باش بەت > پەلسەپە > تەبىئەت پەلسەپىسى
21دېكابىر

تەبىئەت پەلسەپىسى

تەبىئەت پەلسەپىسى

自然的哲学

ئاپتورى: بوستاني

 

قۇياش چىقىپ پارلاپ، ئىسسىقلارنى تەۋرىتەر.

يۇلتۇزلارمۇ جىمىرلاپ، سوغۇقلارنى تەۋرىتەر.

ئىسسىق-سوغۇق سۈركۈلۈپ، شاماللارنى تەۋرىتەر.

شاماللارمۇ غۇرقۇراپ، بۇلۇتلارنى تەۋرىتەر.

بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرۈپ، يامغۇرلارنى تەۋرىتەر.

يامغۇرلار سىم-سىم يغىپ، گىياھلارنى تەۋرىتەر.

گىياھلارمۇ ياشىرىپ، چىچەكلەرنى  تەۋرىتەر.

گۈل-گىياھلار ئېچىلىپ، يايلاقلارنى تەۋرىتەر.

يايلاقلارنىڭ گۈزىلى، يىلقىچىنى تەۋرىتەر.

يىلقىچىلار بەس-بەستە، يىلقىلارنى تەۋرىتەر.

بىيەلەرمۇ  سەمىرىپ، قىمىزلارنى تەۋرىتەر.

قىمىزلارمۇ ئىچىلىپ، يىگىتلەرنى تەۋرىتەر.

يىگىتلەرمۇ ئېچىلىپ، سەنەملەرنى تەۋرىتەر.

سەنەملەرمۇ بىر كۈنى، بۈشۈكلەرنى تەۋرىتەر.

بۈشۈكلەرمۇ ئىغاڭلاپ، ئادەمزاتنى تەۋرىتەر.

ئادەمزاتى چوڭ بولۇپ، جاھاننى ھەم تەۋرىتەر.

تەبىئەت شۇنداق،زىمىننى،جانىۋارنى تەۋرىتەر،

ھەممىسى تەڭ، نۇخسانسىز توغرا، ئۆز يولىدا تەۋرىنەر،

بۇ بىر قانۇنكى، تەبىئەت پەلسەپىسى دىيىلەر.

دۆلەت، رايون، مىللەت، مەزھەپ «جەمىيەت» دىيىلەر،

جەمىيەت پەلسەپىسىدە مىنىڭ توغرا سىنىڭ خاتا دىيىشەر،

 بىرى-بىرىنى سەن ئۆل، مەنلا ياشاي دىيىشەر،

شۇڭا دەيمەن، جەمىيەت  قاچان تەبىئەتكە يېتەر؟!.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,414 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=138
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز