باش بەت > گىياھنامە > ئەسپەرمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلەلىرى
13فېۋرال

ئەسپەرمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلەلىرى

ئەسپەرمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلەلىرى

天门冬目及其科级分类

جىمسارى

  1. 1. ئەسپەرمەت ۋە ئۇنىڭ نەسەبى

ئەسپەرمەت (天门冬目Asparagales)، ئەسپەر گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. ئەسپەرمەت، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ تاقپەلگىياھلار تارماقىدىكى 11 جەمەتنىڭ بىرى. ئەسپەرمەتنىڭ لاتىنچە نامىنى، لىنك (林克 Link) دىگەن كىشى، 1928-يىلى قويغان ئىكەن. 2009-يىلى، «APG سىستېم»نىڭ 3-نەشىرىدە، ئەسپەرمەتنىڭ لاتىنچە نامى، لىنك قويغان نامنى قوللانغان. مەن لاتىنچە نامىغا ئاساسەن، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان «ئەسپەرمەت» دىگەن نامنى قويدۇم. (مەناسى: ئەسپەر گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى). ئەسپەرمەتنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى مۇنداق:

دەرىجە نامى ئۇيغۇرچە نامى لاتىنچە نامى خەنزۇچە نامى
دۇنيا(域) ئۇكارى دۇنيا Eukarya 真核域
مىقياس(界) گىياھمىقياس Plantae 植物界
قەبىلە (门) قاپلىقدان گىياھبىلە Magnoliophyta 被子植物门
تەبىقە(纲) تاقپەل گىياھبىقە Liliopsida 单子叶植物纲
جەمەت (目) ئەسپەرمەت Asparagales 天门冬目

 

  1. 2. ئەسپەرمەتتىكى ئائىلەلەر

«APG سىستېم»نىڭ 2009-يىلى نەشىر قىلغان 3-نەشىرىدە، ئەسپەرمەت تەركىۋىدە 14 ئائىلەنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

2.1. ئەمرىلئىلە (石蒜科 Amaryllidaceae).

2.2. ئەسپەرئىلە (天门冬科 Asparagaceae)

2.3. ئەستىلئىلە (芳香草科 Asteliaceae)

2.4. بەنفورئىلە (香水花科 Blandfordiaceae)

2.5. بورايئىلە (澳韭兰科 Boryaceae)

2.6. دويانئىلە (矛花科 Doryanthaceae)

2.7. ھىپەكئىلە (仙茅科 Hypoxidaceae)

2.8. پىچانئىلە (鸢尾科 Iridaceae)

2.9. ئىكسولئىلە (鸢尾蒜科 Ixioliriaceae)

2.10. لەنەرئىلە (毛石蒜科 Lanariaceae)

2.11. ئورخىدئىلە (兰科 Orchidaceae)

2.12. تىكفىلئىلە (蓝星科 Tecophilaeaceae)

2.13. زەنتورئىلە (刺叶树科 Xanthorrhoeaceae)

2.14. زىرنەمئىلە (血剑草科 Xeronemataceae)

 

مەزگۇر ئەسەردىكى گىياھلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى 2012-يىلى قويغان.

مەنبەلەر

[1] «天门冬目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىيە، 2014-يىل، 16-مىزان نەشىرى.

[2] « تاقپەل گىياھلار »، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2015-يىل. 4-قىش نەشىرى.

[3] «گىياھى تاكسون ناملارى»، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2012-يىل، 22- سەپەر نەشىرى.

[4] «گىياھئىلە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى»، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2012-يىل10-باھار نەشىرى.

[5] « قاپلىقدان گىياھلارنىڭ ئائىلە ناملارى »، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2012-يىل، 26-قىش نەشىرى.

يازما ئاپتورى: جىمسارى
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 13-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 55 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5733
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز