خەتكۈش ‘ئىزاھاتى’
2015ئاۋغۇست22

يەتتە پەلىسەپە (七部哲学)

پەلىسەپەنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. مەن ئۆتكەندە «ئاكادېمىيە تورى» دا نەشىر قىلغان «پەلىسەپە دىگەن سۆزگە شەرھى» ناملىق ئەسەرىمدە، پەلىسەپەنىىڭ يەتتە تۈرىنىڭ نامىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇ قىتىمقى ئەسەردە، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ، ئەنە شۇ يەتتە پەلىسەپەگە قىسقىچە ئىزاھات بەردىم. ئىزاھاتىمدا نۇقسان يىتەرسىزلىكلەر ياكى خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

2015ئاپرېل25

«يەتتە جانىۋار» تەسەۋۋۇرى

مەن، ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»دە، جان ياكى جانىۋار توغرىسىدا تەبىر ھەم ئىزاھات بەرگەن ئىدىم. مىنىڭدە يەنە جانىۋار زادى قانچە خىل تىپقا ئايرىلىدۇ؟ دىگەن سۇئالمۇ پەيدا بولغان. مەنبەلەرگە قاراغاندا، بۇنىڭغا ئەڭ دەسلەپتە جانىۋارلار، گىيالار بىلەن ھايۋانات دەپ ئىككى خىل تىپقا ئايرىلغان. بۇنىڭدىن تەخمىنەن تەخمىنەن 300 يىللار ئالدى-كەينىدە جانىۋارلار، يەنە مىكرۇبلار، گىيالار ۋە ھايۋاناتدىن ئىبارەت 3 خىل تىپقا ئايرىلغان. مەنمۇ 20-ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدىكى ئوقۇشلىرىمدا مۇشۇ تەلىماتتا ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كىيىنكى مەنبەلەرگە قاراغاندا جانىۋارلار، يەنە ۋىرۇسلار، مىكرۇبلار، گىيالار، ھايۋاناتدىن ئىبارەت 4 خىل تىپقا ئايرىلغان. 21-ئەسىر كىرىشى بىلەن نەشىر قىلىنغان مەنبەلەرگە قاراغاندا جانىۋارلار، يەنە ئەۋەلجانلار (prokaryotes، 原核生物)، ئاددىجانلار (Protist، 原生生物)، گىرىبلار (真菌، Fungi)، گىيالار، ھايۋاناتدىن ئىبارەت 5 تىپقا ئايرىلغان. مەن، جانىۋارلارنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇلارنى، ۋىرۇسلار، باكتىرلار، گىرىبلار، گىيالار، ھايۋانات، ئەۋلەملەر ۋە ئادەملەردىن ئىبارەت 7 خىل تىپقا ئايرىساق مۇۋاپىق بولامدىكىن دەپ قارايمەن. بۇنى ئىخچاملاپ «يەتتە خىل جان» ياكى «يەتتە جانىۋار » دەپ ئاتادىم. دىمەك، مەزگۇر ئەسەرىمدە، يەتتە جانىۋارنى ئايرىپ كۆرسەتتىم ھەمدە، ئۇلارغا قىسقىچە ئىزاھات بەردىم.

2015مارت14

«جان» تەبىرىگە ئىزاھات

ۋېبسىت «ئاكادېمىيە» نىڭ 2015-يىل 14-نۇرۇز سانىدا، ««جان» دىگەن سۆزنىڭ تەبىرى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى «جان» دىگەن سۆزگە تەبىر بېرىلگەن ئىدى. بۇرادەرلەرگە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بېرىشنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزگۇر ئەسەردە، «جان» تەبىرىگە ئىزاھات بەردىم. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.