باش بەت > ئۇنىۋېرسال > «تەبىئەت» سۆزىگە ئىزاھ
18ئىيۇن

«تەبىئەت» سۆزىگە ئىزاھ

«تەبىئەت» سۆزىگە ئىزاھ

ئا.ر.جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

ئۇيغۇر تىلىمىزدا «تەبىئەت» دەپ ئاتالغان بىر سۆز بار. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، «تەبىئەت» دىگەن سۆزگە مۇنداق ئىزاھ بەرگەن: « ئى [ئە] ① ئالەمدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى‏، ‏ بارلىق مەۋجۇدات: تەبىئەت دۇنياسى. تەبىئەت ھادىسىلىرى.② تەبىئەتتىكى يەر‏، ‏ سۇ‏، ‏ تاغ‏، ‏ ئورمان ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ مەنزىرىسى: تەبىئەت ھۆسنىگە جان كىرگۈزگەن يامغۇر تامچىلىرى گويا ئاسما ئوكۇلنىڭ ئەينەك نەيچىسىدىكى تامچىغا ئوخشايتتى. ③ ‹تېب› ماددىنىڭ تىرىك ئورگانىزىمىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇق‏، ‏ ھۆللۈك ياكى قۇرۇقلۇق تەسىرى: بۇ دورىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل. ④ روھىي ھالەت‏، ‏ تۇرق. كەيىپىيات‏، ‏ مىجەز: ئۇلارنىڭ تەبىئەتلىرى بىر ئاز قوپال بولسىمۇ لېكىن ئەزىمەت يىگىتلەر».

«تەبىئەت» سۆزىگە بېرىلگەن يوقۇرىدىكى ئىزاھات، مىنىڭچە كىشىگە ئېنىق ئۇقۇم بېرەلمەيدۇ. مەسىلەن: بىرىنچىدىن، «تەبىئەت»، زادى ئىسىم سۆزمۇ؟ ياكى سۈپەت سۆزمۇ؟ ئىككىنچىدىن، «تەبىئەت»، بىزنىڭ ھازىرقى ئىلىملەر چۈشەنچىمىز بويىچە قايسى ئىلىملەرنى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟، قايسى ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ؟ ئۈچىنچىدىن، تىلىمىزدىكى «تەبىئەت» دىگەن سۆز بىلەن «تەبىئىي» دىگەن سۆزنىڭ قانداق مۇناسىۋەتى بار؟ دىگەندەك بىر قاتار مەسىلەلەرگە يوقۇرىدىكى ئىزاھتىن جاۋاپ تاپماق تەس. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ باقىشى ئۈچۈن «تەبىئەت» كە بولغان چۈشەنچەلىرىمنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتتۈم.

 

1. «تەبىئەت»، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز.

مەنبەلەردىن پەرەز قىلىشىمچە،  «تەبىئەت» دىگەن سۆز، بىزنىڭ تىلىمىزغا ئەرەپچە «ئەلتەبىئەت» سۆزىدىن قۇبۇل  قىلىنغاندەك قىلىدۇ. ياكى بولماسا، ئوردۇ تىلىدىن ئۆزلەشكەندەك قىلىدۇ. دىمەك، بىز ئۇيغۇرچىدا قوللۇنىۋاتقان «تەبىئەت» دىگەن سۆز، ئەجداتلىرىمىز مىڭ يىللار بۇرۇن، ئەرەپچە «ئەلتەبىئەت» سۆزىدىكى «ئەل»نى  قىسقارتىپ ئۆزلەشتۈرگەن ياكى ئوردۇ تىلىدىكى تەبىيئەت سۆزىدىن  بىۋاستە ئۆزلەشتۈرگەن ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆزدىن ئىبارەت.

 

2. «تەبىئەت» دىگەن  نىمە؟

مىنىڭچە، «تەبىئەت» دىگەن سۆزنىڭ ئىككى مەناسى بار. بۇنىڭ بىرى ئومۇمى مەناسى (كەڭ مەناسى) بولۇپ، ئادەملەردىكى ئاڭنىڭ سىرتىدا مەۋجۇد بولغان، ئورتاق ئوبىكتىپ ماددى دۇنيانى كۆرسۈتىدۇ.  ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق، ئالەمدىن تارتىپ، پروتونغىچە، ئادەمدىن تارتىپ ۋىروسقىچە ، تەبىئەتتىن تارتىپ جەمىيەتكىچە بولغان، ئادەملەر بىلگەن ھەم بىلمىگەن بارلىق مەۋجۇد ھەقىقەتنى كۆرسۈتىدۇ. مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، «تەبىئەت» بىلەن «تەڭرى، خۇدا، ئاللا» دىگەن ئىسىم سۆزلەر ۋە «خاراكتىر، مىزاج» دىگەن سۆزلەر مەنىداش كىلىدۇ. مەسىلەن، تەبىئەت ئىلىملىرىدە دىيىلىدىغان «…..تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايمىز» دىگەندەك سۆزلەر، ئىسلام دىندا، «…..ئاللانىڭ (تەڭرى، خۇدانىڭ) جازاسىغا ئۇچرايمىز»؛ « تەبىئەت ئاتا قىلغان» دىگەن سۆز،  «خۇدا ئاتا قىلغان»؛ «تەبىئەتنىڭ ئىنتىزامىغا بوي سۇنۇش» دىگەن سۆز،  «ئاللانىڭ (خۇدانىڭ) ئەمىرىگە بوي سۇنۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. «…بارلىق مەۋجۇد ھەقىقەتنى تەبىئەت ياراتقان» دىگەن سۆز، ئىسلام دىندا «بارلىق مەۋجۇد ھەقىقەتنى خۇدا (ئاللا) ياراتقان» دىيىلىدۇ. « بۇ دورانىڭ خاراكتىرى ئىسسىق (بۇ دورانىڭ تەبىئەتى ئىسسىق). «….ئادەمدە ئىسسىق ،سوغۇق، ھۆل، قۇرۇق دىگەندەك مىزاجلار بار ( ئادەمدە، ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇق دىگەندەك تەبىئەت مەۋجۇد) دىگەندەك. دىمەك، تەبىئەت دىگەن سۆز، كەڭ مەنادىن ئالغاندا «تەبىئەتنامە» بىلەن «جەمىيەتنامە»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئىككىنچىسى، ئايرىم مەناسى  (تار مەناسى) بولۇپ، جانىۋارى دۇنيا بىلەن بىجانىۋارى دۇنيانى كۆرسۈتىدۇ.  ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق، ئادەملەرنى، ھايۋاناتنى، گىيالارنى، چىيالارنى، مىكروبلارنى، ۋىروسلارنى؛ تۇرغۇن يۇلتۇز، سەييارە يۇلتۇز، ھەمرا يۇلتۇز، ھاۋا رايى، سۇ رايى، يەر رايى، كۆمۈر، تۆمۈر، تۆت پەسىل قاتارلىق جانىۋارلىق، فىزىكالىق ھەم خېمىيەلىك مەۋجۇد ھەقىقەتنى كۆرسۈتىدۇ. بولۇپمۇ، بىز ھازىر تىلىمىزدا قوللۇنىۋاتقان «فىزىكا 物理学»نى ياكى «جىسىم 物理»نى كۆرسەتەدى.  يەنى، «تەبىئەتنامە»نى كۆرسۈتىدۇ.

 

