14ئاۋغۇست
چەرەندەلەر
چەرەندەلەر ۋە ئۇلارنىڭ بەدەن تۈزۈلىشى
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
مەن كىچىكىمدە دادام ۋە ئاتامدىن «پەرەندە» ۋە «چەرەندە» دىگەن سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغان. ئۇلارمۇ بوۋالارىمدىن شۇنداق ئاڭلاپ كەلگەن ئىكەن. مەن بۇ سۆزلەرنى 60 نەچچە يىلدىن بېرى تەكرارلاپ قوللانىپ كەلەۋاتىمەن. «پەرەندە» ھەققىدە «ئاكادېمىيە» دە ئەسەر نەشىر قىلىندى. ئەگەر خالاساڭىز، شۇ ئەسەرلەرنى كۆرسەڭىز بولادى. مىنىڭ چۈشەنچەمدىكى «چەرەندە» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، قۇرۇت-قۇڭۇز، چىۋىن-پاشا، پىت-سالجا، بوغۇن-كۆكۈيۈن، چايان-سايان، كىپىنەك-پەرۋان قاتارلىق جانۋارلارنىڭ ئومۇمى نامى بولادى. ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە ۋە ئەسەر مەنبەلەرىدە، چەرەندە دىگەن ئۇقۇمنى بىلدىرىشتە، پارىسچە ياكى ئەرەپچە «ھاشارەت» دەپ ئاتالغان سۆزنى قوللانىپ كەلدۇق. مەن يەنىلا ئۇيغۇرچە «چەرەندە» دەپ ئاتاشنى تەرغىپ قىلامەن.
1. چەرەندە دىگەن نىمە؟
ئۇنداقتا چەرەندە دىگەن سۆزنىڭ تەبىرى نىمە؟ بۇنىڭغا مۇنداق تەبىر بەردىم: بەدەنى ئۇمۇرتقاسىز بولغان، باش، كۆكرەك، قۇرساق ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن، كىتىندىن تۈزۈلگەن تاشقاپ تون كىيگەن، ئالتە پۇتلۇق، ئەرگول بوغۇملۇق بولغان، جۈپ تەنەب ھەم كۆپكۆزلۈك كەلگەن جانۋار، «چەرەندە» دەپ ئاتالادى. تۆۋەندىكى رەسىمدە ھەر خىل چەرەندەلەر كۆرسەتىلدى:
چەرەندەشۇناسلار، چەرەندەلەرنىڭ بەدەن قۇرۇلماسىنىڭ بەشىرەسىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ تەن تۈزۈلىشىنى 32 قىسىمغا (بۆلەككە) ئايرىغان. بۇ 32 قىسىمنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى يازىلغان ئەسەر مەنبەلەرىنى مەن كۆرۈپ باقمادىم. شۇنداق بولسامۇ، 20 يىل ئالدىدا بۇلارغا مەن ئۆزەمچە ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويۇپ باققان. تۆۋەندە، چەرەندەلەرنىڭ تەن قۇرۇلماسىدىكى 32 بۆلەكنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملارىنى كۆرسەتتىم.
2. چەرەندەلەرنىڭ بەشرەسى
(昆虫解剖图)
A – باش قىسمى (A- 头部)
B -كۆكرەك قىسمى ( B- 胸部)
C -قۇرساق قىسمى ( C- 腹部)
1. تەنەب (触角)
2. ئالكۆز (单眼(前))
3.باشكۆز (单眼(上))
4. كۆپكۆز (.复眼)
5. بەيىن (.脑部(脑神经节))
6. ئالكۆكرەك (.前胸)
7. دۈمبەتېرىيە (دۈمبە ئارتېرىيە) (背动脉)
8. كاناي (.气管)
9. كۆكرەك (.中胸)
10. ئاركۆرەك (后胸)
11. ئالقانات (前翅)
12. كەيقانات (后翅)
13. قېرىنچا (.中部内脏(胃))
14. يۈرەك (.心脏)
15. تۇخۇمدان (卵巢)
16. مەقچەي (.后部内脏(肠,直肠和肛门))
17. مەقەت (肛门)
18. مۇھەب (阴道)
19. نېرىبار (.腹神经索)
20. ماركوۋنەي (马氏管)
21. پەنجە (爪垫)
22. تارۇس (.跗节)
23. قارما (爪)
24. شىراق (胫节)
25. شاراق (.腿节)
26. ئەرگىل (转节)
27. ئاغزاپ (前部内脏(嗉囊))
28. كۆيىن (.胸部神经节)
29. تابان (基节)
30. شالبەز (唾液腺)
31. گالىن (咽下神经节)
32. ئاغزال (.口器)
بايان ئاخىر
چەرەندەلەرنىڭ ماكاندىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بىز ئادەملەرنىڭ بىلگەنلەرىمىز ناھايىتى ئاز. بىزنىڭ بىلگەنلەرىمىزگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇنلىغان گىيالارنىڭ چاڭلانىشىنى چەرەندەلەر تاماملىغان. تۇپراقنى ياخشىلاشتا چەرەندەلەرنىڭ ھەسسەسى بار. بىز ياخشى كۆرەدىغان ھەسەلنى چەرەندە بوغۇنلار ئىشلەپچىققان. ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا، جەنۇبى ئامېرىكا ۋە دۆلىتىمىز جۇڭگونىڭ بەزى جايلارىدىكى ئادەملەرنىڭ يىمەكلىكلەرى ئىچدە ئوزۇق قۇۋۋەتى ئەڭ ياخشى بولادىغىنى يەنىلا شۇ چەرەندەلەر بولادىكەن. ئىسلامدا، چىكەتكەنى ھالال دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. نۇرغۇن چەرەندەلەرنىڭ ئادەملەر كىسەللەرىگە شىپالىق رولى بارلىقى تىبنامە ئەسەرلىرىدە قەيىت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چەرەندەلەرنىڭ يەنە ماكانغا، جانۋارلارغا ھەم ئادەملەرگە زور زىيان ياكى ئاپەتلەرنى كەلتۈرەدىغان تەرەپلەرىمۇ بار. چىكەتكە ئاپەتى، چۈمۆلە ئاپەتى، ۋابا ئاپەتى دىگەندەك ئاپەتلەرنى ئەنە شۇ چەرەندەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەزگۇر ئەسەردە بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، چۈشەنچەلەرىمگە ئاساسەن، «چەرەندە» دىگەن نىمە؟، ئۇلارنىڭ بەدەنلەرى قانداق بۆلەكلەردىن تۈزۈلگەن؟ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى قانداق ئاتالادى؟ دىگەن مەزمۇنلار بايان قىلىندى. مەنبەلەرگە ئاساسەن، چەرەندە بەشرەسى رەسىم ئارقالىق كۆرسەتىلدى ھەم خەنزۇچە ناملارى ئۇيغۇرچە ناملارىغا تەققاس قىلىندى. ئېھتىمال مەن، بۇنىڭدىكى ئۇيغۇرچە ناملارىنى تۈنجى قويغۇچى بولۇپ قالىشىم مۇمكىن. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مەزگۇر ئەسەر يەنىلا بۇرادەرلەرنىڭ پىكىرىگە مۇھتاج.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 14-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 189 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5033
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!