خەتكۈش ‘ئۇيغۇرچە نامى’
2014ئاۋغۇست14

چەرەندەلەر

مىنىڭ چۈشەنچەمدىكى «چەرەندە» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، قۇرۇت-قۇڭۇز، چىۋىن-پاشا، پىت-سالجا، بوغۇن-كۆكۈيۈن، چايان-سايان، كىپىنەك-پەرۋان قاتارلىق جانۋارلارنىڭ ئومۇمى نامى بولادى. ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە ۋە ئەسەر مەنبەلەرىدە، چەرەندە دىگەن ئۇقۇمنى بىلدىرىشتە، پارىسچە ياكى ئەرەپچە «ھاشارەت» دەپ ئاتالغان سۆزنى قوللانىپ كەلدۇق. مەن يەنىلا ئۇيغۇرچە «چەرەندە» دەپ ئاتاشنى تەرغىپ قىلامەن. چەرەندەشۇناسلار، چەرەندەلەرنىڭ بەدەن قۇرۇلماسىنىڭ بەشىرەسىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ تەن تۈزۈلىشىنى 32 قىسىمغا (بۆلەككە) ئايرىغان. بۇ 32 قىسىمنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى يازىلغان ئەسەر مەنبەلەرىنى مەن كۆرۈپ باقمادىم. شۇنداق بولسامۇ، 20 يىل ئالدىدا بۇلارغا مەن ئۆزەمچە ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويۇپ باققان. تۆۋەندە، چەرەندەلەرنىڭ تەن قۇرۇلماسىدىكى 32 بۆلەكنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملارىنى كۆرسەتتىم.

2014ئىيۇل27

گىيالاردىكى ھۈجەيرەنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

ئىنتېرنېت دۇنيادا ئومۇملاشقاندىن كىيىن، ھەر خىل تورىستان مەنبەلەرىدىن ھۈجەيرەنىڭ رەڭلىك رەسىملەرىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە گىيا ھۈجەيرەسىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملارى كۆرسەتىلدى.

2014ئىيۇل23

گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (5)

بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇشۇ بەش پارچە ئەسەردە گىيا بەرگلەرىنىڭ (يوپۇرماقلارىنىڭ) تۈزۈلىشى، شەكىللەرى ۋە بەرگىرەت شەكىللەرى قاتارلىق ئاساسى مەزمۇنلارنى بىلگىنىمچە ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەلۋەتتە بۇلاردىكى ئۇيغۇرچە ئىسىملار، بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇنقى خاتىرلەرىمگە ئاساسەن قويۇلغان. شۇڭا، كام قالغان، خاتا بولۇپ قالغان جايلارى بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ، «گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ نامى» توغراسىدا مۇھاكىمە پىكىرلەرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلامەن.

2014ئىيۇل22

گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (4)

«ئاكادېمىيە» تورىنىڭ 2014-يىللىق 21-چىللە سانىدا «گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (1)» ، 22-چىللە سانىدا «گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (2)»، « گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (3)» ناملىق ئۈچ پارچە ئەسەر نەشىر قىلىنغان. بۇ قاتىم يازىلغان مەزگۇر ئەسەر، ئەنە شۇ ئەسەرلەرنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، قاپلىقدان گىيالارنىڭ بەرگىرەت (يوپۇرماقنىڭ تىزىلىش رەتى) شەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى كۆرسەتىلدى.

2014ئىيۇل12

ئەكىزرۇق زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى

«ئاكادېمىيە» ناملىق ئۇيغۇرچە تورىستاننىڭ 2014-يىل 5-چىللەسىدە، «كىيىكئىلە ۋە ئۇنىڭدىكى رۇقلار» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، «ئەكىزرۇق» دىگەن نامدا ئاتالغان بىر رۇقنىڭ بارلىقى كۆرسۈتىلگەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەز گۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ ئەكىزرۇقتىكى زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى كۆرسۈتۈلدى.

2014ئىيۇل5

كىيىكئىلە ۋە ئۇنىڭدىكى رۇقلار

ئۇيغۇر تىلىمىزدا «كېيىك ياكى كىيىك» دەپ ئاتالغان بىر سۆز بار. مىنىڭ بىلىشىمچە، بۇ سۆزنىڭ كۆرسۈتىدىغان نەسەلى (ئوبىكتى) توغرىسىدا ئۈچ خىل قاراش بار ئىكەن. بۇنىڭ بىرى، ئوۋچىلار ياكى پالگانلار ئوۋلىغان، گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان، ئوت يەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. ئىككىنچىسى، بۆكەن، جەرەن، جۇرلارنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. ئۈچىنچىسى، بۇغا بىلەن مارالنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. مىنىڭچە بولغاندا، بۇ ئۈچ خىل قاراش، ناتوغرا بولغان يەرلىك قاراشلاردىن ئىبارەت. ئۇنداقتا كىيىك دىگەن قانداق ھايۋان؟ ھازىرغىچە بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك يازىلغان ئەسەرلىرىمىزدە بۇنىڭغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. مىنىڭ بىلىشىمچە، رايونىمىزدا كىيىك دەپ ئاتالغان ھايۋان زاتلىرى ياشاسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، كىيىكلەر توغرىسىدا يازىلغان ئەسەرلەر يوق. ئىشنى قىلىپ مەن كۆرمەدىم. شۇ ۋەجىدىن، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، «كىيىكئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقلىرى» توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.

2012نويابىر10

شىنجاڭدىكى گىياھرۇقلار(4)

«فلورا شىنجاڭ» 3-تومدىكى گىياھرۇقلار 新疆植物志第三卷中的植物属 ئاپتورى: ر. بوستاني بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، «فلورا شىنجاڭ»3-تومدىكى گىياھرۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ لاتىنچە. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ناملىرى، 1-جەدۋەلدە  كۆرسۈتىلدى. ئۇيغۇرچە ناملىرى ئىككى خىل بېرىلدى، بۇنىڭ  بىرى فلورادىكى ئۇيغۇرچە نامى، بۇ ناملارنى پروففىسور مىجىت خۇدابەردى ئەپەندى قويغان ھەم …

2012سېنتەبىر14

شىنجاڭدىكى گىياھرۇقلار(1)

شىنجاڭدا ئۇچرايدىغان گىياھرۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى (1-قىسىم) 新疆分布的植物属及其维吾尔语名称 (第一部分) ئاپتورى: بوستاني بايان ئاۋۋال بىز دائىم ئاتايدىغان ئالما، ئۆرۈك، ياڭاق، ئۈزۈم، بۇغداي، يانتاق، تال، تېرەك دىگەن ناملار، ئۇيغۇرچە گىياھرۇق نامى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. گىياھرۇق ناملىرىنى قويۇش، گىياھزات ناملىرىنى قويۇشنىڭ ئاساسى. ئادەتتە …

2012ئاۋغۇست11

پىچانئىلە رۇقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى

پىچانئىلە رۇقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى 鸢尾科中的属及其维吾尔语名称 ئاپتورى: بوستاني پىچان، مەلۇم بىر گىياھنىڭ ئۇيغۇرچە نامى. بۇنى يەنە ئۇيغۇر تىلىمىزدا، چېغىرتماق، چېقىرتماق، چېقىرتاماق، چىغىرتماق دەپمۇ ئاتىغان. پىچان نامى، يوقۇرىدا تىلغا ئالغان ناملار ئىچىدە ئەڭ ئىخچام ئاتالغان ئۇيغۇرچە نام بولغاچقا، پىچان دىگەن …

2012ئاۋغۇست6

«لاۋانرۇق» زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى

“Lavanruc” zatliri ve ularnin’ uygurqe namliri 薰衣草属物种及其维吾尔语名称 Aptori: Bostany 1.“Lavan” digen nime? “Lavan”, huxpurac kilidigan otqatcal giyahnin’ uygurqe nami. “Lavan” digen bu uygurqe atalguni, A.Rehmetulla “giyazat namini uygurqe atax we yazix caidisi” nin’ rohi boyiqe coygan.  Uygurqe Lavan , yene  “Lavangvl” depmu …