20ئىيۇن
خەۋپكە ئۇچرىغان ھايۋانات دىگەن نىمە؟
خەۋپكە ئۇچرىغان ھايۋانات دىگەن نىمە؟
什么是叫做受威胁的动物?
ئا.ر.جىمسارى
بايان ئاۋۋال
يىقىنقى 60 يىل مابەينىدە، ئىلىمىزنىڭ خەلق ئېقتىسادى ئىگىلىگى زور قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەپ، جەمىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگە ئوخشاش بەزىبىر مۇھىتقا پايدىسىز مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقتى. بولۇپمۇ، جانىۋار زاتلىرىنىڭ ھايات كۆچۈرۈشىگە پايدىسىز بولغان بىر قىسم پائالىيەتلىرىمىز، تەبىئەتنىڭ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ھەر خىل خەۋپلەرنى ئېلىپ كەلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «تەبىئەت ۋە تەبىئى بايلىقلارنى قوغداش ئىتتىپاقى» (IUCN) 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى مەخسۇس ھۆججەت ئىمزالاپ، پۈتۇن دۇنياغا خەۋپكە ئۇچراۋاتقان جانىۋارلارنى ئاسراشنى مۇراجەت قىلغان ئىدى. كىشىلەر بۇ ھۆججەتنى «قىزىل تاشلىق كىتاپ» دىگەن نامدا ئاتاشتى. مەن، بۇنى «قىزىل كىتاپ ياكى قىزىل رۇيخەت» دەپ ئاتىدىم. شۇنىڭدىن كىيىن دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە رايونلار ئۆزلىرىنىڭ «قىزىل كىتاپ ياكى قىزىل رۇيخەت»لىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، جانىۋار زاتلىرىنىڭ خەۋپكە ئۇچراش ھادىسىسى ھەم ئولارنى ئاسراش ئىشلىرى دۇنياۋى ئۇقۇمغا ئايلاندى ۋە بەزى دۆلەتلەردە قانۇنلاشتى. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزمۇ ھايۋانات زاتلىرىغا كېلىدىغان خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم خەۋپتە قالغان ھايۋانات زاتىنى ئاسراش توغرىسىدا ، قانۇن-نىزاملارنى بەلگىلىدى، خەۋپكە ئۇچرىغان ھايۋانات زاتلىرىنىڭ قىزىل رۇيخېتىنى دەرىجىگە ئايرىپ ئېلان قىلدى. ھەمدە ئۇلارنى بارلىق جەمىيەتنىڭ ئاسرىشىنى مۇراجەت قىلدى. خەۋپكە ئۇچرىغان ھايۋانات زاتلارى توغرىسىدىكى ئوقۇم-چۈشەنچىلەرنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، نۇرغۇن خاس ئاتالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ مۇرەككەپ بولغان مەزمۇنلارنى ئاددى تىل بىلەن ئىزاھلاپ، مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش توغرىسىدا دەسلەپكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.
1. «خەۋپكە ئۇچرىغان» دىگەن سۆزگە ئائىت چۈشەنچىلەر
ماتىرىياللاردىن ئىسىمدە قېلىشىچە، ب د ت نىڭ «تەبىئەت ۋە تەبىئى بايلىقلارنى قوغداش ئىتتىپاقى»(IUCN) ، قىزىل كىتاۋىدا ياكى قىزىل رۇيخەتتە جانىۋارلارنىڭ «خەۋپكە ئۇچرىغان» ھالىتىنى 7 دەرىجىگە ئايرىغان. ھەمدە ھەر بىر دەرىجىنىڭ كونكرىتنى ئۆلچەملىرىنى بېكىتكەن. ھەر بىر دەرىجە مىقتارىنى خاس ئىسىملار بىلەن ئاتىغان. « خەۋپكە ئۇچرىغان»(受威胁) دىگەن سۆز، جانىۋارى (生物分类学) تۈرلەشنامە بويىچە، زاتقىچە ياكى زاتتىن تۈۋەن دەرىجىگىچە ئېنىق ئايرىلىپ خاتىرلەنگەن جانىۋار زاتلىرىنىڭ دەلخەۋپ، ئالخەۋپ، يانخەۋپ دىگەندەك ھەرخىل خەۋپكە ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئومۇمى نامىنى كۆرسىتىدۇ.
« خەۋپكەئۇچرىغان» دىگەن سۆز، يۇقۇرقىدەك ئەھۋالدا تۇرغان جانىۋارلارغا نىسبەتەن ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلغان سۆز بولۇپ، ئادەتتە، قوللانغاندا، «خەۋپ» نى دەرىجە مىقتارلىرىغا ئايرىپ خاس ئىسىم بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇدەرىجەلەر نامىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىنىڭ قانۇندا قانداق ئاتىغانلىقىنى مەن تېخى ئۇچراتمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، مەنبەلەرگە ئاساسەن ، بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق ئىسىملىرىنى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىسىملار بىلەن ئاتىدىم ھەم ئۆز چۇشەنچەم بۇيىچە ئاددى تەبىر بەردىم:
1) تۈگەليوق ( 绝灭، EX – Extinct)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، مەلۇم بىر ھايۋاناتنىڭ ياۋاسى ھەم كۆندەكىسىنىڭ ( كۆندۈرۈپ بېقىلىۋاتقان) زىمىندا تۈگەل يۇقالغانلىقىنى ياكى ئىككى خىل نەسلى پۈتۈنلەي قۇرىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
2) ياۋاسىيوق (野外绝灭،EW -Extinct in the Wild)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، ھايۋاناتنىڭ دالىدىكى ياۋاسى يۇقالغان، لېكىن ئادەملەر پەرۋىشىدىكى كۆندەك زاتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3) دەلخەۋپتە (极危، CR -Critically Endangered)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، ھايۋانات زاتى يۇقالمىغان، لېكىن دەل يۇقۇلۇش خەۋپىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە قوللانغاندا ، دەلخەۋپتە جانىۋار (极危生物)، دەلخەۋپتە ھايۋانات (极危动物)، دەلخەۋپتە زات (极危种) دەپ ئاتىلىدۇ.
4) ئالخەۋپتە (濒危،EN-Endangered)،ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ،بۇنىڭ مەناسى، ھايۋانات زاتى يۇقالمىغان، دەلخەۋپتىمۇ بولمىغان، لېكىن دەلخەۋپ ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە قوللانغاندا ، ئالخەۋپتە جانىۋار (濒危生物)، ئالخەۋپتە ھايۋانات (濒危动物)، ئالخەۋپتە زات (濒危种) دەپ ئاتىلىدۇ.
5) يانخەۋپتە (易危، VU -Vulnerable)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، ھايۋانات زاتى ئالخەۋپتە بولمىغان، لېكىن، ئالخەۋپكە يېقىن تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە قوللانغاندا ، يانخەۋپتە جانىۋار(易危生物)، يانخەۋپتە ھايۋانات (易危动物)، يانخەۋپتە زات(易危种) دەپ ئاتىلىدۇ. ( خەنزۇچە “易危”سۆزىنى، “浙危”دەپمۇ قوللۇنىدۇ).
6) سەلخەۋپتە (近危، NT -Near Threatened) ، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، ھايۋانات زاتى يانخەۋپتە بولمىغان، لېكىن يانخەۋپكە سەلپەل ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە قوللانغاندا ، سەلخەۋپتە جانىۋار (近危生物)، سەلخەۋپتە ھايۋانات (近危动物)، سەلخەۋپتە زات (近危种) دەپ ئاتىلىدۇ.
7) بىخەۋپتە (无危، LC -Least Concern)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، ھايۋانات زاتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، يۇقۇرىدا دىيىلگەن ئاتالغۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈۋەندىكى ئاتالغۇلارغىمۇ چۈشەنچەم بۇيىچە مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىسىملار بىلەن ئىزاھات بەردىم:
1) «زات» (物种,种)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بۇنىڭ تەبىرى: ئوخشاش ئەجداتتىن ئىرسى (遗传) قالغان، مۇئەييەن شەكىلگە، ئىچرولغا (فىزولوگىيەگە،生理) ۋە مىجەز (行为) ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، ھەمدە مۇئەييەن رايونغا تەبىئى تارقالغان جانىۋارلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ھايۋانات زاتى، بېلىق زاتى، چارپاي زاتى، پەرەندە زاتى دىگەندەك. زات دىگەن سۆز، تاكسونومىيەدىكى ئەڭ ئاساسى شىكال (بىرلىك دەپمۇ ئاتالغان)نىڭ نامى بولۇپ، رۇقتىن كىچىك، شاخزاتتىن چوڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، تۈر دەپ نامۇۋاپىق ئاتالغان.
2) «جانىۋار» (生物)، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، تەبىئەتتىكى جانلىق ماددىلاردىن تۈزۈلگەن، تۇغۇلۇش ياكى ئۈسۈش، يىتىلىش ۋە كۆپىيش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان جىسىم (شەيئى) دىگەننى بىلدۈرىدۇ. جانىۋار ئۆزىنىڭ ئۆزلەپچىقىرىش(新陈代谢) ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ماددا ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارىدۇ. ئادەملەر، ھايۋانلار، چارپايلار، بېلىقلار، پەرەندەلەر، چەرەندەلەر، گىياھلار، چىياھلار (真菌) ۋە مىكروبلار (微生物) نىڭ ھەممىسى جانىۋارجۇملەسىگە كىرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھايۋانلار، چارپايلار، بېلىقلار، پەرەندەلەر، چەرەندەلەر، ۋە مىكروبلارنىڭ ھەممەسى ھايۋانات دەپ ئاتىلىدۇ. جانىۋار دىگەن سۆزنى بىلدۈرۈشتە، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «جانلىق، جانلىقلار، جانلىق ئورگانىزىملار، ئورگانىزىملار» دىگەندەك سۆزلەرنى قوللاندۇق. بۇ سۆزلەر، بىزنىڭ جانىۋار دىگەن سۆزىمىزدەك ئۇقۇمنى روشەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا، مىنىڭچە، جانىۋار دىگەن سۆزىمىز بولغاندىكىن، يەنە ئارتۇقچە ئۆزگە تىللاردىكى سۆزلەرنى قوللۇنۇشنىڭ ئەھمىيەتى يوق.
3) «كەمۋارزات» (稀有种): ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، تارقىلىش دائىرسى تار، ماكانى (ياشاش مۇھىتى) ئالاھىدە بولغان ياكى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان، ئەتىۋارلىنىدىغان زات دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جانىۋارلارغا نىسبەتەن كەمۋارجانىۋار (稀有生物)، ھايۋاناتقا نىسبەتەن كەمۋارھايۋانات (稀有动物) دەپ ئاتىلىدۇ.
4) «خاسۋارزات» (特有种): ئۇيغۇرچە ئىسىم بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، تارقىلىش دائىرسى پەقەتلا مەلۇم بىر رايون ياكى دۆلەتتىلا بولىدىغان خاس ھەم ئەتىۋار بولغان جانىۋار زاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. جانىۋارلارغا نىسبەتەن خاسۋارجانىۋار (特有生物)، ھايۋاناتقا نىسبەتەن خاسۋارھايۋانات (特有动物) دەپ ئاتىلىدۇ.
5) «ئاسرالزات» (保护种): ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەناسى، زاتى ئاسرىلىدىغان ياكى پەرۋىش قىلىنىدىغان جانىۋار زاتى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جانىۋارلارغا نىسبەتەن ئاسرال جانىۋار (保护生物)، ھايۋاناتقا نىسبەتەن ئاسرال ھايۋانات (保护动物) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
6) «Ⅰ-ئاسرالزات» (级保护种Ⅰ): بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرىلىدىغان، ئېقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقاتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ياۋاسىيوق، دەلخەۋپتە ياكى ئالخەۋپتە زاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
7) «Ⅱ-ئاسرالزات» (Ⅱ级保护种): ئىككىنچى دەرىجىدە ئاسرىلىدىغان، ئېقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقاتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان دەلخەۋپتە، ئالخەۋپتە ياكى يانخەۋپتە زاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
8) «Ⅲ-ئاسرالزات» (级保护种Ⅲ): ئۈچىنچى دەرىجىدە ئاسرىلىدىغان ئېقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقاتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئالخەۋپتە، يانخەۋپتە زاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
9) «قالدۇق زات» (孑遗种): ئۇيغۇرچە ئىسىم. ئەسلىدىكى ئىرسى ئالاھىدىلىگى بىلەن مەلۈم بىر مۇھىتتا ساقلىنىپ قالغان زاتلارنى كۆرسىتىدۇ. جانىۋارلارغا نىسبەتەن قالدۇق جانىۋار(孑遗生物)، ھايۋاناتقا نىسبەتەن قالدۇق ھايۋانات (孑遗动物) دەپ ئاتىلىدۇ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 06-ئاينىڭ 20-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 198 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4605
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
بىر پارچە باھا يېزىلدى
كۆرسىتىش يوشۇرۇش 1 trackbacks