3. «تەبىئەتنامە»،  قانداق «ئىلىمنامە»لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «تەبىئىي پەن» دىگەن بىر سۆزىمىز بار. مەن بۇ ئاتالغۇ ئىپادىلىمەكچى بولغان ئۇقۇمنى، «تەبىئەتنامە» دىگەن ئىسىم سۆز بىلەن ئىپادىلىدىم. دىمەك، «تەبىئەتنامە»  دىگەن سۆزنى،  تەبىئەتكە ئائىت ئىلىملەرنىڭ ئومۇمى ئاتالغۇسى قىلدىم. كونكرىتنى ئالغاندا، «تەبىئەتنامە»  ئالەمنامە، زىمىننامە، جانىۋارنامە، فىزىكنامە، خىمىيەنامە دىگەندەك كۆپخىل كونكرىتنى مەنادىكى  ھەقىقەت ئىلىمنامەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىمەك، تەبىئەت دىگەن سۆزنىڭ تار مەناسى، پەقەتلا «تەبىئەتنامە»نى كۆرسۈتىدۇ. جەمىيەتنامە (ئىجتىمائى پەن) نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.  مەن، ئىجتىمائىي جەمىيەتكە ئائىت بارلىق ئىلىملەرنىڭ ئومۇمى ئاتالغۇسىنى  «جەمىيەتنامە» دەپ ئاتىدىم. جەمىيەتنامە قايسى ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىشكە مەن ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇڭا، بۇنىڭغا جەمىيەتشۇناس ئەللامەلەرنىڭ ياكى «فىلولوگىيە»  ئالىملىرى ئاتالغان ئەللامەلەرنىڭ جاۋاپ بەرگەنى جۆن.

( فىلولوگىيە دىگەن سۆزنى بىزنىڭ داڭلىق ئاتالغان پەيلاسوپ، ئەدىب، تىلشۇناسلىرىمىز شۇنداق كۆپ قىلىدىكەن، بۇ نەچە گەپ، مەناسى نىمە؟ مەنمۇ بىلمەيمەن).

 

4. «تەبىئەت» بىلەن «تەبىئىي» دىگەن سۆزنىڭ مۇناسىۋەتى

ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «تەبىئەت» ۋە «تەبىئىي» دىگەن ئىككى سۆز بار. بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنبەسى مىنىڭچە بولغاندا، «تەبىئەت» سۆزىدىن كەلگەن.  ئەمما، بۇ ئىككى سۆزنىڭ پەرقى بار. بىرى ئىسىم سۆز، يەنە بىرى،  سۈپەت سۆز. يەنى، «تەبىئەت» سۆزى، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز؛ «تەبىئىي»  سۆزى، ئۇيغۇرچە سۈپەت سۆز بولىدۇ.  «تەبىئىي» دىگەن سۈپەت سۆز، مۇنداق مەنىلەرگە ئىگە دەپ قارايمەن: سۈنئىي ئەمەس، تەبىئىي؛ سىرتقى ئامىلدىن ئەمەس، ئىچكى ئامىلدىن؛ چالا ئەمەس، پىشقان؛ زورلىغان ئەمەس، تەبىئىي؛ ياسالما ئەمەس، ئەينەن؛ دىگەنگە ئوخشاش. دىمەك، تەبىئەت دىگەن سۆز، تەبىئىي دىگەن سۆزگە، تەبىئىيلىكى دىگەن سۆز، تەبىئەتى دىگەن سۆزگە ھەرگىزمۇ تەڭ ئەمەس. ھەرگىزمۇ بىرى بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

 

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، تەبىئەت، تەبىئىي دىگەن سۆزلىرىمىزگە ئۆز چۈشەنچەمچە ئىزاھات بەردىم. بۇلار ئەلۋەتتە بىر دەسلەپكى ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىكى مەقسەت شۇكى، ئاتالغۇ، تىلىمىزدىكى گۆھەر ھىساپلىنىدۇ. گۆھەر سۆزلىرىمىز كۆپ بولسا، ھەم ئۇلارنى جەۋھەرلەپ ئىزاھلىساق، كۆڭلىمىزدىكى ئۇقۇملارنى ئىخچام، سۈزۈك ھەم ئەينەن بىلدۈرەلەيمىز دىگەندىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، مەن جەمىيەتنامە بىلەن ھەپىلەشمەيمەن. تىلنامەدىن تېخىمۇ خەۋەرىم يوق. پەقەتلا بىر قىزىقىش يۈزىسىدىن، بۇ ھەقتە ھېس قىلغانلىرىمنى بايان قىلدىم.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 06-ئاينىڭ 18-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 268 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4589
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز