2015-يىلى 1-ئاي نىڭ ئارخىپلىرى
2015يانۋار31

ئاسبالمەت گىياھلارى

ئاسبالمەت (Austrobaileyales木兰藤目)، گۈلگىياھلار (قاپلىقدان گىياھلار) قەبىلىسىدىكى ئەڭ ئىپتىدائى جەمەتلەرنىڭ بىرى. 2003-يىلىدىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن بىر جەمەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مەنبەلەردە يوق. « APGسىستېماسى »دا، ئاسبالمەتنىڭ 3 ئائىلەسى بار. ئاسبالمەت گىياھلىرى، فۇجىموت (藤本)، چاتقال شەكلىدە، بەزىلەرى دەرەخ بولۇدۇ.

2015يانۋار30

نىمفەمەت گىياھلارى

نىمفەمەت گىياھلارى 睡莲目植物 جىمسارى   «APG سىستېماسى»دا، قاپلىقدان گىياھلاردىكى نىمفەمەتتە (نىمفە جەمەتىدە)، 3 ئائىلە بار. بۇ ئائىلىلەردە 11 گىياھرۇق، 90 ئەتراپىدا گىياھزاتى بارلىقى مەلۇم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى. «APG سىستېماسى»دا، نىمفەمەتكە (睡莲目 Nymphaeales)، ئۈچ …

2015يانۋار29

« APGسىستېماسى»

شۇنداق قىلىپ، ئېنگىل سىستېماسى، تاقتاجان سىستېماسى، كرونكۈست سىستېماسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى سىستېمىلاردىن كىيىن يەنە بىر سىستېما مەيدانغا كەلدى. 21-ئەسىرنىڭ بىرىنچى 1-ئون يىلى ئىچىدە نەشىر قىلىنغان بۇ سىتېمانىڭ نامى « APGسىستېماسى» دەپ ئاتالدى.

2015يانۋار28

نىمفەمەت

نىمفەمەت (Nymphaeales) 睡莲目)، ئەملامەتتىن [1] كىيىن شاخلىنىپ چىققان قاپلىقدان گىياھلارنىڭ بىر تارماقى بولۇپ، «APG» يىڭىدىن ئېتىراپ قىلغان گىياھى جەمەت نامى بولۇدۇ. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، نىمفەمەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.

2015يانۋار27

«ئەمبولامەت»

گىياھلاردىكى «ئەمبولامەت» (ئەمبولا گىيا جەمەتى) توغرىسىدا، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى، بۇ بىر يىڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىسىم سۆز. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئەمبولامەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.

2015يانۋار26

گىياھلارنىڭ بەرگرەت شەكلى

گىياھلارنىڭ بەرگى يەنە يۇپۇرماق دەپمۇ ئاتالغان. گىياھ بەرگلەرىنىڭ گىياھ غولىدىكى جايلاشىش تەرتىۋىنى، ئادەتتە بىز بەرگرەت، بەرگى رەتى (رېتى) ياكى، يۇپۇرماق رەتى(رېتى) دەپ ئاتايمىز. ئادەتتە بىزگە تۆۋەندىكى 4 خىل بەرگرەت كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، بۇلارنىڭ رەسىمى، ناملارىنى كۆرسەتتىم.

2015يانۋار25

بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى كىم بەلگۈلەيدۇ؟

بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ۋاپاتىغىچە بولغان ئارالىقتا كۆرۈلىدىغان ھەر خىل ياخشى-يامان ئىشلارنى بىز ئادەتتە «تەقدىر» سۆزىگە يىغىنچاقلاپ پىكىر قىلىمىز. ئۇنداقتا تەقدىر دىگەن سۆزنىڭ مەناسى نىمە؟ بىزنىڭ ئىزاھلىق تىل لۇغەتىمىزگە قاراغاندا، بۇ سۆزنىڭ مۇنداق 3 مەناسى بار ئىكەن.

2015يانۋار25

مەشھور بوتانىك تاقتاجان

مەن، مەرھۇم بوتانىك تاقتاجان سىستېماسى بىلەن بەكمۇ كىچىكىپ تۇنۇشتۇم. شۇنداق بولسامۇ، سۆۋىت ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا بوتانىكلارىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن ئەرمەن بوتانىك، تاقتاجان ۋە ئۇنىڭ سىستېماسى ھەققىدە قىسقىچە بولسامۇ مەلۇمات بېرىشنىڭ ئەھمىيەتى بار دەپ قارادىم. شۇ ۋەجىدىن، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، مەرھۇم بوتانىكا ئالىمى تاقتاجان ۋە ئۇنىڭ سىستېماسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردىم. ھەمدە، مەزگۇر ئەسەرنى، مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ 6 يىللىقىغا بېغىشلادىم.

2015يانۋار20

كرونكۇست سىستېماسى

بوتانىكا تەتقىقاتىدا يىڭى بايقاشلار ئۆزلۈكسىز ھالدا يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتىپ تۇردى. بۇ نەتىجىلەر، شۇ چاغدا دۇنيا بويىچە دەۋىر سۈرىۋاتقان ئېنگىل سىستېمىسىغا[1] خىرىس پەيدا قىلغان. نېتىجىدە، تاكسوننىڭ يەنە بىر يېڭى سىستېماسى بولغان، «كرونكۇست سىستېماسى» مەيدانغا كەلگەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، كرونكۇست ۋە ئۇنىڭ تاكسون سىستېماسى قىسقىچە بايان قىلىندى.

2015يانۋار17

« ئېنگىل سىستېماسىدىن قىسقىچە بايان»

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا تەييارلىقتىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى تومى نەشىر قىلىنغىچە 25 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىنغان «شىنجاڭ فلوراسى» (新疆植物志) ، ئېنگىل سىستېماسى بويىچە تاكسون قىلىنغان[1]. ئۇنداقتا، ئېنگىل سىستېماسى دىگەن نىمە؟ مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، ئەنە شۇ مەزمۇندا قىسقىچە توختالدىم.