ئاراياقمەتتىكى ئائىلەلەر
ئاراياقمەتتىكى ئائىلەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
偶蹄目中的科类
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
تورىستان «ئاكادېمىيە» نىڭ 2014-يىللىق 13- تۇمۇز سانىدا، «ھايۋانلارنىڭ جەمەتلەرى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئاراياقمەت (تۇياقلارى ئارا-چاپچا شەكىلدە ئايرالىپ تۇرادىغان ھايۋانلار دىگەننى بىلدىرەدى) دەپ ئاتالغان بىر ھايۋان جەمەتىنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، ئاراياق دىگەن نىمە؟ ئاراياقمەت دىگەن نىمە؟ ئاراياقمەتتە قانچە ئائىلە بار؟ ئاراياقمەتتىكى ئائىلەلەرنىڭ نامى قانداق ئاتالادى؟ دىگەندەك سوئاللارنى چۆرەدەپ بىلگەنلەرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.
1. ئاراياق دىگەن نىمە؟
ھايۋانلار ئىچىدىكى، تۇياقلارى ئارا-چاپچادەك ئايرالىپ تۇرادىغان ھايۋانلار بۆلىكىنى، ئۇيغۇرچە ئاراياق ھايۋان ياكى ئاراياقلار دەپ ئاتادىم. ئاراياق دىگەن ئىسىم سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، ئاچا تۇياق، ئاچا تۇياقلىقلار دەپ ئاتالغان. ئاراياق شەكىللەر ھەر خىل بولۇپ، ئىككى، ئۈچ ھەتتا تۆتكىچە ئايرىلغان بولادى. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.
ئەمەلىيەتىمىزگە ھەم تارىخى مەنبەلەرگە قاراغاندا، ئادەملەر تارىخىدا ياراتقان چارۋاچىلىق ئىگىلىكى، ئەنە شۇ ئاراياق ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ قوي، ئۆچكە، كالا، تۆگە قاتارلىق چارۋا سورتلارىنى ياراتىشتىن باشلانغان. نېتىجىدە، ئاراياق ھايۋانلار ئادەملەرنىڭ ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىشلەپچىقىرىش قورالىغا ئايلىنىپ، ئادەملەرنىڭ گۆش، سۈت، تېرە، يۇڭ، ۋە ئۇلاق قاتارلىق تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجلارىنى ھەل قىلىشقا زور تۆھپەلەرنى قوشقان ھەم قوشماقتا.
2. ئاراياقمەت دىگەن نىمە؟
ھايۋاناتشۇناسلار، ھايۋانبىقەدىكى بارلىق ئاراياق ھايۋانلارنى بىر بۆلەككە جەملەپ، ئۇلارنى بىر «جەمەت» توپىغا ئايراغان. بۇ توپنىڭ نامىنى مەن «ئاراياقمەت» (ئاراياقلار جەمەتى) دەپ ئاتادىم. ئۇيغۇرچە «ئاراياقمەت» دىگەن ئىسىم سۆزنىڭ خەنچەسى « 偶蹄目» ؛ لاتىنچەسى، « Artiodactyla» بولادى.
3. ئاراياقمەتتە قانچە ئائىلە بار؟
مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمغا قاراغاندا، ئاراياقمەتتە ئەسلىدە 32 ئائىلە بار ئىكەندۇق. ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 22 ئائىلەنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. ھازىر پەقەتلا 10 ئائىلە مەۋجۇد ياشاپ تۇرغاندەك قىلادى.
4. ئاراياقمەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ناملارى
ئاراياقمەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ناملارى يازىلغان ئۇيغۇرچە مەنبەلەرنى مەن كۆرۈپ باقمادىم. بۇلارغا مەن ئۆزەمچە ئىسىم قويۇپ ئاتىغان، تېخى نەشىر ئەپكارىدا نەشىر قىلىنماغان ئۇيغۇرچە ناملارى بار ئىدى. مەزگۇر ئەسەردە، ئاراياقمەتتىكى ئائىلەلەرنىڭ نامىنى ئەنە شۇ ئۇيغۇرچە ناملار بىلەن ئاتادىم. 1-جەدۋەلگە قاراڭ:
1-جەدۋەل: ئاراياقمەتتىكى ئائىلەلەرنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، خەنچە ناملارى (چىچەك بەلگە قويۇلغان ناملارنىڭ نەسلى قۇرىغان)
ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
تۇڭۇزئىلە |
Suidae |
||
تاياسئىلە |
Tayassuidae |
||
ھىپوپئىلە |
Hippopotamidae |
||
تۆگەئىلە |
Camelidae |
||
تاغۇلئىلە |
Tragulidae |
||
كىيىكئىلە |
Cervidae |
||
مۇشىدئىلە |
Moschidae |
||
زىرافئىلە |
Giraffidae |
||
ئەنەپئىلە |
Antilocapridae |
||
مۇيزاقئىلە |
Bovidae |
||
لەپتۈكئىلە |
Leptochoeridae† |
||
دىكۇنئىلە |
Dichobunidae† |
||
كەبەكئىلە |
Cebochoeridae† |
长尾猪科 |
|
ئەنتەلئىلە |
Entelodontidae† |
||
ئانوپئىلە |
Anoplotheriidae† |
||
ئانتارئىلە |
Anthracotheriidae† |
||
كاناتئىلە |
Cainotheriidae† |
||
ئەگرىكئىلە |
Agriochoeridae†
|
||
مەرىكئىلە |
Merycoidodontidae† |
||
لەپتۇمئىلە |
Leptomerycidae† |
||
پوكىرئىلە |
Protoceratidae† |
||
ئورومئىلە |
Oromerycidae†
|
||
زىفونئىلە |
Xiphodontidae†
|
||
ئافىمئىلە |
Amphimerycidae† |
||
ھەلويئىلە |
Helohyidae†
|
||
گەلەسئىلە |
Gelocidae†
|
||
دومەرئىلە |
Dromomerycidae†
|
||
رائىلئىلە |
Raoellidae†
|
||
كوروپئىلە |
Choeropotamidae† |
||
سانىتئىلە |
Sanitheriidae† |
||
كىلماكئىلە |
Climacoceratidae† |
||
پالمەرئىلە |
Palaeomerycidae† |
بايان ئاخىر
ئاراياقمەت ھايۋانلار نىڭ ئائىلەلەرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى ھەققىدەكى بايانىم مۇشۇنچىلىك بولدى. قالغانىنى، بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمەسىگە قويدۇم.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 16-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 195 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5059
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!