باش بەت > تىل, ھايۋاناتنامە > « شىر» زاتىنىڭ شاخزاتلىرى
22ئىيۇن

« شىر» زاتىنىڭ شاخزاتلىرى

«بارىس شىر» زاتىنىڭ شاخزاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

 

جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

 

ئۇيغۇرچە «ئاكادېمىيە» ناملىق تورىستاننىڭ 2013-يىل، 5-باھار سانىدا، «ئارىسلانئىلە زاتلىرى» (猫科物种 Felidae) ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، ئارىسلانئىلەدە ئىككى شاخئىلە بولىدىغانلىقى، بۇ ئىككى شاخئىلەدە 15 رۇق بارلىقى كۆرسۈتۈلگەن. ئەنە شۇ 15 رۇقنىڭ بىرى بولغان «بارىس رۇق (豹属, Panthera)» تا، «بارىس شىر (狮子,Panthera leo)»، «بارىس ياگار (美洲豹, Panthera  onca)»، «بارىس ئىلپىز (豹, Panthera pardus) » ۋە بارىس يولۋاس (虎,Panthera tigris  » دىن ئىبارەت 4 زاتىنىڭ بولىدىغانلىقى كۆرسۈتىلگەن. بىز ئادەتتە «شىر» دەپلا ئاتايدىغان «بارىس شىر ياكى بارىس شىرى»، ئەنە شۇ بارىس رۇقتىكى 4 بارىس زاتىنىڭ بىرى بولۇدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھازىر شىر زاتىنىڭ 8 شاخزاتى بار ئىكەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، «بارىس شىر» زاتىنىڭ 8 شاخزات ناملىرى كۆرسۈتۈلدى.

 

 

1. «بارىس شىر» زاتىنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

مەنبەلەرگە قارىغاندا، «بارىس شىر»، «ھايۋان قەبىلە»دىكى «يىرتقۇچ جەمەت»نىڭ «ئارىسلان ئائىلە»دىكى «بارىس شاخئىلە»گە تەۋە «بارىس رۇق»نىڭ بىر زاتى بولىدۇ. 1-جەدۋەلگە قاراڭ:

 

1-جەدۋەل: «بارىس شىر» زاتىنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

نەسەپ دەرىجە نامى

ئۇيغۇرچە نامى

(جىمسارى قائىدىسىدە)

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى

مىقياس نامى 界名

ھايۋانات مىقياس

Animalia

动物界

ھايۋانلار دۇنياسى، ھايۋانات دۇنياسى

قەبىلە نامى 名门

تارچابىلە

Chordata

脊索动物门

خوردالىق ھايۋانلار تىپى

تەبىقە نامى 纲名

ھايۋانبىقە

Mammalia

哺乳纲

سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

جەمەت نامى 目名

يىرتقۇچمەت

Carnivora

食肉

گۆشخورلار ئۆترەتى

ئائىلە نامى 科名

ئارىسلانئىلە

Felidae

猫科

مۈشۈك ئائىلىسى

شاخئىلە نامى亚科

ئارىسلان شاخئىلە

Felinae subfamily

猫亚科

مۈشۈك كەنجە ئائىلىسى

 

بارىس شاخئىلە

subfamily Pantherinae

豹亚科

يىلپىز كەنجى ئائىلىسى

رۇق نامى 属名

بارىس رۇق

Panthera

豹属

يىلپىز ئۇرۇقدىشى

زات نامى 种名

بارىس شىر

P. leo

شىر، ئارىسلان

 

 

2. «بارىس شىر» زاتىنىڭ شاخزاتلىرى

«بارىس شىر»، «بارىس رۇق»نىڭ بىر زاتىنىڭ نامى بولىدۇ. «بەيدۇ»، «ۋىكىپېدىيا» قاتارلىق مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمچە، ئالىملارنىڭ كۆپۈنچەسى، «بارىس شىر» زاتىنىڭ دۇنيا بويىچە 8 خىل شاخزاتى بار دەپ قارايدىكەن. يەنى، «بارىس شىر فارىسى»، « بارىس شىر سېنگالى »، « بارىس شىر بەيىنبەرى » دىگەندەك 8 خىل شاخزاتلىرى بولىدىكەن. ئا.ر. جىمسارىنىڭ «ھايۋانات ناملارىنى ئاتاش ۋە يازىش قائىدەسى» بويىچە، شاخزاتلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامى، 3 سۆز بىلەن ئىپادىلەندى. مەسىلەن: «بارىس شىر فارىسى» دىگەن شاخزات نامىنىڭ «بارىس» دىگىنى، رۇق نامىنى كۆرسۈتىدۇ. «شىر» دىگىنى، زات نامىنى كۆرسۈتىدۇ. «فارىسى» دىگىنى، زاتنىڭ پەقەتلا فارىس (غەربىي ئاسىيا دىگەن ئۇقۇمدىكى جۇغراپىيەلىك) رايوندا ياشايدىغان شاخزاتىنىڭ نامى بولىدۇ. « بارىس شىر سېنگالى » دىگەن شاخزات نامىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. ئەندى بۇ يەردە پەقەتلا شىردىن ئىبارەت بىر زاتنىڭ شاخزاتلىرى بولغاندىكىن، شاخزات ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتكەن شەرت ئاستىدا، «شىر فارىسى»، «شىر بەربەرى»، «شىر سېنگالى»، «شىر نۇبىي»، «شىر مىلانكى»، شىر ئازاندى»، شىر قۇگەرى»، «شىر بەيىنبەرى» دىگەندەك ئىككى سۆز بىلەن ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. 2-جەدۋەلگە قاراڭ.

 

2-جەدۋەل: «بارىس شىر» زاتىنىڭ شاخزاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

نەسەپ دەرىجە نامى

ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك نامى

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى

رۇق نامى

بارىس رۇق

Panthera

豹属

يىلپىز ئۇرۇقدىشى

زات زات

بارىس شىر

P. leo

شىر، ئارىسلان

شاخزات نامى

بارىس شىر فارىسى

(شىر فارىسى)

P. l. persica

亚洲狮 

 

 

بارىس شىر بەربەرى

(شىر بەربەرى)

P. l. leo

巴巴里狮

 

 

بارىس شىر سېنگالى

(شىر سېنگالى)

P. l. senegalensis

西非狮 

 

 

بارىس شىر نۇبىي

(شىر نۇبىي)

P. l. nubica

东非狮

 

 

بارىس شىر مىلانكى

(شىر مىلانكى)

P. l. melanochaita

开普狮

 

 

بارىس شىر ئازاندى

(شىر ئازاندى)

P. l. azandica

东北刚果狮

 

 

بارىس شىر قۇگەرى

(شىر قۇگەرى)

P. l. krugeri

德兰狮 

 

 

بارىس شىر بەيىنبەرى

(شىر بەيىنبەرى)

P. l. bleyenberghi

西南非洲狮

 

 

 

بايان ئاخىر

ھايۋانات ناملىرىنى ئۇيغۇرچىدا قانداق ئاتىساق ئېنىق، توغرا ھەم ئاسان ئىپادىلىكىلى بولىدۇ؟ دىگەن مەسىلىدە ئىزدەنگەن ئەسەر، بىزدە يوقنىڭ ئورنىدا. بۇ توغرىدا پېقىر دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. مۇشۇ پىكىرىم بويىچە، بىر قىسىم ھايۋانات ناملىرىنى «قائىدە»گە چۈشۈرۈپ، ئاتاپ ۋە يازىپ «ئاكادېمىيە» ناملىق تورىستاندا نەشىر قىلىپ باقتىم. بۇ قىتىممۇ، بارىس رۇقتىكى شىر زاتىنىڭ 8 شاخزات نامىنى ئەنە شۇ «قائىدە» بويىچە ئاتاپ چىقتىم. بۇرادەرلەر مۇھاكىمە قىلىپ باقار دىگەن ئۈمۈددىمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 06-ئاينىڭ 22-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 175 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4609
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز