16ئاۋغۇست
قىياقمەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئائىلەلەر
قىياقمەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئائىلەلەر
禾本目及其科类
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
گىيانامە ئالىملارى، بۇغداي، قۇناق، جۈژگۈن، چىغ، قۇمۇش، شىكەر قۇناق، بامبۇك قاتارلىق گىيالارنى يىغىنچاقلاپ، ئۇنى بىر «گىيالار جەمەتى» گە ئايرىغان. مەن بۇ خىل گىيالار جەمەتىگە «قىياقمەت» (قىياقلار جەمەتى) دىگەن ئىسىمنى قويدۇم. قىياقمەت دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «باشاقلىقلار ئەترىتى ياكى باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئەترىتى» دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە قىياق دىگەن نىمە؟ قىياقمەت دىگەن نىمە؟ قىياقمەتتە قانچە ئائىلە بار؟ ئۇلارنىڭ ناملارى قانداق ئاتالادى؟ دىگەندەك سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەنىلدى.
1. قىياق دىگەن نىمە؟
ئۇيغۇر تىلىدىكى قىياق دىگەن سۆزنىڭ مىنىڭچە ئىككى خىل مەناسى بار. بۇنىڭ بىرى، «قىيغاق» مەناسىنى بېرىدۇ. مەسىلەن، سىز چىغنىڭ بەرگىنى قۇلىڭىزدا تۇتۇپ سەرسىڭىز، قۇلىڭىزنىڭ سىزىقچە قىيىلغانىنى كۆرۈسىز. ئىككىنچى مەناسى، «قىيىقچە» يەنى، تار ھەم ئۇزۇن ياپراقنى كۆرسەتەدى. دىمەك، قىياق دىگەن سۆزنى، مەن «قىيغاق» ھەم «قىيىقچە» دىگەن ئىككى سۆزنى بىرىكتۈرۈپ، «قىياق» شەكلىدە ياسادىم ھەم بەرگى قىيغاق ۋە قىيقچە شەكىلدە بولادىغان گىيالارنىڭ ئومۇمى نامىنى «قىياق» دەپ ئاتادىم. ئۇيغۇرچە قىياق دىگەن سۆزنى خەنزۇچەگە ئاۋدارساق، «禾、禾本、禾草 » بولادى. مەن قويغان قىياق دىگەن ئىسىم سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «باشاقلىقلار، باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر» دەپ ئاتالغان.
2. قىياقمەت دىگەن نىمە؟
گىيا مىقياستا، ئۇرۇقى ياكى دانى، قاپسىمان ئوراق ئىچىدە تۇرىدىغان بىر بۆلەك گىيالار بار. بۇلارنى مەن «قاپلىقدان گىيالار» دەپ ئاتادىم. بۇنى خەنزۇچەگە ئاۋدارساق، «被子植物» دەپ ئاتالادى. «قاپلىقدان گىيالار» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر» دەپ ئاتالغان. ئەندى قاپلىقدان گىيالار ئۇرۇقى ياكى دانىدىكى پەللەنىڭ بىر ياكى ئىككى تال بولۇشىغا قاراپ، بۇلار يەنە «تاقپەل گىيالار» (单子叶植物) ۋە «قوشپەل گىيالار» (双子叶植物) دەپ ئاتالادى. بۇلار، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر»، «قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر» دەپ ئاتالغان. گىياشۇناسلار، ئەنە شۇ تاقپەل گىيالارنىڭ ئىچىدىن بىر بۆلىكىنى ئايرىپ چىقىپ، 鸭跖草类植物commelinids دەپ ئاتاغان. مەن بۇنىڭغا «كۆمەل گىيالار» دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدۇم.
بىزنىڭ ھازىرقى چۈشەنچىمىزدە، ئادەملەر ئەڭ دەسلەپتە قىياقمەت گىيالارىنى يىغىپ ئۆستۈرۈپ،ھازىرقى دىخانچىلىق ئىگىلىكىنى بەرپا قىلغان. بىز يەۋاتقان بۇغداي، قۇناق، شىكەر قاتارلىق مول يىمەكلىك مەنبەلىرى ئەنە شۇ قىياقمەت گىيالىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشتىن كەلگەن.
3. قىياقمەتتە قانچە ئائىلە بار؟
گىياشۇناسلارنىڭ يىقىنقى يىللاردىكى تەتقىقات نەتىجەلەرىدىن جەمتەر قىلىشىمغا قاراغاندا، قىياقمەتتە ھازىر 16 ئائىلە بار ئىكەن. 1-جەدۋەلگە قاراڭ.
4. قىياقمەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ نامى قانداق ئاتالادى؟
قىياقمەتتىكى 16 ئائىلەنىڭ لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى، مەنبەلەرگە ئاساسەن ئالىندى. ئۇيغۇرچە ناملارى، ئا.رەھمەتۇللانىڭ «گىيا ئائىلە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» گە ئاساسەن ھەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىكى بۇيىچە بىر قىلىپقا چۈشۈرۈلدى ھەم ئىخچام ئاتالدى.
1- جەدۋەل: قىياقمەتتىكى ئائىلەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
ئانتىرئىلە (ئانتىر ئائىلەسى) |
Anarthriaceae |
苞穗草科 |
|
بومەلئىلە |
Bromeliaceae |
凤梨科 |
|
كەنرولئىلە |
Centrolepidaceae |
刺鳞草科 |
|
سىپەرئىلە |
Cyperaceae |
莎草科 |
|
ئەكدەيئىلە |
Ecdeiocoleaceae |
二柱草科 |
|
ئەرىكئىلە |
Eriocaulaceae |
谷精草科 |
|
فاگىلئىلە |
Flagellariaceae |
须叶藤科 |
|
جىنۋىلئىلە |
Joinvilleaceae |
拟苇科 |
|
جۇنكائىلە |
Juncaceae |
灯心草科 |
|
ماياكئىلە |
Mayacaceae |
苔草科 |
|
قىياقئىلە |
Poaceae |
禾本科 |
|
راپاتئىلە |
Rapateaceae |
偏穗草科 |
|
رىسىنئىلە |
Restionaceae |
帚灯草科 |
|
تۇرىنئىلە |
Thurniaceae |
梭子草科 |
|
ھىكەنئىلە |
Typhaceae |
香蒲科 |
|
زىيىرئىلە |
Xyridaceae |
黄眼草科 |
|
بايان ئاخىر
قىياقمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلەگىچە تۈرلەنىشى ھەققىدىكى بايانلارىم ھەم پىكىرلەرىم مۇشۇ يەرگىچە بولدى. مەزگۇر ئەسەر، قىياقمەت توغراسىدا يازىلغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ تۈنجىسى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمەسىگە مۇھتاج.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 16-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 265 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5072
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!