دۇنيادا بايقالغان ئۆرۈكرۇق زاتلىرى
«ئۆرۈك»، رايونىمىزدىن كۆپ چىقىدىغان يازلىق مىۋىنىڭ نامى. بىز ئادەتتە، ئۆرۈك گىياسىنىڭ، ئۆرۈكرۇقدىكى بارلىق زات ۋە سورتلارنىڭ ئومۇمى نامىنى ھەم «ئۆرۈك» دىگەن بىرلا نام بىلەن ئاتاپ كەلدۇق. ئۆرۈك، رۇخسائىلەنىڭ (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ئازغان ئائىلىسى ياكى ئەتىرگۈل ئائىلىسى دىيىلگەن) ئۆرۈكرۇقىغا (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، ئۆرۈك ئۇرۇقدىشى دەپ ئاتالغان) تەۋە بولۇپ، مەنبەلەردىن بىلىشىمچە، ئىنسانلار بايقىغان ئۆرۇكرۇقنىڭ زاتلىرى (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە دىيىلگىنى بويىچە ئاتىساق، ئۆرۈك ئۇرۇقدىشىنڭ تۈرلىرى) ھازىر دۇنيا بويىچە 11 غا يەتكەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئۆرۈكرۇقتىكى 11 زاتنىڭ لاتىنچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ناملىرى كۆرسۈتۈلدى.