باش بەت > ئەللامەلەر, گىياھنامە > مەشھور بوتانىك تاقتاجان
25يانۋار

مەشھور بوتانىك تاقتاجان

مەشھور بوتانىك تاقتاجان

 

جىمسارى

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى مەن ئالى مەكتەپتە بوتانىكا دەرسى ئوقۇغان چاغلارىمدا، «تاقتاجان» دىگەن ئىسىملىق بىر بوتانىكنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ھەتتا 1999-يىلىغىچەمۇ بۇنىڭدىن خەۋەرىم بولماغان. بۇ چاققىچە بولغان ئارالىقتا خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىمۇ، تاقتاجانغا ئائىت يازىلغان مەلۇماتلار يوق ئىدى ياكى مەن كۆرمەگەن بولۇشۇم مۇمكىن. 1999-يىلى، ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بوتانىكا ئىنىستىتۇت باشلىقى، مەرھۇم دوكتۇر ئازاتبېك ئاشۇرمېتوۋ ئەپەندىدىن، تۈنجى قېتىم تاقتاجان توغرىسىدا بەزى ئۇچۇرلارنى ئاڭلادىم.  2008-يىلى، ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى خېمىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان بوتانىكى، 78 ياشلىق كەرىم ئاكام بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە، تاقتاجان سىستېماسى توغرىسىدا بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. يېقىنقى يىللاردا خەنزۇچە ۋېبسىتلاردىن تاقتاجان ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. ئۇيغۇرچە ۋېبسىتلاردىن تېخى ئۇچراتمادىم. دىمەك، مەن، مەرھۇم بوتانىك تاقتاجان سىستېماسى بىلەن بەكمۇ كىچىكىپ تۇنۇشقان بولدۇم. شۇنداق بولسامۇ، سۆۋىت ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا بوتانىكلارىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن ئەرمەن بوتانىك، تاقتاجان ۋە ئۇنىڭ سىستېماسى ھەققىدە قىسقىچە بولسامۇ مەلۇمات بېرىشنىڭ ئەھمىيەتى بار دەپ قارادىم. شۇ ۋەجىدىن، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، مەرھۇم بوتانىكا ئالىمى تاقتاجان ۋە ئۇنىڭ سىستېماسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردىم. ھەمدە، مەزگۇر ئەسەرنى، مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ 6 يىللىقىغا بېغىشلادىم.

 Тахтаджян,_Армен_Леонович

  1. 1. تاقتاجاننىڭ قىسقىچە ئۆمۈر بايانى

تاقتاجان، سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىدىكى ئەرمەن مىللەتىدىن بولغان مەشھۇر بوتانىك، گىياھى تاكسون ۋە بىئوگېئوگراپىيەدە مەشھۇر ئالىم. روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئەمېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چەتئەل ئاكادېمىكى، ئەرمەن سۆۋىت سوتسىالىستىك رىسپوبلىكاسى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، سۆۋىت ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك بوتانىكا ئىلمىي جەمىيەتىنىڭ رەئىسى، خەلقئارالىق گىياھى تاكسون جەميەتىنىڭ رەئىسى، فىنلاندىيە پەن ۋە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيە تەبىئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەمگەك نەمۇنەسى قاتارلىق شانلىق تاج-تون كىيگەن ئالىم. تاقتاجاننىڭ تولۇق ئىسمى، ئەرمەن لېنوۋىچ تاقتاجان. رۇسچە يازىلىشى «Армен Леонович Тахтаджян». تاقتاجان ئەرمەن مىللەتىدىن بولۇپ، 1910-يىلى 10-سەپەردە، ھازىرقى ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھرىدە تۇغۇلغان ئىكەن. ئۇ، 1932-يىلى، تىبىلىستىكى سۆۋىت ئىتتىپاقى دۆلەتلىك ئىسسىق بەلۋاق زىرائەتلەرى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ،  1944-يىلىدىن 1948-يىلىغىچە ئەرمەن سۆۋىت سوتسىالىستىك رىسپوبلىكاسى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بوتانىكا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى باشلىقى بولغان، 1949-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە، لېنىنىگراد ئۈنىۋېرسىتېتىدا پروففىسور بولغان، 1962-يىلدىن باشلاپ، لېنىنگرادتىكى كامالوۋ ناملىق بوتانىكا ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن ھەم 1976-يىلدىن 1986-يىلى پېنسىيەگە چىققۇچە، مەزگۇر ئىنىستىتۇتنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، تاقتاجان، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى چاغدىكى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، ئىلىمنى سىياسىلاشتۇرۇپ قالايماقان قىلغان «ساختا ئالىم»، لىسىنكونىڭ ئىدىيەسىگە باشتىن ئاخىر قارىشى تۇرغان ئىكەن.  2009-يىلى 13-ئوغلاق كۈنىدە، بۇ ئالىم، 100 ياشىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ،  پېتىربۇرگدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ يەرلىكى، پېتىربۇرگدىكى سىمولىنىسكى قەبىرىستانىنىڭ ئەرمەن رايونىغا قويۇلغان ئىكەن [1،2].

  1. 2. تاقتاجان خىزمەتلەرى ۋە تاكسون سىستېماسى

مىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىمچە، تاقتاجان، 70 نەچچە يىل بوتانىكا تەتقىقاتى بىلەن ھەپىلەشكەن ئالىم. ئۇ، ئىككى چوڭ ئىشنى قىلغان. بۇنىڭ بىرى، تاكسونومىيەگە تەسىر كۆرسەتكەن يوقۇرى سەۋىيەدىكى ئەسەرلەرنى يازغان. ئىككىنچىسى، تاقتاجان سىستېماسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. مەنبەلەرگە قاراغاندا، تاقتاجان، 1954-يىلى، «قاپلىقدان گىيالارنىڭ مەنبەسى»، «ئەرمەنىيە فلوراسى (6توم)» ناملىق ئەسەرلەرنى يازغانلىقى مەلۇم. 1974-يىلى، «سۆۋىت ئىتتىپاقىدىكى گۈلگىيالار تاشقاتى» ناملىق ئەسەرنى يازغان. 1986-يىلى، كروۋېللو ۋە كرونكۈست بىلەن بىرلىشىپ «دۇنيادىكى رايونلار فلوراسى » ناملىق ئەسەرنى يازغان. 1991-يىلى، «گۈلگىيالارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگەرىشى» ناملىق ئەسەرنى يازغان. 1997-يىلى، «گۈلگىياھلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە تۈرلەنىشى (تاكسونى)» ناملىق ئەسەرنى يازغان. بۇ ئەسەرلەر، گىياھى تاكسونومىيەنىڭ راۋاجلانىشىغا مۇئەييەن ھەسسە قوشقان.

مەنبەلەرگە قاراغاندا، تاقتاجان، 1954-يىلى نەشىر قىلغان « قاپلىقدان گىيالارنىڭ مەنبەسى» ناملىق ئەسەرىدە، ئۆزىنىڭ تاكسون سىستېماسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. بۇ سىستېمانىڭ نامىنى كىشىلەر، «تاقتاجان سىستېماسى» دەپ ئاتاشقان. تاقتاجان سىستېماسىدا، ئېنگىل سىستېماسىدىكى، قوشپەل گىياھلار تەبىقەسىنى، «ئىپتىدا گۈلقاپ شاختەبىقەسى» بىلەن «ئىنتىدا گۈلقاپ شاختەبىقەسى» گە ئايرىشتەك ئەنئەنەۋى تاكسونلاش ئۇسولىنى بۇزغان ياكى بايقۇت قىلغان. تاقتاجان سىستېماسىدا، «باشجەمەت (超目)» دىگەندەك بىر دەرىجەنى كۆپەيتكەن. تاقتاجان سىستېماسىنىڭ 1981- يىلىدىكى ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن نەشىرىدە، قاپلىقدان گىيالار، «مەگنولگىياھلار قەبىلەسى ياكى قاپلىقدان گىياھلار قەبىلەسى» دىگەن بىر قەبىلەگە ئايرىلغان. بۇ قەبىلە، قوشپەل گىياھلار تەبىقەسى ۋە تاقپەل گىياھلار تەبىقەسى دىگەن ئىككى تەبىقەگە ئايرىلغان. بۇ تەبىقەلەر يەنە شاختەبىقەلەرگە، بۇلار يەنە، باشجەمەت، جەمەت ۋە ئائىلەلەرگە ئايرىلغان. شۇنداق قىلىپ، تاقتاجان سىستېماسى، قاپلىقدان گىياھلارنى، 28 باشجەمەتكە، 92 جەمەتكە، 416 ئائىلەگە ئايرىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى، قوشپەل گىياھلار تەبىقەسىدە، 20 باشجەمەت، 71 جەمەت،333 ئائىلە بار. تاقپەل گىياھلار تەبىقەسىدە، 8 باشجەمەت، 21 جەمەت، 77 ئائىلە بار ئىكەن [1،2]. ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، تاقتاجان، ئېنگىل سىستېماسىدا ماگنولئىلەگە (ئېيىق تاپان ئائىلىسى دەپمۇ ئاتالغان) تەۋە قىلىنغان «چوغلۇقرۇق»نى، «چوغلۇقئىلە» دەرىجەسىگە ئايرىغان ئىكەن.

تاقتاجان، 20-ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى، ئەمېرىكالىق بوتانىك كرونكۈست بىلەن تۇنۇشقان ھەم ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئىكەن. تاقتاجاننىڭ كرونكۈستقا بەرگەن رۇسچە يازىلغان مەلۇماتلارى، كرونكۈستنىڭ روسچە ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقىنى قوزغاتقان ھەم شۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا زور تۈرتكە بولغان. تاقتاجان سىستېماسى، ۋە باشقا رۇس بوتانىكلارى، كرونكۈستنى مول بولغان مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ، كرونكۈست سىستېماسىنىڭ روياپقا چىقىشىدا كەم بولسا بولمايدۇغان ئىلمىي رول ئويناغان.

ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، تاقتاجان سىستېماسى، سۆۋىت ئىتتىپاقى بوتانىكلارىدا كەڭ قوللانىلغان. مەن، قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بوتانىكلارنىڭ ھازىرمۇ تاقتاجان سىستېماسىنى قوللۇنىدىغانلىقىنى بايقادىم. تاقتاجان سىستېماسى توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ بەرگەن باھالارىدا، ئېنگىل سىستېماسىغا قاراغاندا ئىلغار دىگەن قاراشلار بىلەن بىرگە، يەنە بەكلا مۇرەككەپ دىگەن قاراشلارمۇ مەۋجۇد ئىكەن. مەيلى قانداق بولسۇن، تاختاجان سىستېماسى، 20-ئەسىردىكى بوتانىكا بولۇپمۇ، تاكسونومىيە تەرەققىياتىغا بەلگۈلۈك ئاساسلارنى سالغان سىستېمىلاردىن بولۇپ قالدى، تاختاجان ئۆزىمۇ، بوتانىكادا ھەم تاكسونومىيەدە بىر چاقنىغان چولپان بولۇپ قالدى.

 

مەنبەلەر

[1] ۋېبسىت <ۋىكىپېدىيا>، «Тахтаджян, Армен Леонович»، 2014-يىل،13-ھۇد نەشىرى.

[2] ۋېبسىت <بەيدۇ>، «塔赫他间系统»، 2015-يىل،22-قىش نەشىرى.

[3] ۋېبسىت <ئاكادېمىيە»، «ئېنگىل سىستېماسى»، 2015-يىل،17-قىش نەشىرى.

[4] ۋېبسىت <ئاكادېمىيە>، «كرونكۈست سىستېماسى»، 2015-يىل، 20-قىش نەشىرى.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 100 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5615
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز