باش بەت > جۇغراپىيە > جىدقۇرۇمتاش
19ئىيۇل

جىدقۇرۇمتاش

جىدقۇرۇمتاش

 

جىمسارى

ئۇيغۇرچە تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2014-يىللىق 14-چىللە سانىدا، «قۇرۇمتاش توغراسىدا ئومۇمى بايان» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، قۇرۇمتاشنىڭ ئىككى خىلى بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بىرى «نىفقۇرۇمتاش»، يەنە بىرى «جىدقۇرۇمتاش» دەپ ئاتالادىغانلىقى سۆزلەنگەن. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى «جىدقۇرۇمتاش» توغراسىدا بىلگەنلەرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم. 

«جىدقۇرۇمتاش» دىگىنىم، جىدەش (قاتتىق سۈپەتلىك) تىپىدىكى قۇرۇمتاشنىڭ ئۇيغۇرچە نامى. بۇ تاش، بەزىدە ئەرەپچە ياكى فارىسچە «يىشىمتاش» دەپمۇ ئاتالغان. جىدقۇرۇمتاش، خەنزۇچە مەنبەلەردە، «缅甸玉،硬玉石،硬玉،翡翠» دەپ كۆپ خىل ناملاردا ئاتالغان. مەنبەلەرگە قارىغاندا، جىدقۇرۇمتاشنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى، سودىيۇم سىلىكات (NaAlSi2O6) بولۇپ، مەنەرنامەدە، مەنەرنىڭ تەركىۋىدىكى سودىيۇم سىلىكات مىقتارى 50% دىن يوقارى بولغاندا، بۇ مەنەر، ئاندىن جىدقۇرۇمتاش ھىساپلانادى. تۆۋەندىكى سۆرەتلەر، جىدقۇرۇمتاش ياكى جىدقۇرۇم سۆرەتلەرى بولۇپ، «بەيدۇ» تورىدىن تاللاندى. 

jidkurumjidkurum2jidkurum3jidkurum4jidkurum5Jidkurumtax2jidkurumtax3jidkurumtax4

مەنبەلەرگە قاراغاندا، جىدقۇرۇمتاشنىڭ بايقالغان رايونلارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق مەنبەسى ماياننار (بىرما) ئىكەن. مەن يۈننەن ئۆلكەسىنىڭ رۇيلى شەھرىدىكى ھەرەڭتاش بازارلارىدىن كۆرگەن ۋە ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، بازارلاردىكى 95 % دىن كۆپ بولغان جىدقۇرۇم مەھسۇلاتلىرى ئەنە شۇ مايانناردىن قازىلغان جىدقۇرۇمتاشتىن ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، گۋاتمالا، ئامېرىكا، ياپۇنىيە، قازاقىستان، رۇسىيە، مېكسىكا ۋە كۇلۇمبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ ئازراقتىن چىقىدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ سۈپەتى، ماياننارنىڭكىگە يەتمەيدىكەن. مەنبەلەرگە قاراغاندا، جىدقۇرۇمتاشنىڭ موھىسچە قاتتىق دەرىجەسى 6.5-7، نىسبەتى 3.25-3.35 كىچە بولادىكەن. جىدقۇرۇمتاشنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولۇپ، ياشىلرەڭ، قىزىلرەڭ، ساررەڭ، كۈلرەڭ، قارارەڭ، قوڭۇررەڭ ۋە ئاقرەڭدە كۆرۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ياشىل مايقىراق كەلگەنى (رەڭگى ياشىل ھەم مايغا ئوخشاش پارقىرايدىغان) ئەڭ داڭلىق ئىكەن. رۈيلى شەھرىدىكى جىدقۇرۇم بازارىدا، تاش مەھسۇلاتلارنى ئا. ب، س دەپ تەرتىپلەيدىكەن. ئا تەرتىپتىكى جىدقۇرۇمتاشلارنىڭ رەڭگى، سۈزۈكلىكى، پارقىراقلىقى بىجىرىم تەبىئىي بولۇدىكەن. باھاسىمۇ يوقارى ئىكەن. بىر تال بىلەيزۈكنىڭ باھاسىنى سوراسام، ئەرزان بېرەي، 280مىڭ يۋەن دىدى. ب تەرتىپتىكىلەر، سۈنئى ئۇسولدا سىلىقلانغان، پارقىراتقان ياكى سۈپەتلەنگەن تەبىئى تاشلاردىن ئىكەن. س تەرتىپتىكلەر،  سۇنئىي ئۇسولدا ياشىلرەڭ بەرىلگەن، سۈزۈكلەشتۈرگەن ھەم پارقىراتقان تاشلاردىن ئىكەن. ئەمما ھازىرقى ھۆنەرلەرنىڭ ئۇستالىقىدا ئۇلارنى بىر قاراپلا پەرقلەندۈرمەك ناھايىتى تەس ئىكەن. ئاڭلاشىمچە، ئۇرۇمچىنىڭ «مىللەتلەر كوچاسى»سىدىكى ھەرەڭتاش بازارىدا مايانناردىن قازىلغان جىدقۇرۇم مەھسۇلاتىنى ئۇچراتماق مۇمكىن ئەمەس دىيىشىدىكەن. ئۇ يەردىكى ياشىل رەڭلىك جىدقۇرۇم مەھسۇلاتلارى، روسىيە، قازاقىستاننىڭ جىدقۇرۇمتاشلارىدىن ئىكەن.

ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، جىدقۇرۇمتاشنىڭ بايقالىپ كەڭ كۆلەمدە پايدالانىشقا باشلانغانىغا تېخى 300 يىل بولماپتۇ. دۇنيا ئارخالنامەلىرىدە مەلۇمات بەرىلگەن نەچچە مىڭ يىللىق قۇرۇمتاش بۇيۇملارى، قۇرۇمتاش ياكى  نىفقۇرۇمتاش، نىفرەش  تىپىدىكى (يۇمشاق سۈپەتلىك) قۇرۇمتاشلاردىن بولادىكەن.

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 19-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 190 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4783
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز