2016فېۋرال3
بايانىمدىن ئەۋۋەل، بۇرادەرلەرىمگە مەلۇم بولسۇنكى، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، ۋېبتور «باغداش»تا، «ئىلبىم دىگەن سۆز توغرىسىدا ئىزدەنىش» ناملىق مۇھاكىمە ئەسەر نەشىر قىلىنغان ئەدى. ئۇنىڭدا، «ئىلىم» ۋە «بىلىم» دىگەن ئىككى سۆز بار. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ «ئىلىم» ۋە «بىلىم» دىگەن ئىككى سۆزنىڭ چۈشەنچەسى ھەم ئۇلارنىڭ تەبىرلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىم بايان قىلىندى.
2016يانۋار28
«ئىلبىم» دىگەن سۆز توغرىسىدا ئىزدەنىش جىمسارى بايان ئاۋۋال مىنىڭ چۈشەنچەمدە، تىلىمىزدا يېڭى سۆزلەرنى ئىجات قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى، تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇش، ئىخچاملاشتۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. مەن، تىلشۇناسلىق بىلەن شوغۇللانمىغان بولساممۇ، ئۇيغۇرچە، «ئىلبىم» دىگەن بىر ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆزنى …
2014مارت16
مىنىڭ، تىلىمىزدا ھازىر قوللۇنىۋاتقان «ئىلىم پەن»، «پەن-تېخنىكا» دىگەندەك سۆزلەرنىڭ نامۇۋاپىق شەكىللىرىگە ئىچىم پۇشۇپ يۈرگىلى خېلى زامان بولدى. بۇ ئىككى سۆز توغرىسىدا، مۆھتەرەم تىلشۇناسلىرىمىز، ئەدەبىياتچىلىرىمىز، تىل يازىق خۇجايىنلىرىمىز، تەرجىمانلىرىمىزدىن ئۈمۈد كۈتكىلىمۇ ئۇزۇن زامان بولدى. ئەمما، بۇلاردىن ھېچقانداق سادا ياكى شەپە يوق. تىلىمىزدىكى «ئىلىم پەن» ۋە «پەن-تېخنىكا» دىگەن ئىككى ئىسىم سۆز شەكلىنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتمۇ؟ بۇنىڭغا مىنىڭ گۇمانىم بار. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچە پىكىرلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.
2012دېكابىر28
科学与技术 ئىلىم ۋە بىلىم ئىلىملەر، قاراڭغۇنى يورۇق قىلار، بىلىملەر، ئېغىرنى يەڭگىل قىلار. ئىلىملەر، ئادەمنى «پەرىشتە» قىلار، بىلىملەر، مۈشكۈلنى ئاسان قىلار. ilimler caran’guni yoruc cilar, bilimler egirni yen’gil cilar, ilimler ademni perixte cilar, bilimler muxkvlni asan cilar. .
2011دېكابىر18
«ئىلىم» ۋە «پەن» ئاتالغۇلىرىنىڭ ئاددى تەبىرى 学问和科学的定义 ئاپتورى: بوستاني مەنبەلەرگە قارىغاندا، «ئىلىم»دىگەن ئاتالغۇ، بىز ئەرەپچىدىن قۇبۇل قىلىپ، 1000 يىلدىن بۇيان ئۆزلەشتۈرۈپ قوللۇنۇپ كىلىۋاتقان ئىسىم. «ئىلىم» بىلىشىمچە، پەلسەپەدىكى بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ماقالىدا،«ئىلىم» نىڭ پەلسەپە …