ئاڭلىغان گەپلەر
بالا چاغلىرىمدا ئاڭلىغان گەپلەر
小时候听过的故事
ئاپتورى: بوستاني
كىچىك چاغلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزدىن ۋە مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىكلەردىن ھەر خىل گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. شۇ گەپلەرنىڭ بىرى ،خۇدايىم 4 كۈندە ئالەمنى ،ئىككى كۈندە زىمىن ۋە جانىۋارنى ياراتقان ئىكەن. ئاسمان توققۇز قەۋەت قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ،.خۇدايىم 9-قەۋەتتە،پەرەشتىلەر 8-قەۋەتتە، ئەزرائىل، جەبرائىللار 7-قەۋەتتە،پەيغەمبەرلەر 6-قەۋەتتە،ساۋاپلىق ئىش قىلغان ئادىل پادىشالار 5-قەۋەتتە، …….. ، ئۆلگەن ياخشى ئادەملەر ئايغا كەتكىدەك،ئەسكى ئادەملەر يەر ئاستىغا چۈشۈپ كەتكىدەك. زاماندا ئادالەت بولماي،جاھالەت قاپلاپ ئادەملەر ئەسكىرەپ دىندىن چىقىپ كەتكەندە، خۇدايىم،ئاينى كۆيدۈرۈپ ، زامان ئاخىرىدىن بىشارەت بېرىدىكەن. ئەگەر يەنە ئوڭشالمىسا، كۈننى كۆيدۈرۈپ،زاماننى ئاخىرلاشتۇرۇدىكەن. شۇڭا،جاھان قاراڭغۇلۇقتا قېلىپ،جېمى شەيئى ھالاك بولۇشتىن بۇرۇن. قىلىشقا تىگىشلىك ساۋاپلىق ئىشلارنى كېچىكتۈر مەسلىك زۆرۆر ئىكەن . ……….
ئاتامنىڭ يىراق مەھەللىلەردە ئولتۇرۇشلۇق ھۈنەرۋەن،چارۋاچى،سودىگەر،تىۋىپ ئاغىنىلىرى، بىزنىڭ مەھەللىمىزدىكى مېچىتقا جۇماغا كەلگەندە بىزنىڭ قوروغا چۈشەتتى.10 ئات پاتىدىغان ئوقۇرغا بەزىدە ئۇلار مىنىپ كەلگەن ئات-ئۇلاقلار پاتماي قالاتتى،بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دىگىدەك 50 ياشلاردىن ئاشقان،ساقال بۇرۇتلىرى ئاقارغان كىشىلەر ئىدى. قىشلىقى جۇماغا كەلگەن بۇ كىشىلەر نىڭ 3-4سى بىزنىڭ ئۆيدە بىر ئىككى كۈن تۇرۇپ قالاتتى.ئاخشىمى كاڭغا قويۇلغان تۆت پۇتلۇق چوڭ شىرەدە چۆرەدەپ ئولتۇرۇپ كۆرگەن ،ئاڭلىغانلىرىنى پاراڭ قىلىشاتتى.يادىمدا قالغان پاراڭلىرى نىڭ بىرى مۇنداق ئىدى،« كىچىك چاغلىرىمىز ئىدى،بىر كۈنى كەچقۇرۇن مەھەللىمىزدە بالىلار بىلەن مۆكۈشمەك ئويناۋاتاتتۇق. بىردىنلا داس،چىلەك داراڭشىتىپ،غىيا-چىيا ئاۋازلار بىلەن ھەممە ئادەم ئۆگۈز، تام تۆپى،ئىگىز جايلارغا چىققىلى تۇردى.نىمە ئىش بولغىنى بىلمىدۇق، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى چاقىرىپ توۋلىغىلى تۇردى.بىزنىڭ بىلەن ئويناۋاتقان تۇرسۇننىڭ ئاكىسى يۈگۈرۈپ كىلىپ،ئىلدام ماڭ ئۆيگە كىتىمىز، ئاسمانغا قارا،ئاخىر زامان بولغىدەك، سىلەرمۇ چاپسان ئۆيۈڭلەر گە كېتىڭلار دەپ بىزگىمۇ ۋاقىرىدى. ئاخىر زامان بولغىدەك دىگەن گەپنى ئاڭلاپ،بىزمۇ قوقتۇقدە، ئۆيلىرىمىزگە قاراپ چاپتۇق. بىر ھازادىن كىيىن، غىيا-چىيالار بېسىقىپ،ئادەملەر ئىگىز جايلاردىن پەسكە چۈشتى.بىر چاغدا، بىزنىڭ قوروغا جىق ئەر-ئاياللار كىرىپ كەلدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئايالنى كىشلەر يۆلەشتۇرۇپ دالانچا سۇپىسىغا ئوتقازدى. بىرەيلەن قاچىغا مۇزدەك سۇ ئىلىپ بۇ ئىككى ئايالغا بىر نىمىلەرنى ئوقۇپ تۇرۇپ چاشتى. قارىغاندا،ئۇلار بىر نىمىدىن قورقۇپ كىتىپ روھى چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.بىزنىڭ قورودا كىچىدە مال سويۇلدى،تاڭ ئاتقىچە يىغىلىپ كەلگەن جامائەتكە نەزىر چىراق ئۆتكۈزۈلدى.ئۆز-ئارا ئېلىم بېرىم بارلىرى،ئۆز ئارا ئازارلىشىپ قالغانلىرى، يىغلىشىپ كۆرۈشتى،كۆڭۈل ئېيتىشتى،ھەتتا،كۈن چىققىچەئىككى ياشنىڭ تويىنىمۇ قىلىپ ئۈلگۈردى. كىيىن ئوقسام،ئاخشام ئەسلىدە ئاي تولۇق تۇتۇلغان ئىكەن». مەن بۇ پاراڭلارنى 1960-يىلى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن. ھازىر ئويلىسام،ھىكايە قىلىنغان بۇ ئىشلار تەڭرىتاغنىڭ شىمالى باغرىغا جايلاشقان، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبەك، تاتار، تۇڭگان، خەنزۇ،مۇڭغۇلدىن ئىبارەت كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان بۇلاقبازار دىگەن يېزىدا 20- ئەسىرنىڭ 30 يىللىرى ئەتراپىدا بولغان ئىشلار ئىكەن.
ئاسماندا كۆرۈلگەن غەلىتى ھادىسىلەرلا ئەمەس بەلكى،ئادەتكە ئايلانغان كۈننىڭ چىقىشى، ئولتۇرۇشى. يامغۇر-قار يېغىش،بوران چىقىش،چاقماق چېقىش .گۈلدۈرماما بولۇش،كۈن-ئاي تۇتۇلۇش قاتارلىق ھادىسىلەرمۇ ئىنسانلاغا ئاجايىپ بىر سىرلىق بىلىنگەن.نىمە ئۈچۈن بۇ ھادىسىلەر دائىم بولۇپ تۇرۇدۇ؟بۇ ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەپ نىمە؟ دىگەندەك ئىنسانلارنىڭ ئالەمنى بىلىش ئىستىكى،ئىنسانلار پەيدا بولغان كۈنىدىن باشلانغان ئوخشايدۇ. مەن كىچىك چاغلىرىمدا ئاڭلىغان چۆچەكلەرگە ۋە چوڭ بولغاندا كۆرگەن ئىشلارغا،مەكتەپلەردە ئوقۇغان ھەرخىل تەبىئەت ، جەمىيەت ،شەيئىيەتكە ئائىت ئەسەرلەرگە ۋەمايا، ئەلئېھرامدەك دۇنيادىكى ئاۋۋال زامان يالدامىلىرىغا قارىغاندا، ئىسانلارنىڭ ئالەمنى بىلىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىگە، ئاز ھېساپلىغاندىمۇ.6000 يىلچە بوپتۇ.بۇ تارىخى جەرياندا،ئىنسانلار ئالەم توغرىسدا ھازىرقى كىشىلەرگەنىسبەتەن نۇرغۇنلىغان ئەخمىقانە كۈلكۈلۈك تۇنۇشلاردىمۇ بولغان ئىكەن.كىيىنكى يېڭى بايقاشلىرىدىن خاتا قاراشلىرىنى تۈزۈتۈپمۇ ماڭغان ئىكەن.
ئالەم ھەممەيلەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،بىلىش تەسكە توختايدىغان ھەم ناھايىتى سىرلىق بىلىنىدىغان بىر ساھە. شۇڭا،ئالەمگە قىزىققۇچىلار ئاز،مەخسۇس كەسىپ قىلىپ ئىشلەيدىغانلار تېخىمۇ ئاز بولغان. ئەمما،ئالەمنى بىلىش،بارلىق دىن ۋە پەننىڭ، پەلسەپەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى،ئەڭ موھىمى،بېرىپ تاقىلىدىغان ئەڭ تۈپ مەسىلىسى بولۇپ قالغان.
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ،ئادەتتىكى تۇرمۇش قارىشىدىن ئېيتقاندا، ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن ئالەمنى بىلىش ياكى بىلمەسلىكىنىڭ ھېچقانداق يامان بولىدۇسىمۇ يوق..ئادەم ئۇنى بىلسىمۇ، بىلمىسىمۇ، بۇ دۇنيادا ئوخشاشلا ياشاۋىرىدۇ. بۇ گەپچە بولغاندا،ئالەمنى بىلىشىنى تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوقتەك قىلىدۇ. بۇ ئىشنى،قۇرسىقى توق،كىيىمى پۈتۈن،تىرىكچىلىكتىن غېمى يوق،ئەمەلى ئىشتىن خەۋىرى يوق، خىيالپەرەس بىكار نانچىلار قىلىدىغان ئىشتەك قىلىدۇ.
بىزدىكى «بىز كىم؟»،«نەدىن كەلدۇق،نەگە بارىمىز؟».«بىز نىمە ئۈچۈن ياشايمىز؟». «بىزگە قانداق ئاتا-ئانا كېرەك؟».«ئىللەتلىك مىللەت»دىگەندەك گەپلەر بىر مەھەل زامانىۋى تۇسكە ۋە چوڭقۇر پەلسەپىلىككە ئىگە دەپ قارالغان بازارلىق مودا گەپلەرگە ئايلانغان ئىدى.بارلىق ئاتا-ئانىلارمۇ، يىمەي، كىيمەي تاپقان تەرگىنىنى بېرىپ ئوقۇتۇۋاتقان بالىلىرىدىن ئوخشاش بىرلا «خەلىققە ياراملىق» ئادەم بولۇشنى ئۈمۈت قىلىدۇ……..مۇشۇنداق نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئادەمنىڭ تەپەككۇرىدىكى روھنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، جەمىيىتىمىزدىكى ھازىرقى روھى ھالەتنىڭ قانداق سەۋىيەدە ئىكەنلىكىدىن،روھى جەھەتتىن نىمىگە ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چوڭ ھارۋا نەدە ماڭسا،كىچىك ھارۋا شۇ يەردە ماڭىدۇ.ھازىر «يول» جىقلاپ كەتتى. ئاسمان يول ،سۇ يول،تۆمۈر يول،ئاسفالىت يول،ئىتېرنىت يول،مائارىپ يول،مەكتەپ يول، كۇرۇس يول. ..دىگەندەك. دىمەك،ھازىر جەمىيىتىمىزدە بولۇۋاتقان مودا گەپلەر،ئارزۇ-تىلەكلەردىن بىزگە ئۇستا«ھارۋۇكەش»، زامانىۋى «ھارۋا» ۋە پۇختا ياسالغان«يول» لازىمدەك قىلىدۇ.شۇڭا،بىز ئالدى بىلەن،بۇ ئۈچ نەرسىگە ئىگە بولۇشىمىز ياكى ئالدىن ئالا ئويلىشىشىمىز كېرەك.
بىز يېقىنقى يىللاردىن بېرى، مەرگەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى دىگەندەك گەپلەرنى تۇلا قىلىۋاتىمىز،ھەم ئاڭلاۋاتىمىز. ئاددى تىل بىلەن قىسقا قىلىپ ئېيتساق، مەرگەزنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەت روھى،شىنجاڭلىقلارنى ئۇستا«ھارۋۇكەش»، زامانىۋى «ھارۋا» ۋە پۇختا ياسالغان «يول» غا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ جىسىم ماددىدىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ،ئاخىرىدا روھنىڭ كۈچى بىلەن كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلەيدۇ. ئۇنداقتا، «روھ» دىگەن نىمە؟،ماددا دىگەن نىمە؟ بۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋاپلار پەلسەپ دەرىسلىرى ياكى كادىر تەربىلەيدىغان مەكتەپلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.باشلانغۇچ مائارىپتىن ئالى مائارىپقىچە،ئادەتتىكى ئادەمدىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئالى رەھبەرلەرگىچە خەۋەردار قىلىش كېرەك. شەرتىنى ھازىرلىمىغان ۋە نىشانى ئېنىق بولمىغان ئارزۇ- تىلەكلەر قۇرۇق بىر شۇئارلا بولۇپ قالىدۇ.ئاتا-ئانا،رەھبەر ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئادەم تەربىلىگۈچىلەر، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئىلمى ئاساسقا ئىگە كەڭ دائىرىدىكى ئىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇشىمىز ۋە شۇ بويىچە يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز،شۇ روھ ئاساسىدا،ئارزۇ ئۈمۈتلەرنى، مودا گەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويساق بولىدۇ.
گىپىمنى خۇلاسە قىلسام،ئالەم توغرىسىدا ئىزدىنىش بارلىق ئىزدىنىشلەرنىڭ باش ئۇچى بولۇپ،ئادەم روھىنى بېيىتىدۇ،روھنى ساغلام قىلىدۇ،تەپەككۇرنى قوزغۇتىدۇ،كېرەكلىك ماددىنى كۆپەيتىدۇ، تۇرمۇش مەزمۇنىنى،ئىجادىيەتنى بېيىتىدۇ. «ھارۋۇكەش» يولدىن ئازمايدۇ،سۈپەتلىك ياسالغان «ھارۋا» ئاسان بۇزۇلمايدۇ،«يول» راۋانلىشىپ توسۇلۇپ قالمايدۇ.
«بىز كىم»؟ دىگەن مودا سۇئال قويۇلغاندەك،مەنمۇ «بىز قەيەردە؟» دىگەن سۇئالنى قويغان، ھەمدە «ئاسماندا» دەپ جاۋاپ بەرگەن.دىمەك،بىز ئۆزىمىزنىڭ قەيەردە تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى،تۇرىۋاتقان ماكانىمىزنىڭ ئەتراپىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىسەك قانداق بولىدۇ؟. بىز قانداق پەيدا بولغانلىقىمىزنى بىلمىسەك قانداق بولىدۇ؟