باش بەت > ھايۋاناتنامە > ھايۋانلارنىڭ جەمەتلەرى
13ئاۋغۇست

ھايۋانلارنىڭ جەمەتلەرى

ھايۋانلارنىڭ جەمەتلەرگە ئايرىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

 

جىمسارى

 

«ھايۋان ياكى ھايۋانلار» دىگەن سۆز،  ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ھايۋانات ئىچىدىكى ئانا سۈتىنى ئىمىپ چوڭ بولىدىغانلارنىڭ ئومۇمى نامىنى بىلدىرەدى.  ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە،  «سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ياكى سۈت ئەمگۈچىلەر» دەپمۇ ئاتالغان.  ھايۋانلار، ھايۋانات مىقياستىكى شەكىل تۈزۈلىشى ئەڭ ئىلغار، فىزۇلوگىيەلىك رولى ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئالى دەرىجىدىكى ھايۋانات ھېساپلىنىدۇ. ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم بىرلىشىپ ھامىلە بولۇش، ھامىلە بالىياتقۇدا يىتىلىپ تۇغۇلۇش، ئانىسى بالىسىنى ئېمىتىپ بېقىش، بەدەن تېرىسى يوڭ-مويلۇق بولۇش، تەن ھاراررىتى مۇقىم بولۇش، بۇلار، ھايۋانلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھايۋانلار، تۇخۇملۇق ھايۋان، خالتىلىق ھايۋان، ئادەتتىكى ھايۋان دەپ ئايرىلىدىكەن. .ئەمما، تۇخۇملۇق ھايۋان بىلەن خالتىلىق ھايۋانلار ناھايىتى ئاز ساندا بولۇدىكەن، مەسىلەن، بىز ئۆردەك تۇمشۇق، چۈمۆلىخور دەپ ئاتاۋاتقان ھايۋانلاردەك. ئادەتتىكى ھايۋان، يەنىلا ھايۋانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. ھايۋانلار، بېلىقلارغا، سۇقۇرۇقلارغا، چارپايلارغا ۋە پەرەندەلەرگە قاراغاندا، ئەقىللىق بولىدۇ دىگەن قاراشمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھايۋانلار، بۇنىڭدىن 220 مىليون يىللار بۇرۇن پەيدا بولۇشقا باشلاپتىكەن. تەخمىنەن 70 مىليون يىللار مابەينىدە تەرەققى قىلىۋىتىپتۇ. تولۇقسىز مەنبەلەرگە قارىغاندا، بارلىق ھايۋان تەبىقەسى، 3 شاختەبىقەگە، 29 جەمەتكە، 153 ئائىلەگە، 1229 رۇققا ئايرىلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئومۇمى زات سانى، 5416 (5500) خىل بولىدىكەن. شىنجاڭدىكى ھايۋانلارنىڭ 7 جەمەتى، 23 ئائىلەسى، 162 خىل زاتى، 52 شاخزاتى بار ئىكەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن،  مەزگۇر ئەسەردە، پەقەتلا ھايۋانلارنىڭ 29 جەمەتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، خەنزۇچە ناملارى كۆرسەتىلدى. مەزگۇر ئەسەردىكى لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى، مەنبەلەرگە ئاساسەن ئالىندى، ئۇيغۇرچە ناملارى، ئا. رەھمەتۇللانىڭ «ھايۋانات ناملارىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» بويىچە ئاتالدى. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.

 

1-جەدۋەل: ھايۋانلارنىڭ جەمەتلەرگە بۆلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى

كىتمەت (كىت جەمەتى)

Cetacea

鲸目

 

ئاراياقمەت

Artiodactyla

偶蹄目

 

تومئاياقمەت

Perissodactyla

奇蹄目

 

يىرتقۇچمەت

Carnivora

食肉目

 

كوپتەرمەت

Chiroptera

翼手目

 

قاسراقمەت

Pholidota

 鳞甲目

 

سورىكمەت

Soricomorpha

鼩形目

 

ئەرنەكمەت

Erinaceomorpha

猬形目

 

ئافسورمەت

Afrosoricida

非洲鼩目

 

توشقانمەت

Lagomorpha

兔形目

 

چاشقانمەت

Rodentia

 啮齿目

 

تۇبۇلمەت

Tubulidentata

 管齿目

 

ئادەممەت

Primates

灵长目

 

ماكسورمەت

Macroscelidea

象鼩目

 

ساندىنمەت

Scandentia

树鼩目

 

مويقامەت

Pilosa

披毛目

 

سىڭگىلمەت

Cingulata

带甲目

 

دەرمەپمەت

Dermoptera

皮翼目

 

ھىراكمەت

Hyracoidea

 蹄兔目

 

پوبوسمەت

Proboscidea

长鼻目

 

سىرەنمەت

Sirenia

海牛目

 

دىپرومەت

Diprotodontia

袋鼠目(双门齿目)

 

پاسىتمەت

Paucituberculata

袋鼬目

 

دىدەلمەت

Didelphimorphia

负鼠目

 

پوستۇمەت

Paucituberculata

鼩负鼠目(新袋鼠目)

 

پەرمەلمەت

Peramelemorphia

袋狸目

 

مىكبوتمەت

Microbiotheria

智利负鼠目

 

نوترىكمەت

Notoryctemorphia

袋鼹目

 

مونوتمەت

Monotremata

单孔目

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 13-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 208 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5024
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز