ھايۋانلارنىڭ جەمەتلەرى
«ھايۋان ياكى ھايۋانلار» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ھايۋانات ئىچىدىكى ئانا سۈتىنى ئىمىپ چوڭ بولىدىغانلارنىڭ ئومۇمى نامىنى بىلدىرەدى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ياكى سۈت ئەمگۈچىلەر» دەپمۇ ئاتالغان. تولۇقسىز مەنبەلەرگە قارىغاندا، بارلىق ھايۋان تەبىقەسى، 3 شاختەبىقەگە، 29 جەمەتكە، 153 ئائىلەگە، 1229 رۇققا ئايرىلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئومۇمى زات سانى، 5416 (5500) خىل بولىدىكەن. شىنجاڭدىكى ھايۋانلارنىڭ 7 جەمەتى، 23 ئائىلەسى، 162 خىل زاتى، 52 شاخزاتى بار ئىكەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، پەقەتلا ھايۋانلارنىڭ 29 جەمەتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، خەنزۇچە ناملارى كۆرسەتىلدى. مەزگۇر ئەسەردىكى لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى، مەنبەلەرگە ئاساسەن ئالىندى، ئۇيغۇرچە ناملارى، ئا. رەھمەتۇللانىڭ «ھايۋانات ناملارىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» بويىچە ئاتالدى. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.