باش بەت > ھايۋاناتنامە > چەرەندەلەرنىڭ جەمەتكە تۈرلەنىشى
23ئاۋغۇست

چەرەندەلەرنىڭ جەمەتكە تۈرلەنىشى

چەرەندەلەرنىڭ جەمەتكە تۈرلەنىشى

昆虫的目级分类

جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2014-يىل 14-تۇمۇز سانىدا، «چەرەندەلەر» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، چەرەندە دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ بەدەن تۈزۈلىشى قانداق؟ (بەشرەسى قانداق)، چەرەندە بەشرەسىنىڭ ناملارى قانداق ئاتالادى؟ دىگەن  مەسىلىلەر سۆزلەنگەن ئىدى. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، چەرەندەلەرنىڭ جەمەتلەرگە تۈرلەنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى  بايان قىلىندى.

 

1. چەرەندەلەر، جانۋار دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىقە ھىساپلانادى

مەنبەلەرگە قاراغاندا، ھايۋانات مىقياستىكى ئۇمۇرتقاسىز ھايۋاناتنىڭ ئارزوپ قەبىلەسىىدىكى چەرەندە تەبىقەسى، بارلىق چەرەندەلەرنىڭ ئەڭ چوڭ يىغىندىسى بولۇپ، جانۋار دۇنياسى ئىچىدە  ئۇنىڭ زات سانى ئەڭ كۆپ ئىكەن. ئەمما، ئۇنىڭ زاتى زادى قانچە دىگەن مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى يوق ئىكەن.  مەسىلەن، بەزىلەر، چەرەندەلەرنىڭ زات سانىنى 10 مىليون دەپ مۆلچەرلىگەن. بەزىلەر، 3 مىليون، يەنە بەزىلەر 1 مىليون دەپ مۆلچەرلىگەن. كۆپۈنچە مەنبەلەردە 1 مىليون زاتى بار دەپ  مۆلچەرلىگەن. ئومۇمەن ئالغاندا، چەرەندەلەرنىڭ زات سانى 1 مىليوندىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا چەرەندە تەبىقەسى، چىيا مىقياس، گىيا مىقياس، ھايۋانات مىقياس قاتارلىق جانۋارى دۇنيا بويىچە زات سانى ئەڭ كۆپ تەبىقە ھىساپلانادى.

 

2. چەرەندەلەرنىڭ جەمەتلەرگە بۆلۈنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمغا قاراغاندا، چەرەندەلەرنىڭ ئەسلىدە 43 جەمەتى بولغان ئىكەن. ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇنىڭ ئىچىدىكى 12 جەمەتىنىڭ نەسلى قۇرىغان. شۇنداق قىلىپ ھازىر  31 جەمەتى بار بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى جەدۋەلدە چەرەندەلەرنىڭ  43 جەمەتى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، خەنزۇچە ناملارى كۆرسەتىلدى. بۇلارنىڭ لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى، مەنبەلەرگە ئاساسەن ئالىندى. ئۇيغۇرچە ناملارى، ئا. رەھمەتۇللانىڭ «ھايۋانات ناملارىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» بويىچە ئاتالدى ھەم يازىلدى. (ئۇيغۇرچە نامىنىڭ كەينىدە بىر تال چىچەك (*) بەلگە قويۇلغانلارى، ھازىر نەسلى قۇرىغان جەمەتلەرنى كۆرستىدۇ. ئىككى چىكىت قويۇلغانى، شاختەبىقە ياكى باشمەت (باش جەمەت) بېكىتىلمىگەن جەمەتنى كۆرسەتىدۇ).

 

1-جەدۋەل: چەرەندەلەرنىڭ جەمەتلەرگە بۆلۈنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

 

ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى

ئەپتەر شاخبىقە

Apterygota

无翅亚纲

 

ئاركانامەت(ئاركانا جەمەت)

Archaeognatha

石蛃目

 

تىزانمەت

Thysanura

缨尾目

 

مونۇرمەت*

(Monura)†

单尾目

 

پتەر شاخبىقە

Pterygota

有翅亚纲

 

پالپتەر كەنجىبىقە

Palaeoptera

古翅下纲

 

ئەفمەرمەت

Ephemeroptera

蜉蝣目

 

پالوپتەرمەت*

(Palaeodictyoptera)†

古网翅目

 

مىگازمەت*

Megasecoptera

 

 

ئارغۇچمەت*

(Archodonata)†

古蜻蜓目

 

دافانمەت*

(Diaphanopterodea)†

透翅目

 

پروغۇچمەت*

(Protodonata)†

原蜻蜓目

 

يىڭناغۇچمەت

Odonata

蜻蛉目

 

نوپتەر كەنجىبىقە

Neoptera

新翅下纲

 

ئەشپتەر باشمەت

Exopterygota

外翅总目

 

كالنۇرمەت*

(Caloneurodea)†

华脉目

 

تىتانتەرمەت*

(Titanoptera)†

巨翅目

 

پوتروپمەت*

(Protorthoptera)†

原直翅目

 

گرىلباتمەت

Grylloblattodea

蛩蠊目

 

مانوفاسمەت

Mantophasmatodea

螳䗛目

 

پەكوپمەت

Plecoptera

 

ئەمبيوپمەت

Embioptera

纺足目

 

زوراپمەت

Zoraptera

缺翅目

 

دەرمەپمەت

Dermaptera

革翅目

 

ئوزوپمەت

Orthoptera

直翅目

 

پاسماتمەت

Phasmatodea

䗛目(或竹节虫目

 

بلاتمەت

Blattodea

蜚蠊目

 

ئىسوپمەت

soptera

等翅目

 

مانودمەت

Mantodea

螳螂目

 

پوكوپمەت

Psocoptera

啮虫目

 

تىيسانمەت

Thysanoptera

缨翅目

 

پتىراپمەت

Phthiraptera

虱毛目

 

ھىمىپمەت

Hemiptera

半翅目

 

ئەنوپ باشمەت

Endopterygota

内翅总目

 

ھەيمەنمەت

Hymenoptera

膜翅目

 

كولوپمەت

Coleoptera

鞘翅目

 

سەپسىپمەت

Strepsiptera

捻翅目

 

رافىدمەت

Raphidioptera

脉翅目

 

نۇروپمەت

Neuroptera

蛇蛉目

 

مەكوپمەت

Mecoptera

长翅目

 

سىپونمەت

Siphonaptera

蚤目

 

دىپتەمەت

Diptera

双翅目

 

ئەسدىپتەمەت*

(Protodiptera)†

原双翅目

 

ئامفىس باشمەت

Amphiesmenoptera

类脉总目

 

تىكوپمەت

Trichoptera

毛翅目

 

لەپىدمەت

Lepidoptera

鳞翅目

 

گوسەلمەت**

(Glosselytrodea)†

舌鞘目

 

مىموپمەت**

Miomoptera

بايان ئاخىر

يوقارىدا، چەرەندەلەرنىڭ زات سانىدىكى مۆلچەر، ئۇلارنىڭ جەمەتلەرگە بۆلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردىم. بۇلار دەسلەپكى بىر ئىزدىنش بولۇپ، بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمەسىگە مۇھتاج.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 23-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 258 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5119
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز