21ئاۋغۇست
پەيەق زاتلارى
پەيەق زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
新疆的木贼属植物
جىمسارى
1. «پەيەق» ۋە «پەيەقلەر» دىگەن نام توغرىسدا
«پەيەق » دىگىنىمىز، ئۇيغۇرچە گىياھرۇق نامى. ھەم مۇشۇ رۇقتىكى بارلىق زاتلارنىڭ ئومۇمى نامىنى بىلدىرەدى. بۇ نام، ئادىللا رەھمەتۇللا ئوتتۇرىغا قويغان «گىياھرۇق نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى»گە ئاساسەن قويۇلغان. «پەيەقلەر» دىگىنىمىز، «پەيەقرۇق گىياھلىرى» ياكى «پەيەقرۇقتىكى بارلىق زاتلار » دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرچەدىكى پەيەقرۇق دىگەن نام، لاتىنچەدە « Equisetum L.»، خەنزۇچەدە «木贼属» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «قىرىق بوغۇم ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالغان. پەيەقرۇق، پەيەقئىلەدىكى (木贼科,Equisetaceae)، بىردىن بىر يالغۇز رۇق بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 15-29 دەك زاتى بار دەپ قارالادى.
تۆۋەندە، بىر قىسىم پەيەقلەرنىڭ رەسىملەرى كۆرسەتىلدى.
2. پەيەقلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى
پەيەقرۇق، پەيگىيائىلەدىكى زات سانى ئاز بولغان بىر كىچىك رۇق ھىساپلانادى. مەنبەلەرگە قاراغاندا، پەيەقلەر، زىمىننىڭ ئىككى قۇتۇپى ۋە ياۋروپادىن باشقا، دۇنيادىكى كەڭ رايونلارغا ئومۇميۈزلۈك تارقالغان. پەيەقلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوتغول (سامانغوللۇق) كېلىدۇ. كۆپىنچىسىنىڭ بويىنىڭ ئىگىزلىكى 20-150 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولادى. مەنبەلەرگە قارىغاندا، «پەيەق سەھرائى»غا ئوخشاش ساسلىق يەرلەردە ئۆسىدىغان بەزى زاتلىرىنىڭ ئىگىزلىكى 250 سانتىمېتىر كېلىدىكەن. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسسىق بەلۋاقتا ئۆسىدىغان «پەيەق زورى» دىگەن زاتىنىڭ ئىگىزلىكى 500 سانتىمېتىر كېلىدىكەن. ئەندى «پەيەق مىروكى» دىگەن زاتىنىڭ ئېگىزلىكى بولسا 800 سانتىمېتىر كېلىدىكەن. پەيەقلەرنىڭ بەرگلىرى چىكىنىپ كىچىكلەپ كەتكەن بولۇپ، غولىدا بەرگقۇلاق شەكىلدە چۆرىلەڭ ئۆسىدۇ. گىياھ تەنى بىر تاياقچىغا ئوخشاش تال-تال تۇرىدۇ. غولى ئادەتتە ئىچى كاۋاك، يېشىل رەڭلىك بولۇپ، قۇياش نۇرىدا فوتوسېنتىز ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما «پەيەق سەھرائى» غا ئوخشاش بەزى زاتلىرىنىڭ بىر قىسىم غولى فوتوسېنتىز ئېلىپ بارمايدىكەن. پەيەقلەرنىڭ سپوراسى غولىنىڭ ئۇچچىدا بولۇپ، قىزغۇچ تۇخۇم شەكىللىك كېلىدۇ. پەيەقلەر، زەيكەش مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ. پەيەقلەر، دىغانچىلىقتا ياۋائوت ھېساپلىنىدۇ، ئۇنى ئېتىزىدىن يوقۇتۇپ تۇرىدۇ. بەزى پەيەقلەرنىڭ، مىللى تىبابەتتە شىپالىق رولى بولۇپ، تىۋىپلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دورا ياساپ ئىشلىتىدۇ.
3. پەيەقرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭ زاتلىرى
تاكسونومىيە بويىچە پەيەقرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكىنى ئىنچىكە ئايرىساق تۆۋەندىكىچە بولۇدۇ:
ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
|
مىقياس |
گىيامىقياس |
Plantae |
植物界 |
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى |
قەبىلە |
پەيگىيابىلە |
Pteridophyta |
蕨类植物门 |
قىرىق بوغۇم تىپى، قىرىق بوغۇم ئىشىكى |
تەبىقە |
پەيەقبىقە |
Equisetopsida |
木贼纲 |
قىرىق بوغۇم سىنىپى |
جەمەت |
پەيەقمەت |
Equisetales |
木贼目 |
قىرىق بوغۇم ئەترەتى |
ئائىلە |
پەيەقئىلە |
Equisetaceae |
木贼科 |
قىرىق بوغۇم ئائىلىسى |
رۇق |
پەيەقرۇق |
Equisetum |
木贼属 |
قىرىق بوغۇم ئۇرۇقدىشى |
4. پەيەقرۇقتىكى زاتلار
يوقارىدا كۆرسەتىلگەن 1-جەدۋەلدە كۆرسەتىلگەندەك، پەيگىيابىلەنىڭ پەيەقبىقەسىدە، پەيەقمەت دەپ ئاتالغان بىرلا جەمەت، بۇ جەمەتتە، پەيەقئىلە دەپ ئاتالغان بىرلا ئائىلە، بۇ ئائىلەدە، پەيەقرۇق دەپ ئاتالغان بىرلا رۇق بار. مەنبەلەرگە قاراغاندا، پەيەقرۇقنىڭ تەخمىنەن 15-29 زاتى بار دىيىلگەن. مەن «ۋىكىپېدىيا»، «بەيدۇ»، «فلورا شىنجاڭ»، «ئاكادېمىيە تور بېكىتى» قاتارلىق مەنبەلەردىن پەيەقرۇقنىڭ 16 زاتىنى جەمتەر قىلدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 9 زاتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزغا تارقالغان (قىزىل خەتلىكى شۇ).
1-جەدۋەل: پەيەقرۇقتىكى زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
نومىرى |
ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
1 |
پەيەق سەھرائى |
Equisetum arvense |
问荆 |
ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمى |
2 |
پەيەق بوتىنى |
Equisetum bogotense |
安第斯问荆 |
|
3 |
پەيەق دىفسۇمى |
Equisetum diffusum |
披散问荆 |
|
4 |
پەيەق سۇلۇقى |
Equisetum fluviatile |
水问荆 |
سۇ قىرىق بوغۇمى |
5 |
پەيەق ساسلىقى |
Equisetum palustre |
犬问荆 |
سازلىق قىرىق بوغۇمى |
6 |
پەيەق چىمەنى |
Equisetum pratense |
草问荆 |
ئوتلاق قىرىق بوغۇمى |
7 |
پەيەق ئورمانى |
Equisetum sylvaticum |
山木贼,林问荆 |
ئورمان قىرىق بوغۇمى |
8 |
پەيەق تەلمەتى |
Equisetum telmateia |
沼生问荆 |
|
9 |
پەيەق زورى |
Equisetum giganteum |
巨木贼 |
|
10 |
پەيەق مىروكى |
Equisetum myriochaetum |
墨西哥木贼 |
|
11. |
پەيەق ھىمالى |
Equisetum hymale |
木贼 |
قىشلايدىغان قىرىق بوغۇم |
12. |
پەيەق لاۋىياتى |
Equisetum laevigatum |
|
|
13. |
پەيەق راموسى |
Equisetum ramosissimum |
节节草 |
كۆپ شاخلىق قىرىق بوغۇم |
14. |
پەيەق سىرپويى |
Equisetum scirpoides |
小木贼,兰木贼 |
قىياقسىمان قىرىق بوغۇم |
15. |
پەيەق ۋارىياتى |
Equisetum variegatum |
斑纹木贼 |
|
16. |
پەيەق جىرقىنى |
Equisetum fluviatilaL. F.Iinnaeanum (Doll.) |
无枝水木贼 |
شاخسىز سۇ قىرىق بوغۇمى |
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 21-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 194 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5106
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!