باش بەت > تىل ۋە يېزىق, پەلسەپە > ئەدەپ ۋە ئەخلاق
2نويابىر

ئەدەپ ۋە ئەخلاق

ئەدەپ ۋە ئەخلاق دىگەن ئىككى سۆزگە تەبىر 

伦理与道德的定义

جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

ئۇيغۇر تىلىمىزدا، ئەدەپ ۋە ئەخلاق دىگەن ئىككى سۆزنى كۆپ ئىشلىتىمىز. بەزىدە، ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيەسى، ئەدەپ-ئەخلاقلىق دىگەندەك سۆزلىرىمىزدە بۇ ئىككى سۆزنى بىرلىكتە ئىشلىتىمىز، بەزىدە  ئەدەپلىك، ئەدەپسىز، ئەخلاقلىق، ئەخلاقسىز دىگەندەك ئايرىم يەككە ھالدا قوللۇنىمىز. بۇ يەردە، بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسىدە پەرق بارمۇ يوق؟ نىمە ئۈچۈن بىز بۇ ئىككى سۆزنى بەزىدە ئايرىم يەككە ھالدا، بەزىدە بىرلىكتە قوللۇنىمىز؟ نىمە ئۈچۈن تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىۋىدە بۇ ئىككى سۆز، ئىككى يەردىن ئورۇن ئالدى؟ دىگەندەك سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش زۆرۆرىيەتى تۇغۇلدى. بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، مەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىگە مۇراجەت قىلدىم. ئەمما، بۇ لۇغەتتىكى ئىزاھاتلاردىن قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم. بۇ ئىككى سۆز توغرىسىدا مەنمۇ ئويلۇنۇپ قالدىم، ھەم تەھلىل قىلىپ باقتىم. دىمەك، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ ئەدەپ ۋە ئەخلاق توغرىسىدىكى چۈشەنچەلەرىم بايان قىلىندى. مۇھاكىمە قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئىلتىماسىم شۇكى، بۇ توغرىدا مەقسەتتىن چەتنەپ بەكمۇ كۈچەپ كەتمەسلىكىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

1. ئەدەپ دىگەن سۆزگە ئىزاھ

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىدە، ئەدەپ دىگەن سۆزگە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن: « ئەدەپ، ئى [ئە]، كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇئامىلەدە ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىشى؛ ئەخلاق، تەربىيە ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى. ». مەن بۇ ئىزاھاتنى قانداق چۈشۈنۈشنى بىلەلمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئىزاھاتنى مۇنداق چۈشەندىم: كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇئامىلەدە ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىشى، ئەخلاق، تەربىيە ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى،  ئەدەپ دەپ ئاتىلىدىكەن. ئەگەر بىز، مۇشۇ چۈشەنچەنى توغرا دەپ قارىساق، مىنىڭچە توغرا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ چۈشەنچىدە، ئەخلاق= ئەدەپ، تەربىيە=ئەدەپ، ئەخلاق ياكى تەربىيە ئۆلچەم=ئەدەپ، ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىش=ئەدەپ بولىدۇ دىگەن قاراش پەيدا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مىنىڭچە بۇ سۆزلەر بىرى-بىرىگە تەڭ ئەمەس. ئەگەر تەڭ دەپ قارالسا، بىر بولسا، ئەدەپ سۆزى ئارتۇقچە ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالىدۇ، ياكى بولمىسا، ئەخلاق، تەربىيە، ئۆلچەم دىگەنلەر ئاتۇقچە ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالىدۇ.

مەن، ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى ئەدەپ دىگەن سۆزنى مۇنداق چۈشەندىم: جەمىيەتتىكى ئادەملەر، مىللەتلەر، دۆلەتلەر، قانۇنلارنىڭ، ئادەملەر بىلەن، مىللەتلەر بىلەن،   تەبىئەت بىلەن، دۆلەتلەر بىلەن، پەن بىلەن، دىن بىلەن،  قانۇن-تۈزۈملەر ۋە ئېقتىساد، سودا قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ بارلىق مەئىشەتلەرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە شەكىللەنگەن، ھەممە كىشىنىڭ، كوللىكتىپنىڭ، دۆلەتنىڭ رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىغان مەلۇم دەرىجىدىكى پرىنسىپلار، ئەدەپ دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا مەن، ئەدەپ دىگەن سۆزگە مۇنداق تەبىر بەردىم: جەمىيەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ( ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ) پرىنسىپلىرى، ئەدەپ دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەدەپ، ئوبىكتىپ بولىدۇ، كوللىكتىپ ياكى ئىجتىمائىلاشقان بولىدۇ، ئۇ، ئادىللىقنى، ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ. ئەدەپ، ئەخلاقنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى بولىدۇ. ئەدەپ، ئەخلاققا يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

2. ئەخلاق دىگەن سۆزگە ئىزاھ

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىدە، ئەدەپ دىگەن سۆزگە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن: « ئەخلاق (ئەخلاقى) ئى [ئە] كىشىلەرنىڭ ھەربىر جەمىيەتكە خاس بولغان پائالىيەت مىزانى؛ ئەدەپ، خۇلق، پەزىلەت؛». ئەخلاق دىگەن سۆزگە بېرىلگەن بۇ خىل ئىزاھاتمۇ كىشىگە مۇجىمەل ئۇقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، ئەخلاق دىگەن سۆزىمىز، ئەدەپ، خۇلق، پەزىلەت دىگەن ئۇقۇمغا تەڭ ئەمەس.

مىنىڭ چۈشەنچەمدە، جەمىيەتتىكى ئادەملەر بىلەن ئادەملەر، مىللەتلەر بىلەن مىللەتلەر، ئادەملەر بىلەن تەبىئەت، دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر، ئادەملەرنىڭ قانۇن-تۈزۈملەر بىلەن ۋە ئېقتىساد، سودا قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ بارلىق مەئىشەتلەرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە شەكىللەنگەن، جەمىيەتتىكى شەخسىلەرنىڭ  رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىغان مەلۇم دەرىجىدىكى قائىدە، ئەخلاق دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا مەن، ئەخلاق دىگەن سۆزگە مۇنداق تەبىر بەردىم: جەمىيەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ( ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ) شەخسىلەر قائىدەسى، ئەخلاق دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەخلاق، سۇبىكتىپ بولىدۇ، شەخسىنىڭ پائالىيەت قائىدەسىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەخلاق، قائىدەنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى، لايىق بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەخلاق، قائىدەنىڭ ئۆلچەمى ئۈسىتىدە ئىزدىنىدۇ. ئەخلاق قائىدىلىرى، ئەدەپ پرىنسىپلىرىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ئەخلاق، ئەدەپنىڭ بالىسى، ئەدەپ، ئەخلاقنىڭ ئانىسى مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ.

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، ئەدەپ ۋە ئەخلاق دىگەن ئىككى سۆزگە بولغان چۈشەنچەمنى ۋە ئۇلارغا بەرگەن تەبىرىمنى بايان قىلدىم. دىمەك، ئەدەپ دىگىنىمىز، ئىنسانلار كوللىكتىۋى رىئايە قىلىدىغان پرىنسىپ. ئەخلاق دىگىنىمىز، شەخسى ئادەملەر رىئايە قىلىدىغان قائىدە. ئەدەپ، بىر رايون، بىر دۆلەت، بىر مىللەت خاراكتىرىنى ئالىدۇ. ئەخلاق،  شەخسى خاراكتىرىنى ئالىدۇ. بۇ سۆزلەرنى مۇشۇنداق دەپ قارىساق توغرا بولامدۇ يوق؟ بۇنىڭغا، تىلشۇناسلارنىڭ، ئەدەبىياتچىلارنىڭ، پەيلاسوپلارنىڭ ۋە ياكى بۇنىڭغا قىزىققۇچى كىشىلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىشقا توغرى كىلىدۇ.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 02-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 480 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3516
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

بىر پارچە باھا يېزىلدى

  1. You are my breathing in, I own few web logs and sometimes run out from to brand.

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز