2013-يىلى 11-ئاي نىڭ ئارخىپلىرى
2013نويابىر22

200-ئەسەر

مەن 60 يىلدىن بېرى جەمىيىتىمىزدە، خۇسۇسى ئىگىلىك، ھەمكارلىق ئىگىلىك، كوپىراتىپ ئىگىلىك، سوتسىيالىستىك ئىگىلىك، كوممۇنىستىك ئىگىلىك، پىلانلىق ئىگىلىك ۋە شەخسى ئىگىلىك، بازارلىق ئىگىلىك دىگەندەك ئىگىلىك شەكىللىرىنى كۆردۈم، مەكتەپلەردە بۇ توغرىدىكى دەرىسلەرنى ئوقۇدۇم، پارتىيە مەكتەپلىرىدە بۇ ھەقتىكى لېكسىيە ياكى نۇتۇقلارنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلىدىم. ھازىر مىنىڭدە، كۆرگەن-بىلگەن ئەمەلىيەتلەرنى بىر قۇر ئەسلەپ، خۇسۇسى ئىگىلىك تۈزۈمى، ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ تەبىئى قانۇنىمۇ؟ دىگەن سۇئال پەيدا بولۇپ قالدى. دىمەك، مەزگۇر ئەسەردە، نىمە ئۈچۈن شۇنداق تۇنۇشقا كىلىپ قالغانلىقىم قىسقىچە بايان قىلىندى.

2013نويابىر22

شىنجاڭدا بايقالغان ئۆرۈك زاتلىرى

ئاكادېمىيە تورىنىڭ 2012-يىل 21-نويابىر سانىدا، «ئۆرۈكرۇق زاتلىرى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، ئۆرۈكرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى ۋە دۇنيا بويىچە بايقالغان زاتلىرى كۆرسۈتۈلگەن. ئەندى مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆرۈكرۇقنىڭ شىنجاڭدا تارقالغان زاتلىرى بىلەن شاخزاتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ناملىرى كۆرسۈتۈلدى.

2013نويابىر21

دۇنيادا بايقالغان ئۆرۈكرۇق زاتلىرى

«ئۆرۈك»، رايونىمىزدىن كۆپ چىقىدىغان يازلىق مىۋىنىڭ نامى. بىز ئادەتتە، ئۆرۈك گىياسىنىڭ، ئۆرۈكرۇقدىكى بارلىق زات ۋە سورتلارنىڭ ئومۇمى نامىنى ھەم «ئۆرۈك» دىگەن بىرلا نام بىلەن ئاتاپ كەلدۇق. ئۆرۈك، رۇخسائىلەنىڭ (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ئازغان ئائىلىسى ياكى ئەتىرگۈل ئائىلىسى دىيىلگەن) ئۆرۈكرۇقىغا (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، ئۆرۈك ئۇرۇقدىشى دەپ ئاتالغان) تەۋە بولۇپ، مەنبەلەردىن بىلىشىمچە، ئىنسانلار بايقىغان ئۆرۇكرۇقنىڭ زاتلىرى (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە دىيىلگىنى بويىچە ئاتىساق، ئۆرۈك ئۇرۇقدىشىنڭ تۈرلىرى) ھازىر دۇنيا بويىچە 11 غا يەتكەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئۆرۈكرۇقتىكى 11 زاتنىڭ لاتىنچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ناملىرى كۆرسۈتۈلدى.

2013نويابىر2

ئەدەپ ۋە ئەخلاق

ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «ئەدەپ» ۋە «ئەخلاق» دىگەن ئىككى سۆزنى كۆپ ئىشلىتىمىز. بەزىدە، «ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيەسى»، «ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇش» دىگەندەك سۆزلىرىمىزدە بۇ ئىككى سۆزنى بىرلىكتە ئىشلىتىمىز، بەزىدە «ئەدەپلىك»، «ئەخلاقلىق» دىگەندەك ئايرىم يەككە ھالدا قوللۇنىمىز. شۇڭا مىنىڭدە، بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسىدە پەرق بارمۇ يوق؟ نىمە ئۈچۈن بىز بۇ ئىككى سۆزنى بەزىدە ئايرىم يەككە ھالدا، بەزىدە بىرلىكتە قوللۇنىمىز؟ نىمە ئۈچۈن تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىۋىدە بۇ ئىككى سۆز، ئىككى يەردىن ئورۇن ئالدى؟ دىگەندەك سۇئاللار تۇغۇلدى.