باش بەت > ئۇنىۋېرسال > تامچىدا چاقنىغان نۇر
4فېۋرال

تامچىدا چاقنىغان نۇر

«تامچىدا» چاقنىغان «نۇر»

水珠上反射的光芒

ئاپتورى: بوستاني

ئەتىسى چۈشتىن كىيىن، يەنە شۇ شاتلىق باغاق بېسىش ئىشخانىسىغا تەييارلاپ قويغان باغاقنى ئالغىلى كەلدىم. ئىشخانىدا 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر زىيالى سۈپەت ئەر، بېسىپ چىققان باغاقلارنى رەتلەۋىتىپتۇ. مەن كىرىپ، تۇرۇشۇمغا، خەتچى قىز ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەردى ۋە تەييارلاپ قويغان باغاقنى ئىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ دىدى. شۇ ئارىلىقتا، خەتچى قىز، مەن بۇ باغاقنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ دىدى. مەن دەرھاللا، 3 يىل ئالدىدا سىزلەرگە مۇشۇ نۇسخىدا باغاق باستۇرغان دىدىم.

خەتچى قىز، مۇنداق باغاقلارمۇ بار، كۆرۈپ بېقىڭە دەپ، بىر  باغاقنى ھېلىقى باغاق رەتلەۋاتقان كىشىگە بەردى. ئۇ كىشى باغاقنى كۆرۈپ بولۇپ، ياخشى لايىھەلەنگەن، ياخشى يېزىلغان باغاقكەن دەپ  ماختاپ قويدى، ئارقىدىن، بۇ باغاقنى سىز ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ؟ بۇ توينى سىز ئۆزىڭىز قىلامسىز دەپ مىنىڭدىن سورىدى. ھەئە دەپ جاۋاپ بەردىم. تويدا ھاراق قۇيامسىز؟ دەپ يەنە سورىدى بۇ كىشى. ئىككى خىيالدا تۇرىۋاتىمەن دىدىم. شۇنىڭ بىلەن، بۇ كىشى ماڭا قاراپ، بۇ باغاقنى تارقاتسىڭىز، تويدا ھاراق قۇيمىسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر تويدا ھاراق قۇيسىڭىز بۇ باغاقنى ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەي ئادەتتىكى باغاقنى ئىشلىتىڭ دىدى.

نىمە ئۈچۈن؟ دەپ سورۇدۇم بۇ كىشىدىن. بۇ كىشى قۇلىدىكى  باغاقتا يېزىلغان تۈۋەندىكى قۇرلارنى ئوقۇدى:

توينى  قۇتلۇقلاپ، دۇئا قىلغانغا  نىمە  يىتىدۇ،

كۈتىۋالاي،بەزمە قىلاي،خىزىر سۈپەت بولۇسىز.

……………………………………………………………….

مالال كۆرمەي،يىراق كۆرمەي تەشرىپ قىلغايسىز،

پەرىشتىلەر ھەمرا ئىكەن تويغا باسقان قەدەمگە.

ئاندىن، قاراڭ، نىمە دىگەن ئۇلۇق گەپلەر بۇ، مېھماننى خىزىر، پەرىشتىدەك ئۇلۇغلاپسىز، ئۇلارغا ھاراق قۇيسىڭىز، قانداقسىگە خىزىر سۈپەت بولغىدەك، باشقا بىر نىمە بولمامدۇ؟ شۇڭا دەيمىنا دىدى. ئارقىدىن، ھاراقنى ئىچىدىغانلار بولسا، ئايرىم بىر يەردە ئىچۇر، ئەمما جامائەت يىغىلغان سورۇنغا ھاراق كەلتۇرسىڭىز گۇناھى سىزگە بولىدۇ، مەن شۇنداقلا دەپ قويدۇم، ئۆزىڭىزمۇ بىر زىيالىدەك قىلىسىز، قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ دەپ قويۇپ، ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.

مەن بۇ باغاقنى يازغان ۋاقتىمدا، بۇنچىلىك ئىنچىكە ئويلىماپتىمەن، بۇ زىيالى سۈپەت كىشىنىڭ دىگەنلىرى مىنى ئويلاندۇردى. مىنى بىر سەگەكلەشتۈردى. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ساۋاقداش ئاغىنىلەر تۇيغا تەييارلىنىپسىلەر دەپ ھال سوراپ ئۆيىمىزگە كەلدى. ئۆيىمىزدە توي كۈنىدىكى ئىشلار توغرىسىدا مەسلىھەت بۇلۇندى. باغاق باستۇرغاندا بولۇنغان گەپلەرنى بۇلارغا دەپ بەردىم. بەزىلىرى بۇ كىشى توغرى دەپتۇ دىيىشتى، بەزىلىرى، بۇ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە بولۇۋاتقان توينىڭ بىر قائىدىسى تۇرسا، ئەگەر ھاراق قۇيۇلمىسا، ياخشى بولمايدۇ، خەقنىڭ تويىدا، ئىچىۋىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تويىدا قۇيمىساق سەت بولمامدۇ، ھاراق قۇيۇلمىسا، تويۇڭلار قىزىمايدۇ،مېھمانلار تامىقىنى يەپ بولۇپلا تويدىن تارقايدۇ، بىر ئىككى توينىڭ مۇشۇنداق بولغانلىقىنى كۆردۇق دىيىشتى. ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ، ساۋاقداش ئاغىنىلەر ھەممەيلەن تويدا ھاراق قۇيماسلىق توغرىسىدا بىر قارارغا كىلىشتۇق.

شۇنداق قىلىپ، تويمۇ بولدى، ھاراقمۇ قۇيۇلمىدى، تويمۇ ئوبدان كۆڭۈللۈك بولدى. بەزى مېھمانلارنىڭ پۇلۇڭ يوقمىدى دەپ قىلغان چاقچىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ھېچكىم بىزگە ھاراق قۇيمامسەن دەپ داۋامۇ قىلمىدى، ئىشى بار بىر نەچچەيلەننىڭ تاماقتىن كىيىن ھۆزرە ئېيتىپ كەتكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ھېچكىم تاماقنى يەپ بولۇپلا تاراپ كەتمىدى. ياشلار سائەت 10 غىچە ئۇسۇل ئويناپ توينى تازا قىزىتتى.

تويدىن كىيىن بىر نەچچە ئاي ئۈتۈپ بۇ ئىشلار يەنە يادىمغا كېلىپ قالدى. بۇ ئىشتىن شۇنداق بىر تۇنۇشقا كەلدىمكى، تويغا نىسبەتەن ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە كۆرۈلىۋاتقان ئەھۋاللارغا قارىغاندا، جەمىيىتىمىز، چوڭلىرىمىز، ياشلىرىمىز كىشىنى سۈيۈندۈردىغان ياخشى ئادەتلەرگە يۈزلىنىۋاتىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز بىر نەرسىنى بىلگەندەك قىلىدۇ، ھاراق قۇيۇلمايدىغان تويلار كۆپۈيۋاتىدۇ. دىمەك، باشقا ئىشلارمۇ، مۇشۇنداق بىر ياخشى يۈزلۈنۈشكە قاراپ ماڭغانلىقىدىن ئۈمۈتلۈك بىشارەتلەرنى بېرىۋاتىدۇ.

باغاق ئىشخانىسىدا ئۇچرىغان ھېلىقى زىيالى سۈپەت كىشى، ماڭا بىر ئۆلىمادەك بىلىندى، ئۇنىڭ كىم، نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم. ئۇ كىشىنىڭ قىلغان گەپلىرى بىر تامچە بولسىمۇ ئۇنىڭدىن نۇر چاقناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭدىن نۇرغۇن جەھەتتىن تەلىم ئالدىم، سەن تاش سانىساڭ، خەق قۇم سانايدۇنى يەنە بىر قىتىم ھېس قىلدىم. ھەر قانداق ئىشنى جەمىيەتتىن، كىشىلىرىمىزدىن باھانە ئىزدىمەي، ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىزنىڭ نەقەدەر چوڭ رولىنى يەنە بىر قېتىم  ھېس قىلدىم.  كىشىلىرىمىزنىڭ، ئانا تىلىمىزدا قىلغان گەپلىرىمىزنى قانچىلىك چوڭقۇر دەرىجىدە تەھلىل قىلىدىغانلىقىنى، شۇ گەپنى قىلغان ئادەمدىن ئۆتە گەپنىڭ تىگىگە يىتىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. ھېلىقى ئۆلىما سۈپەت كىشىنىڭ، دەل ۋاقتىدا، دەل جايىدا ئورۇنلۇق دىگەن گەپلىرىدىن، تەلىم بېرىشتە ئۇسولنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. ماڭا ئۇچرىغان بۇ ئۆلىما سۈپەت كىشىدەك ئاددى بىر ئىنساننىڭ باغاق ئىشلەيدىغان يەردە ئىشلەيدىغانلىقىدىن، ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ، مەنسەپنىڭ، سالاھىيەتنىڭ، مەرتىۋەنىڭ، نام ئاتاقنىڭ ، پۇلىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ۋە باشقىلارنىڭ…….ئادەمنىڭ قىممىتىنى بەلگىلىمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 04-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 5,109 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=646
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز