسبەتەن ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلغان سۆز بولۇپ، ئادەتتە، قوللانغاندا، «خەۋپ» نى دەرىجە مىقتارلىرىغا ئايرىپ خاس ئىسىم بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇدەرىجەلەر نامىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىنىڭ قانۇندا قانداق ئاتىغانلىقىنى مەن تېخى ئۇچراتمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، مەنبەلەرگە ئاساسەن ، بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق ئىسىملىرىنى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىسىملار بىلەن ئاتىدىم ھەم ئۆز چۇشەنچەم بۇيىچە ئاددى تەبىر بەردىم:
1) تۈگەليوق ( 绝灭، EX – Extinct)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ،بۇنىڭ مەناسى، مەلۇم بىر گىيا زاتىنىڭ ياۋاسى ھەم كۆندەكىسىنىڭ ( كۆندۈرۈپ تېرىلىۋاتقان) زىمىندا تۈگەل يۇقالغانلىقىنى ياكى ئىككى خىل نەسلى پۈتۈنلەي قۇرىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
2) ياۋاسىيوق (野外绝灭،EW -Extinct in the Wild)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، گىيا زاتىنىڭ دالىدىكى ياۋاسى يۇقالغان، لېكىن ئادەملەر پەرۋىشىدىكى كۆندەك زاتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3) دەلخەۋپتە (极危، CR -Critically Endangered)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ،بۇنىڭ مەناسى، گىيا زاتى يۇقالمىغان، لېكىن دەل يۇقۇلۇش خەۋپىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە قوللانغاندا ، دەلخەۋپتە گىيا (极危植物)، دەلخەۋپتە زات (极危种) دەپ ئاتىلىدۇ.
4) ئالخەۋپتە (濒危،EN-Endangered)،ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ،بۇنىڭ مەناسى، گىيا زاتى يۇقالمىغان، دەلخەۋپتىمۇ بولمىغان، لېكىن دەلخەۋپ ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە قوللانغاندا ، ئالخەۋپتە گىيا (濒危植物)، ئالخەۋپتە زات (濒危种) دەپ ئاتىلىدۇ.
5) يانخەۋپتە (易危، VU -Vulnerable)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، گىيا زاتى ئالخەۋپتە بولمىغان، لېكىن، ئالخەۋپكە يېقىن تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە قوللانغاندا ، يانخەۋپتە گىيا(易危植物)، يانخەۋپتە زات(易危种) دەپ ئاتىلىدۇ. ( خەنزۇچە “易危”سۆزىنى، “浙危”دەپمۇ قوللۇنىدۇ).
6) سەلخەۋپتە (近危، NT -Near Threatened) ، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، گىيا زاتى يانخەۋپتە بولمىغان، لېكىن يانخەۋپكە سەلپەل ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە قوللانغاندا ، سەلخەۋپتە گىيا (近危植物)، سەلخەۋپتە زات (近危种) دەپ ئاتىلىدۇ.
7) بىخەۋپتە (无危، LC -Least Concern)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ،بۇنىڭ مەناسى، گىيا زاتنىڭ خەۋپكە ئۇچرىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، يۇقۇرىدا دىيىلگەن ئاتالغۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈۋەندىكى ئاتالغۇلارغىمۇ چۈشەنچەم بۇيىچە مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىسىملار بىلەن ئىزاھات بەردىم:
1) «زات» (物种,种)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بۇنىڭ تەبىرى: ئوخشاش ئەجداتتىن ئىرسى (遗传) قالغان، مۇئەييەن شەكىلگە، ئىچرولغا (فىزولوگىيەگە،生理) ۋە مىجەز (行为) ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، ھەمدە مۇئەييەن رايونغا تەبىئى تارقالغان جانىۋارلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: گىيا زاتى، پەيگىيا زاتى، لەش زاتى، قاپلىقدان زاتى، قاپسىزدان زاتى دىگەندەك. زات دىگەن سۆز، تاكسونومىيەدىكى ئەڭ ئاساسى شىكال (بىرلىك دەپمۇ ئاتالغان)نىڭ نامى بولۇپ، رۇقتىن كىچىك، شاخزاتتىن چوڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، تۈر دەپ نامۇۋاپىق ئاتالغان.
2) «جانىۋار» (生物)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ،بۇنىڭ مەناسى، تەبىئەتتىكى جانلىق ماددىلاردىن تۈزۈلگەن، تۇغۇلۇش ياكى ئۈسۈش، يىتىلىش ۋە كۆپىيش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان جىسىم (شەيئى) دىگەننى بىلدۈرىدۇ. جانىۋار ئۆزىنىڭ ئۆزلەپچىقىرىش(新陈代谢) ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ماددا ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارىدۇ. ئادەملەر، ھايۋانلار، چارپايلار، بېلىقلار، پەرەندەلەر، چەرەندەلەر، گىياھلار، چىياھلار (真菌) ۋە مىكروبلار (微生物) نىڭ ھەممىسى جانىۋارجۇملەسىگە كىرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى لەشلەر، پەيگىيالار، قاپلىقدان گىيالار، قاپسىزدان گىيالارنىڭ ھەممەسى، گىيا (ئۆسۈملۈك) دەپ ئاتىلىدۇ.
3) «كەمۋارزات» (稀有种): ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، تارقىلىش دائىرسى تار، ماكانى (ياشاش مۇھىتى) ئالاھىدە بولغان ياكى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان، ئەتىۋارلىنىدىغان زات دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جانىۋارلارغا نىسبەتەن كەمۋارجانىۋار (稀有生物)، گىيالارغا نىسبەتەن كەمۋارگىيا (稀有植物) دەپ ئاتىلىدۇ.
4) «خاسۋارزات» (特有种): ئۇيغۇرچە ئىسىم بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، تارقىلىش دائىرسى پەقەتلا مەلۇم بىر رايون ياكى دۆلەتتىلا بولىدىغان خاس ھەم ئەتىۋار بولغان جانىۋار زاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. جانىۋارلارغا نىسبەتەن خاسۋارجانىۋار (特有生物)، گىيالارغا نىسبەتەن خاسۋار گىيا (特有植物) دەپ ئاتىلىدۇ.
5) «ئاسرالزات» (保护种): ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، زاتى ئاسرىلىدىغان ياكى پەرۋىش قىلىنىدىغان جانىۋار زاتى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جانىۋارلارغا نىسبەتەن ئاسرالجانىۋار (保护生物)، گىيالارغا نىسبەتەن ئاسرال گىيا (保护植物) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
6) «Ⅰ-ئاسرالزات» (级保护种Ⅰ): بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرىلىدىغان، ئېقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقاتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ياۋاسىيوق، دەلخەۋپتە ياكى ئالخەۋپتە زاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
7) «Ⅱ-ئاسرالزات» (Ⅱ级保护种): ئىككىنچى دەرىجىدە ئاسرىلىدىغان، ئېقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقاتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان دەلخەۋپتە، ئالخەۋپتە ياكى يانخەۋپتە زاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
8) «Ⅲ-ئاسرالزات» (级保护种Ⅲ): ئۈچىنچى دەرىجىدە ئاسرىلىدىغان ئېقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقاتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئالخەۋپتە، يانخەۋپتە زاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
9) «قالدۇقزات» (孑遗种): ئۇيغۇرچە ئىسىم. ئەسلىدىكى ئىرسى ئالاھىدىلىگى بىلەن مەلۈم بىر مۇھىتتا ساقلىنىپ قالغان زاتلارنى كۆرسىتىدۇ. جانىۋارلارغا نىسبەتەن قالدۇقجانىۋار(孑遗生物)، ھايۋاناتقا نىسبەتەن قالدۇقھايۋانات (孑遗动物) دەپ ئاتىلىدۇ.
2.دۆلىتىمىزنىڭ نوقتىلىق ( شىنجاڭدىكى) ئاسرالگىياھلىرى
دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىلەن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ،(گوۋۇيۋەن 1999-يىلى 4-ئاۋغۇست تەستىقلىغان) بىرىنچى تۈركۈمدىكى “ دۆلەت نوقتىلىق ئاسرايدىغان گىياھلار تىزىملىكى“ نى ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ تىزىملىكى 1-جەدۋەلدە كۆرسىتىلدى.
1-جەدۋەل: دۆلىتىمىزدىكى نوقتىلىق ئاسرالگىياھلار (شىنجاڭدىكى)تىزىملىكى
ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى |
خەنزۇچە ئاتىلىشى |
لاتىنچە ئىلمى نامى |
ئارچائىلەتۇيا كورىيانى |
柏科朝鲜岸柏 |
CupressaceaeThuja koraiensis |
قاراغايئىلەقاراغاي سىلۋەت چاڭبەيى |
松科长柏松 |
PinaceaePinus sylwestris var.sylvestriformis |
تاكسودىلەمېتاس قىرلاقى |
杉科水杉 |
TaxodiaceaeMetasequoia glyptostroboides |
ئالىسمائىلەساغىت لەيلەكى |
泽泻科浮叶(漂浮)慈菇 |
AlismataceaeSangittaria natans |
قېيىنئىلەقېيىن شورلىقى |
桦木科盐桦 |
BetulaceaeBetula halophila |
فانكىنئىلەفانكىن توزغاقى |
辨鳞花科辨鳞花 |
FrankeniaceaeFrankenia pulverulenta |
قىياقئىلەئەگروپ موڭغۇلىئىلمۇس ئىلى |
禾本科沙芦草短芒披碱草 |
GramineaeAgropyron mongolicomElmus breviaristatus(E.yilianus S.L.Chen) |
نىمفەئىلەنىلۇپە نۇسفەرىنىمفە ئاقگۈلى |
睡莲科莲雪白睡莲 |
NymphaeaceaeNelumbo nuciferaNymphaea candida |
ئولىيائىلەفاشىن مەنچۇرى |
木犀科水曲柳 |
OleaceaeFraxinus mandshurica |
رۇتائىلەفىلدىن ئامۇرى |
芸香科黄蘗 |
RutaceaePhellodendron amurense |
تىلىيائىلەتىلىيا ئامۇرى |
椴树科紫椴 |
TiliaceaeTilia amurensis |
نوستوكئىلەنوستوك فاگەلى |
念珠藻科发菜 |
NostocaceaeNostoc flagelliforme |
كاۋىسئىلەكونور قۇرتئوت |
麦角菌科虫草(冬春夏草) |
ClavicipitaceaeConordyceps sinensis |
3. شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئاسرالگىيالار
دۆلىتىمىز 1-تۈركۈمدە [1،2] ئېلان قىلغان شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئاسرالگىيالارجەمئى 24 زات بولۇپ،بۇلارنىڭ تىزىملىكى 3-جەدۋەلدە بېرىلدى.
3-جەدۋەل: شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئاسرالگىياھلارنىڭ تىزىملىكى[2]
ئۇيغۇرچەئاتىلىشى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچەئاتىلىشى |
خەۋپكە ئۇچراشدەرىجىسى |
ئاسرال دەرىجىسى |
مۇرسەت پىرژىۋالى(مۇرسەتىلە) |
Gymnocarpos przewalskii |
裸果木(裸果木科) |
كەمۋارزات |
Ⅱ |
قېيىن شورلىقى(قېيىنىلە) |
Betula holophila |
盐桦(桦木科) |
ئالخەۋپتەزات |
Ⅱ |
ھىلياز جۇڭغارى(سىستائىلە) |
Heliabthemum songoricum |
半日花(半日花科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅱ |
ياڭاق يەرلىكى(ياڭاقىلە) |
Juglans regia |
核桃(胡桃科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅱ |
ئالما سىۋەرى(ئالمائىلە) |
Malus sieversii |
新疆野苹果(蔷薇科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅱ |
ئاموپتان پاكارى(پۇرچاقىلە) |
Ammopiptanthus nanus |
新疆沙冬青(豆科) |
ئالخەۋپتەزات |
Ⅱ |
سىركا ئەرەستى(رانۇنىلە) |
Circaeaster agristis |
星叶草(毛茛科) |
كەمۋارزات |
Ⅱ |
ئاقشات سىبىرى(قاراغايئىلە) |
Abies sibirica |
西伯利亚冷杉(松科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
شەمشات ئوبۋاتى(قارغايىلە) |
Picea obovata |
西伯利亚云杉(松科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
قاراغاي سىبىرى(قارغايرۇق) |
Pinus cibirica |
西伯利亚红松(松科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
سۆكسۆك ئامونى(لويلائىلە) |
Haloxylon ammondebdron |
梭梭(藜科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
سۆكسۆك پارىسى(لويلائىلە) |
Haloxylon percicum |
白梭梭(藜科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
سەۋسەر شىپائى(ئەسرەئىلە) |
Saussurea involucrata |
雪莲(菊科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
فىللوت كارۇلى(ئىركاسىلە) |
Phyllodoce caerulea |
松毛翠(杜鹃花科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
فانكىن پولۋېرى(فانكىنىلە) |
Frankenia polverulenta |
辨鳞花(辨鳞花科) |
كەمۋارزات |
Ⅲ |
كىستان كانايگۈلى(ئوۋانىلە) |
Cictanche tubulosa |
管花肉苁蓉(列当科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
كىستان جەزىرى(ئوۋانىلە) |
Cictanche deserticola |
肉苁蓉(列当科) |
ئالخەۋپتەزات |
Ⅲ |
تېرەك توغراقى(تالىلە) |
Populus euphratica |
胡杨(杨柳科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
تېرەك پۇنوسى(تالىلە) |
Populus pruinosa |
灰胡杨(杨柳科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
يۇلغۇن تەكلىماكانى(يۇلغۇنىلە) |
Tamarix taklamakanensis |
沙生柽柳(柽柳科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
ئاسرچاق مومقاسى(پۇرچاقىلە) |
Astrogalus memberanaceus |
膜荚黄芪(豆科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
فەرۇلا شىنجاڭى(سايۋانىلە) |
Ferula sinkiangensis |
新疆阿魏(伞形科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
فىتىللا شىنجاڭى(پىيزەكىلە) |
Fritillaria waluJewii |
新疆贝母(百合科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
فىتىللا ئىلى(پىيزەكىلە) |
Fritillaria pallidiflora |
伊力贝母(百合科) |
يانخەۋپتەزات |
Ⅲ |
4، شىنجاڭدىكى نوقتىلىق ئاسرالگىياھلار
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايولۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش كومىتىتى 1988-يىلىدىكى 04 نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىدا،«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى نوقتىلىق ئاسرالگىياھلار تىزىملىكى»نى (خەنزۇچە)ئېلان قىلدى
4-جەدۋەل:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى نوقتىلىق ئاسرالگىياھلار
ئۇيغۇرچە |
لاتىنچە |
خەنزۇچە |
ئاسرال دەرىجە |
ئەموپ پاكارى |
Ammopiptanthus nuanus (M.Pop.)Cheng f. |
矮沙冬青 |
Ⅰ |
قېيىن شورلىقى |
Betula halophila Ching ex P.C.Li |
盐桦 |
Ⅰ |
سىركا ئەرەستى |
Circaeaster agrestis Maxim. |
星叶草 |
Ⅱ |
مۇرسەت پىژىۋالى |
Gymnocarpos przewalskii Maxim. |
裸果木 |
Ⅱ |
ھىلياز جۇڭغارى |
Helianthemum songoricum Schrenk |
半日花 |
Ⅱ |
ياڭاق يەرلىكى |
Juglans regia L. |
胡桃 |
Ⅱ |
ئالما سىۋەرى |
Malus siversii (Ledeb.)Roem. |
新疆野苹果 |
Ⅱ |
سەۋسەر شىپائى |
Saussurea involucrate Kar.et Kir.ex Maxim |
雪莲花 |
Ⅱ |
گۈلسىر پورى |
Glycyrrhiza inflate Bat. |
胀果甘草 |
Ⅱ |
ئەكەر سېمنوۋى |
Acer semenovii Rgl. et Herd. |
西蒙诺夫槭 |
Ⅱ |
ئەگلوپ بوغۇمى |
Aegilops tauschii Coss. |
节节麦 |
Ⅱ |
فاكنۇس سوغدى |
Fraxinus sogdiana Bge. |
小叶白蜡 |
Ⅱ |
شاپتول بادامى |
Amugdalus ledebouriana Schlecht. |
野扁桃 |
Ⅱ |
ئامون ئاقبەرگى |
Ammondendron bifolium (Pall.) Yakovl. |
银沙槐 |
Ⅱ |
تېرەك پامىرى |
Populus pamirica Kom. |
帕米尔杨 |
Ⅱ |
تېرەك ئافغان ئافغانى |
Populus afghanica var afghanica |
阿富汗杨 |
Ⅱ |
ئارچا قۇرۇمتاغى |
Juniperus centrasiatica Kom. |
昆仑方枝柏 |
Ⅱ |
ئۆرۈك ۋۇلگارى |
Armeniaca vulgaris Lam. |
野杏 |
Ⅱ |
پۇنۇس گلاسى |
Prunus cerasifera Ehhart. |
樱桃李 |
Ⅱ |
مىتاس ساغىتى |
Metastachdium saittatum(Rgt)C.Y.Wu et H.W.Li |
箭叶水苏 |
Ⅱ |
فىتىللا كارلىنى |
Fritillaria karelinii (Fisch.) Baker |
滩贝母 |
Ⅱ |
كوركەپ قۇرۇتى |
Cordyceps sinensi (Berk.)Sacc. |
冬虫夏草 |
Ⅱ |
شەمشات ئوبۋاتى |
Picea obovata Ledeb. |
西伯利亚云杉 |
Ⅱ |
قاراغاي سىبىرى |
Pinus sibirica (Loud.) Mayr |
西伯利亚红松 |
Ⅲ |
فەرۇلا شىنجاڭى |
Ferula sinkiangensis K.M.Shen |
新疆阿魏 |
Ⅲ |
فانكىن توزاڭى |
Frankenia pulverulenta L. |
辨鳞花 |
Ⅲ |
فىتىللا ۋالجېۋى |
Fritillaria walujewii Regel |
新疆贝母 |
Ⅲ |
سۆكسۆك ئامونى |
Halozylon ammodendron (C.A.Mey) Bunge |
梭梭 |
Ⅲ |
سۆكسۆك پارىسى |
Haloxylon persicum Bunge ex.Boiss. |
白梭梭 |
Ⅱ |
تېرەك توغراقى |
Populus euphratica Oliv. |
胡杨 |
Ⅲ |
تېرەك توزغاقى |
Populus pruinosa Sehrenk |
灰胡杨 |
Ⅲ |
يۇلغۇن راموسسى |
Tamarix ramosissima I。edeb |
多枝柽柳 |
Ⅲ |
كىستان شورلىقى |
Cistanche salsa (C.A.Mey.)C |
盐生肉苁蓉 |
Ⅲ |
ئەرنەب چىمكەنى |
Arnebia tschimganica(Fedtsch.)G.I.Chu |
新疆紫草 |
Ⅲ |
ئارچا سابىنى |
Juniperus sabina L |
欧亚圆柏 |
Ⅲ |
كالفا جۇڭغارى |
Calophaca soongorica Kar. et Kir |
新疆丽豆 |
Ⅲ |
گىنتان سارگۈلى |
Gentiana fetissowi Rgl.el Winkl. |
黄花秦艽 |
Ⅲ |
تال جۇڭغارى |
Salix songarica Anderss Monogr |
准噶尔柳 |
Ⅲ |
كالغۇن ئىبنۇرى |
Calligonum ebi-nuricum|vanova ex Y.D |
精河沙拐枣 |
Ⅲ |
نىمفە ئاقگۈلى |
Nymphaea candida C.PresI. |
雪白睡莲 |
Ⅲ |
نۇفەر پاكارى |
Nuphar pumilum Dcs.vst. |
萍蓬草 |
Ⅲ |
ئەنەم ئالتايى |
Anemone altaica Fiseh.ex C.A.M |
阿尔泰银莲花 |
Ⅲ |
لونكە ئىنكەرى |
Leontice incerta Pall. |
牡丹草 |
Ⅲ |
چېتىن سىبىرى |
Sorbus sibirica lied 1. |
西伯利亚花揪 |
Ⅲ |
تراپ سايسانى |
Trapa saissanica(Fler.) V.Vassil. |
额河菱角 |
Ⅲ |
راپون كارزامى |
Rhaponticum carthamoides(WiIld)lljin. |
鹿根 |
Ⅲ |
لەسىيا شالچىقى |
Leersia oryzoides(L)Sw. |
新源假稻 |
Ⅲ |
لەيمۇس باشاقى |
Leymus racemosus(Lain.)Tzvel. |
大赖草 |
Ⅲ |
ئىرىيان راۋىنى |
Erianthus ravennae(L.)Beauv. |
皮山蔗茅 |
Ⅲ |
دىشام كاسپى |
Deschampsia caespitosa (L.)1 Beauw. |
发菜 |
Ⅲ |
چاكاندا ئورتايى |
Ephedra intermedia Sin‘enk et Mey. |
中麻黄 |
Ⅲ |
سرام قوشيانى |
Crambe kotschyana Boiss |
二节荠 |
Ⅲ |
دولانە جۇڭغارى |
Crataegus songorica C.koch |
准噶尔山楂 |
Ⅲ |
پىياز ئالتايى |
AIlium altaicum Pall |
阿尔泰葱 |
Ⅲ |
تېرەك قارا سى |
Populus nigra L. |
黑杨 |
Ⅲ |
جىگدە يىمىشى |
Elaeagnus oxycarpa Schleeht. |
尖果沙枣 |
Ⅲ |
جەدۋەلدە بېرىلگەن گىياھزات ناملىرى ئالمىشىپ قالغان ياكى خاتا بولۇپ قالغانلىرى بولسا، ئىنكاسىڭىزدا ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈتۈنىمەن.
مەنبە ئەسەرلەر
[1]、热合木都拉。阿迪拉,新疆受威胁植物及其维吾尔语名称,干旱区地理,2009年,第二期。
[2]、李都、尹林克主编,中国新疆野性植物,新疆青少年出版社,乌鲁木齐,2006年。
[3]、尹林克主编,新疆珍稀頻危特有植物,新疆科学技术出版社,乌鲁木齐,2006年。
[4]、热合木都拉。阿迪拉,按植物分类单位命名维吾尔语植物名的新方法,干旱区地理,2009年,第三期。
[5]、热合木都拉 等,植物名称的维吾尔语表达研究,干旱研究(维吾尔文版),2008年第二期
[6]、热合木都拉 等,生物分类系统中各分类单位的维吾尔语规范表达研究,干旱地理(维吾尔文版),2008年第27卷第2期
[7]、热合木都拉。阿迪拉,蕨类植物科的分类及其维吾尔语名称,干旱地理(维吾尔文版),2008年第4期
[8]、热合木都拉。阿迪拉,松科的属、种及其维吾尔语名称的命名,干旱地理(维吾尔文版),2008年第三期
[9]、热合木都拉。阿迪拉蕨类植物属的分类及其维吾尔语名称的命名,干旱区研究(维吾尔文版),2008年第四期
[10]、热合木都拉。阿迪拉,新疆境内分布的蕨类植物及其维吾尔语名称命名,干旱研究(维吾尔文版),2008年第四期
[11]、热合木都拉。阿迪拉,杨柳科属的分类及其维吾尔语名称的命名,干旱地理(维吾尔文版),2009年第一期
[12]、热合木都拉。阿迪拉, 新疆分布杨柳科植物及其维吾尔语名称的命名,干旱地理(维吾尔文版),2009年第一期
[13]、热合木都拉。阿迪拉,蔷薇科的属分类及其维吾尔语名称的命名,干旱地理(维吾尔文版),2009年第二期
[14]、热合木都拉。阿迪拉,新疆分布蔷薇科的属种及其维吾尔语名称的命名,干旱研究(维吾尔文版),2009年第二期
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 18-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 2,120 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1937
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
When I first saw this title خەۋپكە ئۇچرىغان گىياھلار دىگەن نىمە؟ | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. A formidable share, I simply given this onto a colleague who was doing slightly evaluation on this. And he actually purchased me breakfast because I found it for him.. smile. So let me reword that: Thnx for the treat! But yeah Thnkx for spending the time to discuss this, I really feel strongly about it and love reading more on this topic. If potential, as you change into experience, would you thoughts updating your blog with extra details? It is extremely helpful for me. Big thumb up for this blog put up!
When I first saw this title خەۋپكە ئۇچرىغان گىياھلار دىگەن نىمە؟ | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. The subsequent time I read a blog, I hope that it doesnt disappoint me as a lot as this one. I imply, I do know it was my option to read, however I actually thought youd have something interesting to say. All I hear is a bunch of whining about one thing that you possibly can repair when you werent too busy on the lookout for attention.
When I first saw this title خەۋپكە ئۇچرىغان گىياھلار دىگەن نىمە؟ | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. I like what you guys are up also. Such smart work and reporting! Carry on the excellent works guys I have incorporated you guys to my blogroll. I think it will improve the value of my web site .
This is a topic which is near to my heart… Many thanks! Exactly where are your contact details though?|