باش بەت > ئۇنىۋېرسال > بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى كىم بەلگۈلەيدۇ؟
25يانۋار

بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى كىم بەلگۈلەيدۇ؟

بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى كىم بەلگۈلەيدۇ؟

جىمسارى

بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ۋاپاتىغىچە بولغان ئارالىقتا كۆرۈلىدىغان ھەر خىل ياخشى-يامان ئىشلارنى بىز ئادەتتە «تەقدىر» سۆزىگە يىغىنچاقلاپ پىكىر قىلىمىز. ئۇنداقتا تەقدىر دىگەن سۆزنىڭ مەناسى نىمە؟ بىزنىڭ ئىزاھلىق تىل لۇغەتىمىزگە قاراغاندا، بۇ سۆزنىڭ مۇنداق 3 مەناسى بار ئىكەن. بۇنىڭ بىرى، بىر كىشى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ياكى تۇغۇلغاندا، پىشانىسىگە ئالدىن پۈتۈلگەن، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ياخشى-يامان ئىشلارنى كۆرسەتەدى. ئىككىنچىسى، بىر كىشىنىڭ كىلەچىكىدە كۆرۈدىغان ياخشى-يامان ئىشلارنى كۆرسەتەدى. ئۈچىنچىسى، ئېرىشىدىغان مۇكاپات جازانى كۆرسەتەدى. دىمەك، بۇلارغا قاراغاندا، تەقدىر دىگەنىمىز، بىر ئابىستراكىت ياكى خىيالى ئۇقۇم بولۇپ، بىر كىشىنىڭ ئۆمرىدە يولۇقىدىغان بارلىق كۆرگلۈكلەرنى كۆرسەتەدى.

ئۇنداقتا بۇ كۆرگۈلۈكلەرنى كىم كۆرسەتەدى؟ بۇ سۇئالغا ئىككى خىل جاۋاپ بېرىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىرى، خۇدايىم كۆرسەتەدى. ئىككىنچىسى، ئۆزىمىز كۆرسەتەمىز. مىنىڭچە بولغاندا، پەقەتلا ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز كۆرسەتەمىز. چۈنكى، مىنىڭ چۈشەنچەمدە، ئاللا ئادەمنى ياراتقاندا، ھەممە جانىۋاردىن شەكىلدە تاكامۇل، ئەقىلدە تەڭداشسىز قىلىپ ياراتقان ئىكەن.

ئۇنداق بولسا، ئادەملەر نىمىشكە ئىگىز-پەس، سەت-چىرايلىق، چىچەن-دۆت، باي-نامرات، ساغلام-كىسەل، مەدھىيەلىك-نەپرەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر-قىسقا ئۆمۈرلۈك، تەقدىرى ئوڭ-تەتۈر بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق 3 ئامىلدىن دەپ قارايمەن. بىرىنچىسى، شۇكىشىنىڭ تۇغۇلغان مەنبەسىدىن. ئىككىنچىسى، شۇ كىشىنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئادەتىدىن. ئۈچىنچىسى، شۇ كىشىنىڭ ئادەتتىكى پىخسىكاسىدىن بولغان.

مىنىڭچە، بىر كىشى 5-7 ياشقىچە بولغان ئارالىقتا ئۇچرىغان تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولالمايدۇ. ئۇنىڭغا ئاتا-ئاناسى ئىگە بولۇدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنكى تەقدىرىگە شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ئىگە بولۇدۇ. ئاتا-ئانادىن قالغان ئىرسى ئامىل يەنى بىرىنچى ئامىلنىڭ بەزىلەرى ئىرسى قالىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار، يۇشۇرۇن ياكى بىخ ھالەتتە بولىدۇ. شارائىت ياراتىلسا، ئۇلار جانلانىدۇ. شارائىت يىتىلمەسە، ئۇلار جانلىنالمايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بەزىلەرىنى شارائىت ياراتىپ ياخشى تەرەپكە بۇراپ ئۆزگەرتكىلى بولۇدۇ. ئۇنداق بولسا بۇنى قانداق ياكى نىمەگە تايىنىپ ئۆزگەرتكىلى بولدۇ؟

مىنىڭچە، يىمەك-ئىچمەك، مېڭىش-تۇرۇش، كىيىم-كىچەك، ئەمگەك-پائالىيەت، ئۆگۈنۈش قاتارلىق ياخشى تۇرمۇش ئادەتى بىلەن ساغلام پىخسىكا يېتىلدۇرۇش ئارقالىق يامان ئاقىۋەت ئالىپ كىلىدىغان بەزى يۇشۇرۇن ئىرسى ئامىلنى چەكلىگىلى ھەم ئۇنى ياخشى تەرەپكە بۇرىغىلى بولۇدۇ. 

ياخشى تۇرمۇش ئادەتى بىلەن ساغلام پىخسىكا ئامىلىغا قانداق ئېرىشىمىز؟ بۇنىڭغا ئەمەلىيەت بىلەن مەرىپەت ئۆگۈنىش ئارقالىق ئېرىشكەلى بولۇدۇ. مىنىڭ ئاڭلاشىمچە، خۇدايىم ئادەمگە، «ياراتىش مەندىن، يارالىش ئۆزەڭدىن» دەپ بىر ھېكمەت ئېيتقان ئىكەن. بۇنىڭ مەناسىنى، تۇغۇلۇش-تۇغۇلماسلىقىڭ مىنىڭدىن، تۇغۇلغاندىن كىيىنكى تەقدىرىڭ ئۆزەڭدىن دىگىنى دەپ چۈشەندىم. بۇ يەردە، كىشىنىڭ تەقدىرىنى مەن ئالدىن بەلگۈلەپ قويدۇم دىگەن مەنا چىقمايدۇ.

مىنىڭچە، تەقدىرنىڭ ئىككى يۈزى بولۇدۇ. يەنى ئوڭ يۈزى (ياخشى يۈزى)، سول يۈزى (يامان يۈزى) بولۇدۇ. بىر كىشى، ئۆز تەقدىرىنى قىياس قىلغىلى بولۇدۇ، ئەمما، ئۇنى كۆرگەلى ياكى تۇتقالى بولمايدۇ. قاچان، قەيەردە، نىمە سەۋەپ بىلەن، قانداق تەقدىرنى كۆرىدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. كىشى، يارالىشتىكى 3 ئامىلنىڭ سەۋەبىنى ھەم مەقسەتسىز قىلىدۇ. ياكى تەقدىرگە ھەرگىزمۇ ئالدىن پلان تۈزۈلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇت، ھەر قەدەمدىكى تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەلگۈلەيدۇ. دىمەك مەن، يارالىش دىگەن سۆزنى، مۇشۇ 3 ئامىلنىڭ سەۋەبىنى قىل دىگەنى دەپ قارايمەن. شۇڭا، بىر كىشى، بىرەر ياخشى ياكى يامان كۆرگۈلۈكنى كۆرگەندە ياكى ئوڭ-سول تەقدىرگە ئۇچرىغاندا، بۇنى، خۇدادىن، ئاتا-ئاناسىدىن، تۇققانلارىدىن، بۇرادەرلەرىدىن، مىللەتتىن، ھۆكۈمەتتىن، سىياسەت تۈزۈمدىن قىسقىسى ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيەتتىن، ئۆزگىلەردىن كۆرسە ئەلۋەتتە توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، خۇدايىم، تۇغۇلۇش-تۇغۇلماسلىقىڭنى پەقەتلا مەن بەلگىلەيمەن، تۇغۇلغاندىن كىيىنكى تەقدىرىڭنى پەقەتلا ئۆزەڭ بەلگۈلەيسەن دىگەن ئەمەسمۇ؟

يارالىشنىڭ 3 ئامىلى تەركىۋىدە، مادداسىز ھەم شەكىلسىز بولغان روھ دەپ ئاتالغان بىر شەيئى  بار. بۇ روھ دىگەن شەيئىنىڭ ئىككى تەرەپى بار. ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپى ، ئەقىل دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ سول تەرەپى، ھېسيات ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان. يارالىشتىكى 3 ئامىل ئەنە شۇ روھنىڭ ھىمايەسىدە ۋۇجۇدقا كىلىدۇ. بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز، ھەرىكىتىمىز، زۇۋانىمىز ئەنە شۇ روھنىڭ كونتروللىقىدا بولۇدۇ. شۇڭا، بىز تەپەككۇرىمىزنىڭ، ھەرىكەتىمىزنىڭ، زۇۋانىمىزنىڭ چۇلۋۇرىنى ئامال بار، روھنىڭ ئوڭ تەرەپى بولغان ئەقىلغا تۇتقازىشىمىز، ئامال بار روھنىڭ سول تەرەپىدىكى ھېسيات ياكى شەيتانغا تۇتقازماسلىقىمىز كېرەك. بىر كىشى ھەم سۆزلىگۈچى ھەم ئاڭلىغۇچى. ھەم ياشىغۇچى ھەم ئۆلگۈچى. ھەم پەيدا قىلغۇچى ھەم يوق قىلغۇچى. دىمەك، ھەر بىر كىشى، تەقدىرىنى ئۆز قۇلىدا تۇتقۇچى، ياخشى-يامانىنى ياراتقۇچى. تەدبىرىگە يارىشا تەقدىرگە ئېرىشكۈچىدۇر.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 122 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5622
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز