2015ئاپرېل30
ئەتە، 2015-يىل، 1-ئەتىياز كۈنى، دۇنياۋى ئەمگەكچىلەرنى خاتىرلەش كۈنى. مەن، مەزگۇر ۋېبسىت «ئاكادېمىيە» دىن پايدىلىنىپ دۇنيادىكى بارلىق ئەمگەكچى بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە، 126- قېتىملىق خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
2015ئاپرېل30
Hoxna orunductiki bireylen man’a carap xundac didi: “bu poyizni henzuqe don’qe (动车) deydiken, buni biz uygurqe “tez poyiz” devatimiz, emma bu, poyizga kwp jehettin ohximaydiken”. Menmu u kixige carap: Togra deysiz, buni “poyiz yaki tez poyiz” disek muvapic bolmaydu, Buni helcaralic nami buyiqe, “EMU” disek togra boludu didim. Xunin’ bilen bu hecte yol buyi paran’lixip man’duc.
2015ئاپرېل26
«لاۋان» دىگەن سۆز، شۇ ناملىق گىيانىڭ نامى بولۇدۇ. بۇ نامنى، ئا. رەھمەتۇللا ئۇنىڭ لاتىنچە نامىغا ئاساسەن قويغان. «لاۋانگۇل»، ئا. رەھمەتۇللا قويغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، لاۋان ناملىق گىيا گۈلىنىڭ نامى بولۇدۇ. لاۋان ياكى لاۋانگۈلنى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ئۈستىقۇددۇس، ئۈستىقۇددۇس ئوتى» دەپ پارىسچە نامىدا ئاتالغان. مەن يەنىلا لاۋان، لاۋانگۈل دەپ ئۇيغۇرچە نامدا ئاتاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
2015ئاپرېل25
مەن، ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»دە، جان ياكى جانىۋار توغرىسىدا تەبىر ھەم ئىزاھات بەرگەن ئىدىم. مىنىڭدە يەنە جانىۋار زادى قانچە خىل تىپقا ئايرىلىدۇ؟ دىگەن سۇئالمۇ پەيدا بولغان. مەنبەلەرگە قاراغاندا، بۇنىڭغا ئەڭ دەسلەپتە جانىۋارلار، گىيالار بىلەن ھايۋانات دەپ ئىككى خىل تىپقا ئايرىلغان. بۇنىڭدىن تەخمىنەن تەخمىنەن 300 يىللار ئالدى-كەينىدە جانىۋارلار، يەنە مىكرۇبلار، گىيالار ۋە ھايۋاناتدىن ئىبارەت 3 خىل تىپقا ئايرىلغان. مەنمۇ 20-ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدىكى ئوقۇشلىرىمدا مۇشۇ تەلىماتتا ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كىيىنكى مەنبەلەرگە قاراغاندا جانىۋارلار، يەنە ۋىرۇسلار، مىكرۇبلار، گىيالار، ھايۋاناتدىن ئىبارەت 4 خىل تىپقا ئايرىلغان. 21-ئەسىر كىرىشى بىلەن نەشىر قىلىنغان مەنبەلەرگە قاراغاندا جانىۋارلار، يەنە ئەۋەلجانلار (prokaryotes، 原核生物)، ئاددىجانلار (Protist، 原生生物)، گىرىبلار (真菌، Fungi)، گىيالار، ھايۋاناتدىن ئىبارەت 5 تىپقا ئايرىلغان. مەن، جانىۋارلارنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇلارنى، ۋىرۇسلار، باكتىرلار، گىرىبلار، گىيالار، ھايۋانات، ئەۋلەملەر ۋە ئادەملەردىن ئىبارەت 7 خىل تىپقا ئايرىساق مۇۋاپىق بولامدىكىن دەپ قارايمەن. بۇنى ئىخچاملاپ «يەتتە خىل جان» ياكى «يەتتە جانىۋار » دەپ ئاتادىم. دىمەك، مەزگۇر ئەسەرىمدە، يەتتە جانىۋارنى ئايرىپ كۆرسەتتىم ھەمدە، ئۇلارغا قىسقىچە ئىزاھات بەردىم.
2015ئاپرېل24
«رىنوس» دىگەن سۆز، ئا.رەھمەتۇللا ئۇنىڭ لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويغان كالىغا ئوخشاش زور بىر ھايۋاننىڭ ئۇيغۇرچە نامى. رىنوس، ئۇيغۇر تىلىمىزدا «كەركىدان» دەپ ئاتالغان بولۇپ، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە، پارىسچە ئىسىم سۆز دەپ ئىزاھلانغان. رىنوس، ئەرەپچەدە «ئالكەركىدان»، پارىسچەدە «كەرگىدان»، ئۆزبەكچەدە ھەم «كەركىدان» دەپ ئاتالغان.
2015ئاپرېل23
ئەسرەئىلە (菊科Asteraceae)، «ئەسرە گۈللۈك گىيالار ئائىلىسى» دىگەننى بىلدىرىدۇ. ئەسرەئىلە دىگەن سۆز، ئەسرەرۇق (紫菀属Aster) دىگەن رۇق نامىدىن كەلگەن. ئەسرەئىلە، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى» دەپ ئاتالغان. ئەسرەرۇق، «يۇلتۇز گۈل ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالغان.
2015ئاپرېل21
قارامايلى ئىرىقارا تەبىستان دىگەن نام، قارامايلى تاغدىكى ئىرىقارا ھايۋانلارنى قوغدايدىغان تەبىستان دىگەن ئۇقۇمدىن ئىخچاملانغان. بۇ تەبىستان، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل، كۆكتوقاي، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىرى بىلەن سانجى خۇيزۇ ئوبلاستنىڭ گۈچۈڭ، جىمسار، مورى قاتارلىق ناھىيەلەر زىمىنلىرىنىڭ تۇتاشقان يەرلىرىدە بولۇپ، 1982-يىلى، 4-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلۇشقا باشلىغان.
2015ئاپرېل16
ئەسرەمەت (菊目Asterales)، قاپلىقدان گىيالارنىڭ بىر جەمەتى بولۇدۇ. بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن ئامېرىكالىق گىياشۇناس كرونكۇست سىستېماسىدا، ئەسرەمەتتە پەقەتلا «ئەسرەئىلە» (ئەسرە گىيالار ئائىلىسى) دىگەن بىرلا ئائىلە بار دەپ قارالغان. «شىنجاڭ ڧلورا»سى، ئەنە مۇشۇ چۈشەنچە بۇيىچە يېزىلغان ھەم نەشىر قىلىنغان. مەزگۇر ئەسەر يېزىلغانغا قەدەر، ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ ئۇقۇم بۇيىچە ئەسەرنەشىر قىلغان. ئەندى، 2009-يىلدىكى «APG» سىستېماسى بۇيىچە بولغاندا، ئەسرەمەتنىڭ 11 ئائىلەسى بار.
2015ئاپرېل16
«چارپاي» دىگەن سۆز، ئۆمۈلەپ ماڭىدىغان، سۆرۈلۈپ ماڭىدىغان، يەر بېغىرلاپ ماڭىدىغان، يامىشىپ ماڭىدىغان جانىۋارلارنىڭ ئومۇمىسىنى كۆرسىتىدۇ. چارپايلار جەمەتىدە، ۋارانئىلە دەپ ئاتالغان بىر ئائىلە بار. بۇ ئائىلەدە، ۋارانرۇق دەپ ئاتالغان بىر رۇق بار. ۋارانرۇقنىڭ تەخمىنەن 68 زاتى بار. دىمەك، ۋارانرۇق زاتلىرى، ئادەتتە ۋارانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەزگۇر ئەسەردە، ۋارانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، تارقىلىشى ھەم دۇنيادا بايقالغان ۋارانلار (ۋاران زاتلىرى) ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ھەم خەنزۇچە ناملىرى كۆرسەتىلدى.
2015ئاپرېل11
«مەۋسۇملەر» ناملىق ئەسەرىمنى، ۋېبسىت «ئاكادېمىيە» دە 2012-يىلى نەشىر قىلغان ئىدىم. بۇ قېتىمقى مەزگۇر ئەسەردە، «مەۋسۇملەر»نىڭ مەزمۇنىنى بىر ئاز كىڭەيتىپ، شىئېرى شەكىلدە، پەسىللەردىكى ئاي ھەم مەۋسۇم ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەپ قويدۇم. پىكىرىڭىزلەرگە مۇھتاجمەن.