ئەدەپ ۋە ئەخلاق
ئۇيغۇر تىلىمىزدا، ئەدەپ ۋە ئەخلاق دىگەن ئىككى سۆزنى كۆپ ئىشلىتىمىز. بەزىدە، ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيەسى، ئەدەپ-ئەخلاقلىق دىگەندەك سۆزلىرىمىزدە بۇ ئىككى سۆزنى بىرلىكتە ئىشلىتىمىز، بەزىدە ئەدەپلىك، ئەدەپسىز، ئەخلاقلىق، ئەخلاقسىز دىگەندەك ئايرىم يەككە ھالدا قوللۇنىمىز. بۇ يەردە، بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسىدە پەرق بارمۇ يوق؟ نىمە ئۈچۈن بىز بۇ ئىككى سۆزنى بەزىدە ئايرىم يەككە ھالدا، بەزىدە بىرلىكتە قوللۇنىمىز؟ نىمە ئۈچۈن تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىۋىدە بۇ ئىككى سۆز، ئىككى يەردىن ئورۇن ئالدى؟ دىگەندەك سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش زۆرۆرىيەتى تۇغۇلدى. بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، مەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىگە مۇراجەت قىلدىم. ئەمما، بۇ لۇغەتتىكى ئىزاھاتلاردىن قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم. بۇ ئىككى سۆز توغرىسىدا مەنمۇ ئويلۇنۇپ قالدىم، ھەم تەھلىل قىلىپ باقتىم. دىمەك، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ ئەدەپ ۋە ئەخلاق توغرىسىدىكى چۈشەنچەلەرىم بايان قىلىندى. مۇھاكىمە قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئىلتىماسىم شۇكى، بۇ توغرىدا مەقسەتتىن چەتنەپ بەكمۇ كۈچەپ كەتمەسلىكىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.