باش بەت > ئۇنىۋېرسال > دۇنيادىكى بۇ دېكتاتورلارغا قانداق قارايسىز؟
6سېنتەبىر

دۇنيادىكى بۇ دېكتاتورلارغا قانداق قارايسىز؟

دۇنيادىكى بۇ دېكتاتورلارغا قانداق قارايسىز؟

جىمسارى

ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ ئەلباشى مەرھۇم ئىسلام كەرىموفقا مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە ئەسەرىم باغداشتا نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن، مۇنازىرە قىزىپ كەتتى. ئىسلام كەرىموف، بىر مۇستەبىت دىگەن قاراشتىكىلەر كۆپ ئىكەن.
مۇستەبىت دىگەن نىمە؟ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: «ئەرەپچە سۆز، زالىم ھۆكۈمران، ئىستىبدات ». دىمەك، مۇستەبىت دىگەن سۆزنىڭ مەناسى، زالىم، ئىستىبدات دىگەننى بىلدۈرىدىكەن. مۇشۇ زالىم بولغان، ئىستىبدات بولغان ياكى مۇستەبىت بولغان ھۆكۈمران كىشىنى نىمە دەيمىز؟ بۇنى مەن «دېكتاتور» دەپ ئاتادىم.
دۇنيادا ئاجايىپ كۆپ دېكتاتورلار ياشىغان. مۇشۇ ئۆتكەن 25 يىل جەرياندا بىز تۆۋەندىكىدەك دېكتاتورلارنى كۆردۇق ياكى ئاڭلىدۇق. ئۇلار:
پاكىستاندا: زىيا. ھاك، مۇشەررەف.
قازاقىستاندا: نەزەربايەۋ.
ئۆزبەكىستاندا: ئىسلام كەرىموۋ.
قىرغىزىستاندا: ئاقايېۋ، باقىيېۋ.
تۈركمەنىستاندا: نىيازوۋ.
ئەزەربەيجاندا: ئەلىيېۋ.
ئىراندا: ھۆمەينەئى، ھامەينەيى.
ئىراقتا: سادام ھۈسەيىن.
سەئۇدى ئەرەبىستان: سەئۇدى جەمەتى.
سۇرىيەدە: ئەسەت 3 ئەۋلات (دادا، ئاتا، بالا).
مىسىردا: مۇبارەك ھۆسنى.
لىۋىيەدە: قەزافى.
تۈركىيەدە: رەجەپ تايىپ ئەردۇغان.
رۇسىيەدە: ۋىلادىمىر پۇتىن.
بىلارۇسىيەدە: لۇكاشىنكو.
ئامېرىكادا: بۇش ئاتا-بالا، باراك ئوباما.
كۇبادا: فىلدىر كاسترو.
شىمالى كورىيەدە: كىم جۇڭئىن جەمەتى.
دىمەك، دۇنيادا قانچە دۆلەت بولسا، شۇنچە دېكتاتۇر بولغان. قانچە گوروھ بولسا، شۇنچە دېكتاتۇر بار. قانچە دىن بولسا، شۇنچە دېكتاتۇر بار. قانچە شېركەت بولسا، شۇنچە دېكتاتۇر (دىرېكتور) بار. بىر ئائىلە باشلىقىمۇ بىر دېكتاتۇر بولۇدۇ. دىمەك، دېكتاتۇر، بىر «چەمبەر»نىڭ مەرگەزى باشقۇرغۇچىسى. خۇددى قويچىغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدىكى ھەممەنى باشقۇرۇدۇ.
بۇرادەرلەر، يوقۇرىدا مىسالغا ئالغان دىكتاتۇرلارنىڭ قايسىسى مۇستەبىت، قايسىسى ئادىل ئىش تۇتقان؟ بۇلارغا لىللا باھا بېرەلەمسىز؟ مەيلى قانداق سەۋەبلەر بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، بىز مۇستەبىت دەپ ھاقارەتلىگەن دىكتاتۇرلاردىن كىيىن قالغان دۆلەتلەر نىمە ئۈچۈن ئادالەتنى يولغا قويالمىدى؟ خەلقلەرى نىمە ئۈچۈن ئۇرۇش پاتقاقىغا پېتىپ قالدى؟
ئۆزبەكىستان، تارىخى ئۇزۇن بىر مەرىپەت، مەدەنىيەت بۈشۈگى. ئوتتۇرا ئاسىيا بۇيىچە، پىكىر ئېقىملىرى ئەڭ كۆپ، ئەڭ كۈچلۈك بىر رايون. ئاجايىپ مول تەپەككۇرلار بار رايون. ئوتتۇرا ئاسىيا بۇيىچە ئاڭ، ئىدىئولوگىيە ئەڭ مۇرەككەپ بولغان بىر رايون. ئىسلام كەرىموۋ، قانداقلا بولمىسۇن، ئۆزبەك جۇمھۇرىيەتىنى ھەر خىل نىزالاردىن ، بىھۇدە ئۇرۇشلاردىن تېنچ ئامان قالدۇردى. قايناقسۇ ئىچسىمۇ، خەلقنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى. جەمىيەت تېنچ ئامان بولسا، بەخت سائادەت ھەرگىزمۇ نېرى كەتمەيدۇ.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 09-ئاينىڭ 06-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 69 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=7309
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز