باش بەت > ئۇنىۋېرسال, تىل > يەتتە ئەۋلاد ناملىرى
15فېۋرال

يەتتە ئەۋلاد ناملىرى

يەتتە ئەۋلادنىڭ  ئۇيغۇرچە نامىنى قانداق ئاتايمىز؟

ئا.ر. جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

مىنىڭ بىلىشىمچە، مەن كىچىك چاغلىرىمدا ياشانغان ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز كۆپ ئىدى. ئۇلار بىرى-بىرىنى كەۋەم، كەنەم،  بالكام، مالكام، دادام، ئانام، ئاتام،  ئاپام  دىگەندەك ناملاردا ئاتىشاتتى. كىچىكلەرنى بولسا، نەۋرەم، چەۋرەم بەزىلىرىنى كەۋرەم دىگەندەك ناملاردا ئاتىشاتتى.  دىمەك، بىزدە يەتتە ئەۋلادنىڭ ناملىرى بار. ئەمما، بىز يەتتە ئەۋلاد نامىنى ھەر قايسى يۇرتلاردا ھەر خىل ئاتاپ كەلگەندەك قىلىمىز. بەزى ناملار ئوخشاش، بەزى ناملار پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاتا، ئاپا دىگەن نامنى، بەزى يەرلەردە دادا، ئانا دەپ ئاتايدۇ.  دادا، ئانا دىگەن نامنى بەزىلەر چوڭ دادا، چوڭ ئانا دەپ ئاتايدۇ.  بەزىلەر بوۋا، موما دەپ  ئاتىسا، بەزىلەر چوڭ بوۋا، چوڭ موما دەپ  ئاتايدىكەن.  چەۋەم، چەنەم دىگەن ناملارنى بەزىلەر، ئۇلۇق بوۋام، ئولۇق مومام دەپ ئاتايدىكەن. كەۋرەنى بەزىلەر كۆك نەۋرە ياكى كۆكۈن نەۋرە دەپ ئاتايدىكەن. ئومۇمەن ئالغاندا، يەتتە ئەۋلاتنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى ھەر خىل ئىكەن. مەن تا ھازىرغىچە بىرلىككە كىلىنگەن ئىخچام ناملىرىنى ئۇچراتمىدىم ياكى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ باقىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئائىلىمىزنى مىسال قىلىپ، يەتتە ئەۋلاتنى رەتى بويىچە تىزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى ئاتاپ تۈزۈپ چىقتىم.

 

1-    جەدۋەل: ئاتا جەمەت يەتتە ئەۋلاد ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى (سىناق نۇسخا)

ئەۋلاد رەتى

ئەۋلاد  نامى

يەتتە ئەۋلاد دەرىجە نامى

ئەۋلاد كىشى ئىسمى

تۇغۇلغان ۋاقتى

7-ئەۋلاد

 بالا (بالام)

زەۋرە

فائىزە زەينۇللا

ئاتىللا سەيپۇللا

2009-يىلى2-ئوغۇز

2012-يىلى8-چىللە

6-ئەۋلاد

ئاتا-ئاپا،(ئاتام-ئاپام)

كەۋرە

زەينۇللا رەھمەتۇللا

 ئايپاتىمە ئابلىمىت،

 سەيپۇللا رەھمەتۇللا

پەرىدە ھاشىم

1979-يىلى8-تۇمۇز

 

1982-يىلى 4-ئۈمۈد

5-ئەۋلاد

دادا- ئانا،(دادام-ئانام)

چەۋرە

رەھمەتۇللا ئادىللا

زۇلەيخا يۈسۈپ

1951-يىلى21-كۆنەك 

4-ئەۋلاد

بوۋا- موما،(بوۋام-مومام)

ئەۋرە

ئادىللا ئەمەت

ھەنىپەخان توختى

1913-يىلى

3-ئەۋلاد

چوۋا- چونا،(چوۋام-چونام)

نەۋرە

ئەمەت ئىمىن

توختىخان موللاگايىت

تەخمىنەن1860 -يىلى

2-ئەۋلاد

ئوۋا- ئونا،(ئوۋام-ئونام)

بالا

ئىمىن مۇھەممەت

شاھزادىخان(؟)

تەخمىنەن 1789-يىلى  

1-ئەۋلاد 

ئۇلۇقا-ئۇلۇنا،(ئۇلۇقام-ئۇلۇنام)

ئاتا-ئاپا

مۇھەممەت(؟)

ئايشەمخان(؟)

تەخمىنەن 1697-يىلى

 

 

بايان ئاخىر

مەن بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن بىر سۈننەت تويغا قاتنىشىپ، يەتتە ئەۋلاد نامىنى بىلىشنىڭ زۆرۆرلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. رىياسەتچى يەتتە ئاتانىڭ ئىسمىنى كىم دەپ بېرىدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا بىرمۇ بالا توغرا جاۋاپ بېرەلمىدى. كۆپ بىلگەنلىرى 3-ئەۋلاتقىچە يەنى 3 ئاتانىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلىدى. بىز بىر جوزىدا ئولتۇرغان چوڭلارمۇ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرەلمىدۇق. ئەۋلاد نامىنى ۋە دەرىجە نامىنى نىمە دەپ ئاتاشنى دەماللىققا تېخىمۇ بىلەلمىدۇق. بۇ توغرىدىكى ئەھۋالىمىز بولسا شۇنچىلىك ئىكەن. ئۇنداقتا بىز نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرمەيمىز؟ مەن ئويلىغانلىرىمنى شۇ چاغدا يازماقچى بولدۇم. ئەمما، مەن ھەر قانچە ئىزدىنىپ باقساممۇ، ئۆزەمنىڭ يەتتە ئاتاسىنىڭ ياكى يەتتە ئەۋلادىمنىڭ نامىنى تولۇق تاپالمىدىم. 5-ئاتاغىچە ياكى 6-ئەۋلادقىچە تاپالىدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ توغرىدا بىرەر ئەسەر يازالمىدىم. ئارىلىقتا مىنىڭ بالىلىرىممۇ چوڭ بولدى، ئۆيلەندى، نەۋرەلىك بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن يەتتە ئاتا ياكى يەتتە ئەۋلات تولۇق ۋۇجۇدقا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەزگۇر ئەسەر يازىلدى. مىنىڭ  يوقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويغان يەتتە ئەۋلادنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى، كىچىكىمدە ئاڭلىغان ھەم مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىسملارنى ئاساس قىلدىم. يەتتە ئەۋلادنىڭ ئۇيغۇرچە يەنە قانداق ناملىرى بارلىقىنى مەن ئىزدەپ باقمىدىم. بۇنىڭدىن خەۋىرى بار بۇرادەرلەربولسا، مۇشۇ ئەسەرگە ئىنكاس تەرىقىسىدە ئەسەر يازىپ كۆرسۈتۈپ ئۆتۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەگەر، يوقۇرىدا دىيىلگەن ناملار مۇۋاپىق دەپ قارالسا، تېزدىن  بىرلىككە كىلىپ مۇقىملاشتۇرساق بولىدۇ دەپمۇ ئويلايمەن. قېنى بۇنىڭغا بۇرادەرلەر قانداق قارايدىكىن.

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 446 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4113
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

بىر پارچە باھا يېزىلدى

  1. #1 غاپپار روزى بۇ باھاغا پىكرىم بار | نەقىل ئېلىش Post:2014-03-26 15:21

    « يەتتە ئەۋلاد ناملىرى » توغرىسىدىكى بايان ۋە جەدىۋەل تىمسالىنى تەپسىلى كۆردۇم . تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە قازاق، قىرغىز خەلقلىرى يەتتە ئەۋلاد ناملىرىنى ھازىرغىچە تولۇق ئاتاپ بېرەلەيدۇ . بىلمىگەنلىكنى نۇمۇس دەپ بېلىدۇ . قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە « يەتتە ئەۋلادىنى بىلمىگەنلەر ئۇيدۇر » دېگەن ماقال بار . تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخ ۋە ئېتنۇگىراپىيە سىستېمىسىدە ئۇلارنىڭ قەبىلە ، ئۇرۇق ۋە مەنسەپ ، ئەمەل ، ئادەم ئىسىملىرى ، نەسەب ناملىرى ۋە دەرىجە ئاتالمىلىرى بار ئىدى . ئالىم ئىمىن تۇرسۇننىڭ « ئۇيغۇر مەدەنىيىتى » دېگەن ئەسىرىدە ئادەم ۋە ھايۋانات دەرىجىلىرىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن . شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىدا بىر نەچچە قېتىم « ئىسىم -فامىلە » ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۆتكۈزۈلدى . بۇنىڭدا ، يۇقىرقىدەك نەسەپكە ئائىت چۈشەنچىلەرگە مول ئىلمىي ماتېرىيالار بېرەلەيدۇ .

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز