باش بەت > تىل, ھايۋاناتنامە > ئاكىيىك رۇق ۋە ئۇنىڭ زاتلىرى
18فېۋرال

ئاكىيىك رۇق ۋە ئۇنىڭ زاتلىرى

ئاكىيىك رۇق (花鹿属 Axis) ۋە ئۇنىڭ زاتلىرى

 

ئاكىيىك رۇق (花鹿属 Axis)، كىيىكئىلەدىكى (鹿科,Cervidae) 16رۇقنىڭ بىرىنىڭ نامى. بۇ رۇقدىكى كىيىكلەرنىڭ پۇتلىرى قىسقا، كۆتەنبېىشى يۇمۇلاق ھەم ساڭگىلاڭ بولۇپ، بەدىنى قاۋۇلراق كىلىدىكەن. ئادەتتە بۇلارنىڭ تەن ئۇزۇنلىقى 100-115 سانتىمېتىر، ئالدىقول ئىگىزلىكى 60-70 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 50 كلوگىرام  كىلىدىكەن. تېرىسىنىڭ رەڭگى ئاچقوڭۇر، قۇرساق قىسمى كۈلرەڭ بولۇپ، يازلىقى دۈمبە، قۇرساق قىسمىدا بوزاق تەڭگىچە مويلىرى بولىدىكەن. يىلدا بىر قىتىم، بىردىن كىيىكلەيدىكەن، ئادەتتە 12-15 يىلغىچە ياشايدىكەن. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئاكىيىك رۇقتا 4 كىيىك زاتى بار بولۇپ، جەنۇبى ئاسىيا ۋە ھىندىچىنانىڭ بىر قىسىم غول بويلىرى، ساسلاردا ياشايدىكەن. دۆلىتىمىزدە، ئاكىيىك رۇقنىڭ «ئاكىيىك پورسىنى» دىگەن بىرلا زاتى بار ئىكەن. ئاكىيىك پورسىنى، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ 1-دەرىجىدە قوغدايدىغان ھايۋانزاتى. ئاكىيىك رۇقدىكى 4 زاتنىڭ سۆرەتلىرى  تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: (رەسىملەر، گوگۇل، بەيدۇ ۋە لەنسې دوڭۋۇ شۇې تورىدىن ئالىندى).

 

1. ئاكىيىك ئاكىيىكى (花鹿(斑鹿)Axis axis) 

Axis_axis_Kanha_4kl

2. ئاكىيىك كالمانى (加岛花鹿Axis calamianensisAxis calamianensis

3. ئاكىيىك كۇھلى (巴岛花鹿,Axis kuhlii)

Adult_male_Bawean_deer_Axis_kuhlii 

4. ئاكىيىك پورسىنى (豚鹿Axis porcinus) 

Axis porcinus 3

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 18-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 372 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4126
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز